- سەھىپە:ئۆزگە سىستېمىلار
- | باھا:3
- | زىيارەت: 592 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، windows8
مىكروسوفت Windows 8 قاپلىق نەشرىنى رەسىمى تارقىتىشتىن بۇرۇن، ئېتىبار باھادا توردىن سېتىۋېلىشنى يولغا قويغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيمىز ئەلۋەتتە. كەمىنە ۋىروسمۇ بىرقانچىنى ئېلىپ تاشلاپ قويدۇم. ئەتراپىمدىكى بىرقانچە ئاكاشلارمۇ مىكروسوفىتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان بۇ ئەمگىكىنى ئاڭلاپ، كومپيۇتېر ساۋادىنىڭ تۆۋەنلىكىگە قارىماي بەسبەستە سېتىۋالدى. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ مىكروسوفت تەرەپنىڭ بىزدىن(شىنجاڭ بازىرى) كۈتكەن نىشانىغا يىقىنلاشمايدۇ. بىز تېخىمۇ زور كۈچ چىقىرىپ بۇ مەھسۇلاتنىڭ شىنجاڭ بازىرىدىكى سېتىلىشى ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ ئورگان بېتىدىن چۈشۈرۈلۈش نىسپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك!
بىلىشىمچە ئېتىبار باھا، ھازىرقى رەسمى باھاسىدىن نەچچە ھەسسە تۆۋەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سېتىۋىلىش قىزغىنلىقى پەقەت كومپيۇتېر ساھەسىدىكىلەر ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ خادىملىرى بىلەن چەكلىنىپ قالدى. مانا ئەمدى بۇ پائالىيەت ۋاقتىمۇ توشۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ بىشىدىن باشلاپ رەسىمى ھالدا 1988 سومدىن سېتىلىشقا باشلىدى. ئەسلىدىنلا رايۇنىمىزدا سېتىلىشى دىگەندەك بولمىغان بۇ جانىۋارنى ئەمدى سېتىۋېلىش تېخىمۇ تەسلەشتى. ئەلۋەتتە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن، سېتىۋېلىش ئويى بولسىمۇ پۇرسەت بولمىغانلار يەنىلا مەۋجۇت. مۇشۇ ئەھۋالنى ئويلاپ ئۇيغۇربەگ بۇرادەر بىلەن 15 يۈرۈش Windows8 نى زاپاس ساقلاپ قويغان(ئەلۋەتتە ئىشەنچىلىك). بۇنى بىز يەنىلا ئېتىبار باھا بىلەن تورداشلارغا تەمىنلىمەكچى. سېتىۋېلىش ئويى بار ئەمما سېتىۋېلىشقا پۇرسەت بولمىغانلار ئەڭ ئاخىرقى بۇ بىر نەچچە يۈرۈش Windows8 قولدىن بېرىپ قويماڭلار. باھا يەنىلا 250 سوم. ناۋادا بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى باھادا سېتىۋالىمەن دېسەڭلارمۇ كېرەك يوق، بىز بىر تىيىن پايدا ئالمىغان شەرت ئاساسىدا كېرەكلىك قىسمىنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن، قالدى قىسمىنى بىر سوم پلانى قاتارلىق ئىشلارغا تورخۇمارلار نامىدىن ئىئانە قىلىمىز. سىز بىرلا ۋاقىتتا ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك ئۇيغۇرچە سىستېما سېتىۋالغاندىن باشقا، يەنە جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ياردەم كۈتۈپ تۇرغان ھەدە-سىڭىللىلەر، ئاكا-ئىنىلەرگىمۇ مۇشۇ پۇرسەتتە ياردەم قولىڭىزنى سۇنالايسىز. ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى :
ئۇيغۇربەگ | QQ : 761250477 – E-mail : uyghurbeg@yahoo.com – TEL : 15622899182
ۋىروس | QQ : 496538818 - E-mail : jewlani@torhumar.com
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- بەيدۇ شىركىتىنىڭ 12-چىسلادىكى ۋەقە بولغان باياناتى (5)
- WordPressنىڭ كودى بىلەن بلوگغا بلوگ ھەققىدە قىسقىچە ئىستاتىستىكا ئىقتىدارىنى قوشۇش (34)
- بىرنەچچە يۈرۈش WordPress چىراي ئىپادىلىرىنى توننىلاپ يوللىۋەتتۇققۇ! (13)
- روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، بلوگ ئەھلى، سىلەرنى پەتىلەشكە چاقىرىمەن… (42)
- [كۈندىلىك خاتىرە]ئۇيغۇربەگنىڭ ‹‹دوپپا مەدەنىيەت كۈنى›› (1)
- IE نىڭ باشبەت ئۆزگۈرۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش (12)
- WordPress دە بەت ئۈستى، ئاستى ۋە ئىنكاس رايونىغا قايتىش كونۇپكىسى قوشۇش (21)
- [يەرلىك قىستۇرما] WP-beFont – ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى (8)
- نېمىشقا سىزنىڭ wordpress بلوگىڭىز E-mail ئەۋەتەلمەيدۇ (3)
- بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (2-باب: خاككېر ئېمپىرىيىسى) (3)
- Prestan Simple 3 نەشىرىنى جىددي ياساۋاتىمەن، تەكلىپ پىكىر بارمۇ؟ (27)
- js ئارقىلىق بلوگ ئۈستىگە ئۇچۇر(ئېلان) چىقىرىش (2)