WordPressنىڭ كودى بىلەن بلوگغا بلوگ ھەققىدە قىسقىچە ئىستاتىستىكا ئىقتىدارىنى قوشۇش

615-1

 

ئالدىنقى بىر مەزگىللەردە، بىر خەنسو يولداشنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ بېتىدىكى بلوگغا دائىر بىر قانچە ئىستاتىستىكا ئۈنۈمىنى بايقاپ قالدىم، بۇ بولسا بلوگدا بار بولغان يازما، ئىنكاس، خەتكۈچ سانى ھەققىدە بولۇپ، يەنە ئازراق ھەپىلىشىپ ئولتۇرۇپ بۇنىڭ بلوگنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنى ساناپ بىرىدىغان باشقا كودىنىمۇ سۈزۈپ چىقاردىم.

 

مەزكۇر تېخنىكىنىڭ ئۈنۈمى

ئۈنۈمىنى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ يان تەرىپىدىكى « تۇرايىمىزنىڭ بايلىقلىرى » دېگەن ۋىجىتتىن كۆرۈڭ.

blogistatistikakod2

يازمىنىڭ داۋامى ۋە پايانى

خوش، يازمىنىڭ داۋامىدا بىز پەقەت كودنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرسۈتۈپ قويۇپلا، كودنى بىرىمىز. كودنى يان بۆلەككە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويساقلا بولىدۇ. كود بىلىدىغانلار ئۆزلىرىڭلار ھەپىلىشىپ  sidebar.phpدېگەن ھۆججەتكە قويۇۋالارسىز، بىلمەيدىغانلار بولسا تۇرايىمىزدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن « wp-php-widget قىستۇرمىسى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش » دېگەن يازمىدىن پايدىلىنىپ، ۋىجىت ئارقىلىق بولسىمۇ قوشۇۋالارسىلەر. كود بولسا تۆۋەندىكىدەك :

تۇرايىمىزنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى : 2009-10-24 

تۇرايىمىزنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا echo floor((time()-strtotime("2009-10-24"))/86400); ?> كۈن بولدى

 

 جەمئىي يازما : echo $published_posts = $count_posts->publish;?> پارچە  

 

 

 

قوشۇلغان خەتكۈچ echo $count_tags = wp_count_terms('post_tag'); ?> دانە  

چۈشكەن ئىنكاس جەمئىي


$count_comments = get_comment_count();

echo $count_comments['approved'];

?> پارچە 

 

كېلەركى يازمىمىزدىن ئالدىن خەۋەر

ئەتىدىكى يازمىمىزدا بىز بلوگغا Ctrl+Enterبى بېسىپ ئىنكاسنى بىۋاستە يوللايدىغان ئۈنۈمنى قوشۇش ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتىمىز. دىققىتىڭىز تۇرايىمىزدا بولسۇن!…

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


34 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • تىلەك | 2012.02.14 جاۋاب

    ئىسىل يازمىكەن، رەھمەت سىزگە.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.14

      پايدىلانغان بولسىڭىزلا بىز شۇنىڭغا خوش!

  • ئەلكۈن | 2012.02.14 جاۋاب

    پېقىرمۇ سىناقنى باشلىۋەتتىم

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.19

      سىناق نەتىجىسىنى تېخى دوكلات قىلمىدىڭىزيا ئەلكۈنۈم؟ :lol:

  • ئاقدۆڭ | 2012.02.14 جاۋاب

    :oops: بۇنىڭدىنمۇ ئاددىي ھەم ئاسان ئۇسۇل بارمۇ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.15

      بار، پۇلغا قوشتۇرۇش…(مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلۈش)

  • ئاقدۆڭ | 2012.02.14 جاۋاب

    مىنىڭ بلوگ ھەققىدىكى سەۋىيەم ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ بلوگ قۇرۇش جەريانىدا Uyghurbeg.Net تىن ئەڭ ياخشى پايدىلاندىم دەپ ئويلايمەن. Uyghurbeg.Net نىڭ بلوگ بىلدۈرگىسى ،بلوگ تېخنىكىسى دىگەن مەزمۇنلارنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمەن.بۇ يەرگەUyghurbegئەپەندى يەنە قانداق يېڭى مەزمۇنلارنى يازدىكىن ،قانداق پايدىلانمىلار بار كىن دەپ تورغا چىقساملا شۇ مەزمۇنلارنى كۆرىمەن.ئاخىردا يەنىمۇ كۆپ بىلىەملەرنى يوللىشىڭىزغا چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن.
    ئاخىرىدا تېنىڭىزگە سالامەتلىك ،سىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر،چەكسىز بەخىت تىلەيمەن.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.15

      ئىزگۈ تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت، دوستۇم…

  • ئەمدى يەنە بىر ئىنكاس يازاي!

  • boghlan | 2012.02.14 جاۋاب

    قىستۇرما قىستۇرماي كود ئارقىلىق چىقىرىدىغان ئىش بولسا ناھايىتى ياخشى ئىشكەنغۇ.
    رەھمەت بەگ تۆرەم.

    بولسا كېيىنكى يازمىلاردا كود ئارقىلىق رەسىملەرگە سۇ باسما تامغا چىقىرىدىغان بىرەر تېخنىكىنى ئۆگەنسەك بولاتتى. قىستۇرما سىناپ باقتىم، دىگەندەك ئەپلەشمىدى، Discuz چىلاردىن سورىسام قىستۇرما ئارقىلىقلا چىقىرىدىكەن

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.15

      كود ئارقىلىق ئۇنداق قىلىشنى مەن ھازىر سىناپ باقماپتىمەن، مۇنبەردە دېيىلگەندەك بىر قانچە قىستۇرما بىلەن قىلغىلى بولاتتى مەنچە…

    • boghlan | 2012.02.16

      ئۇ كودنى مەن سىناپ باقتىم، تەڭشىكى باركەن، توردىن ئىشلەتكەن رەسىمگە باسماي، يەرلىكتىن ئالبومغا چىقارغا رەسىم بېسىپتۇ، مەن كۆپىنچە توردىكى رەسىملەرنى ئۇلانما قىلىپ ئىشلىتەتتىم، بۇنىڭ بلوگ سۈرئىتىگە تەسىرى بولامدۇ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.18

      بەلگىلىك تەسىرى بولىدۇ ئەلۋەتتە، سانداندىن چىقىرىپ ئوقۇپ بولغۇچە…

  • boghlan | 2012.02.14 جاۋاب

    بەگ بۇرادەر، خەتكۈچتىكى wordpress خاتا بوپ قاپتۇ، ئوڭشىۋېتىپ ئۆچۈرىۋېتەرسىز ما ئىنكاسنى

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.15

      ھازىرلا تۈزىتەي…

  • elpida | 2012.02.14 جاۋاب

    ئەجەپ خۇش بولۇپ كەتتىم ، ئاخىرى مۇشۇ كودقا مۇناسىۋەتلىك مەشخۇلاتتىن بىرىنى كاللامنى ئىشلىتىپ ئوڭۇشلۇق قىلىۋەتتىم . يەنى سىز تەمىنلىگەن بۇ كودنى چاپلاپ بولۇپ قاراپ باقسام ئۇ ئۇچۇرلار سىزنىڭ بۇ تۇرايىڭىز ھەققىدە ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن كاللامنى ئىشلىتىپ :mrgreen: ئۆزۈمنىڭ بلوگىمغا مۇناسىۋەتلىك قىلىپ تەھرىرلەپ ئاندىن جەزىملەشتۈردۈم …لېكىن مۇنداق خاتالىق بار : ئۇ ئىستاستىكا ئۇچۇرلىرى باشقا ۋىجىت رامكىلىرىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە كۆرۈنمەي ، ئۇ رامكا دائىرىسىدىن ھالقىپ كۆرۈنۈپ قالدى . دەسلەپ ‹‹ بلوگ ئىستاستىكىسى ›› دەپ ۋىجىت قۇرمىغانكەنمەن . شۇنىڭ بىلەن خاس تىزىملىكتىن بىرنى بلوگ ئىستاستىكىسى دەپ قۇرۇپ قاراپ باقسام ، بلوگ ئىستاستىكىسى دېگەن ۋىجىتقا ئايرىم بىر بەت قۇرغان بىر تۈر كىرىپ قاپتۇ …ئىستاستىكا ئۇچۇرلىرى بولسا يەنە ئاۋالقىدەك ، دائىرە رامكىسى ئىچىدە ئەمەس …

  • elpida | 2012.02.14 جاۋاب

    مەن بلوگ ئىستاستىكىسى ھەققىدە مۇنداق تۈرلەرنى ئىشلىتىشنى ئويلاشقان ئىدىم :
    1. بلوگنىڭ ئومۇمى زىيارەت سانى
    2.بۈگۈنكى زىيارەت سانى
    3.تۈنۈگۈنكى زىيارەت سانى
    4.نۆۋەتتىكى زىيارەتچىلەر
    5.جەمئىي يازما
    6.بلوگ قۇرۇلغان ۋاقىت

    مۇشۇ تۈرلەر بويىچە ماڭا كود ياساپ بېرەلەرسىزمۇ ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.15

      مەن ئىزدىنىپ باقاي…

  • elpida | 2012.02.14 جاۋاب

    ئاپلا ،چاتاق بولدى ، مۇشۇ تەھرىرلەش رايۇنىدا قانداق بولدى بىلمەيلا قالدىم ، تۇيۇقسىز بارلىق كود ۋە ئارقا سۇپىدىكى بارلىق خەتلەر بىر دەرىجە كىچىك ۋە سۇس كۆرۈنۈپ قالدى . باش بەتكە چىقتىم ، بارلىق يازمىلارنىڭ خەتلىرى ئوخشاشلا كىچىكلۋاپتۇ . ئۇسلۇپ يۆتكەپ سىناپ باقتىم ، خەت ئوخشاشلا كىچىك . ئەسلى ئۇسلۇبنى قايتا قوزغاتتىم ، بارلىق بەتلەردىكى ئۇيغۇرچە ياكى غەيرى ئۇيغۇرچە خەتلەر بولسۇن ، ھەممىسى تامام كىچىك ۋە سۇسلىۋاپتۇ . ئەمدى بۇ كاشىلىنى قانداق ئوڭشارمەن.
    دوستلارنىڭ ئالدىدا ئەجەپ چانغىلى تۇردۇم …

    :cry: :cry: :cry:

    • ئەلكۈن | 2012.02.14

      سىز Ctrl كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ مائاس سىرىگۈچىنى ئايلاندۇرۇپ قاپسىز. شۇنى ئايلاندۇرۇپ سىناپ بېچىڭ! يەنى مائۇسنىڭ ئۈستىدىكى يۇمۇلاق سۈرگۈچنى.

  • جانىبەك | 2012.02.16 جاۋاب

    4.نۆۋەتتىكى زىيارەتچىلەر—— دەگەنى مىنا تور بەكەتتەن سىناپ كورىڭىز.
    http://www.whoisonline.net
    مەنىڭ تور بەكەتىم، footer قسىمىن كورىڭ.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.19

      رەھمەت دوستۇم، پايدىلىنىپ مەنمۇ قويۇۋالدىم :oops:

  • elpida | 2012.02.17 جاۋاب

    ئېنگىلىزچە تور بەتكەنغۇ ئۇ ، مەن كۆرەلمىدىم …

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.19

      ئىنگىلىزچە بىلىش كەتمەيدىكەن، ئاۋۇ بەتنى ئاچقاندىن كېيىن بلوگىڭىزنىڭ ئادرېسىنى كىرگۈزسىڭىز بىر كود چىقىرىپ بېرىدىكەن، شۇنى قويسىڭىز ئۈنۈمى كۆرۈلىدىكەن ئەينا…

  • رىنات | 2012.02.18 جاۋاب

    بۇ سىتاستىكا مېنىڭ بېتىمدىكىسى بىلەن سەل پەرقلىنىدىكەن. ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىككەن…

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.19

      سىزنىڭكىنى دەھشەت ياساپ قويغاندە خەنلەر… :mrgreen:

  • elpida | 2012.02.19 جاۋاب

    مەنمۇ قوشۇۋالدىم ئاخىر …

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.20

      مۇبارەك بولسۇن!

  • merwayit | 2012.02.29 جاۋاب

    خېلىدىن ئىزدەۋاتقان نەرسەمنى تېپىۋالدىم، رەھمەت بېگىم :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.1

      تۇرايىمىزنى ئاقتۇرسىڭىز ھەممە نەسە بارغۇ مەرۋايىت غوجام…

  • ئەركە | 2012.04.11 جاۋاب

    بىگىم ئۆزلىرىدىن تىل ئىشتىپ ئاندىن تەستە تاپتىم بۇ يەرنى… :evil: رەھمەت جۇما :???:

  • مېنىڭكىدە بىرلا قەدەمدە مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. رەھمەت سىزگە

  • مەلەك | 2012.09.22 جاۋاب

    :evil: يازما ۋە ئىنكاسلارنى ئۆزىمىز ساناپ تولدۇرۇپ بېرىدىغان ئىشمۇ بۇ ، ۋىجىتىن بىرنى قۇرۇپلا چاپلاپ قويىۋىدىم ،تۆۋەندىكى ئىككى قۇر خەتنى بولسىمۇ چىقىرىپ بەردى
    قوشۇلغان خەتكۈچ دانە
    چۈشكەن ئىنكاس جەمئىي پارچە :mrgreen:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif