- سەھىپە:WP قىستۇرمىسى
- | باھا يوق
- | زىيارەت: 911 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، internet, plugins, wordoress
تەتىل مەزگىلىدە ئەڭ چۇڭقۇر ھىس قىلغان ئىشلىرىمنىڭ بىرى، دىيارىمىزدا شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ ھېلىھەم IE6 ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقى بولدى. بىزدەك زىيارەتچىلەر ئۈچۈن تىرىشىدىغان بلوگگېرلار ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭلا ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ ئاددىيسى بلوگ ئۇسلۇبىنى بولسىمۇ IE6دە نورمال كۆرسۈتۈش ناھايىتى مۇھىم ئىش ئىدى. ئەپسۇسكى، بىز خالايدىغان نۇرغۇن ئۇسلۇبلار ئاللىقاچان IE6نى چۆرۈۋەتكەن ۋە ياكى IE6دا نورمال كۆرسۈتۈشكە بىز ۋاقتىنچە قادىر بولالمايمىز. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ كەمىنە بۇ ھەقتە ئىزدىنىش داۋامىدا مۇنداق بىر لايىھە ئويلاپ چىققان: يەنى IE6دا بىرخىل، باشقا جاھاننامىلەردە يەنە بىر خىل ئۇسلۇب ئىشلەتسەك بولغۇدەك. ئەپسۇسكى، بۇنى قانداق ھەل قىلىشنى بولسا ئويلاپ تاپالمىغانىدىم، مانا، بۇنىڭ چارىسىمۇ ئاخىرى چىقتى!…
قىستۇرما ھەققىدە
IE-Theme قىستۇرمىسى بولسا، مەخسۇس IE6دا زىيارەت قىلغان زىيارەتچىلەر ئۈچۈن ئايرىم ئۇسلۇب كۆرسۈتۈش رولىنى ئوينايدىغان قىستۇرما بولۇپ، بۇ قىستۇرما ئارقىلىق بىر بلوگدا ئىككى ئۇسلۇبنى ئىشلىتىش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز.
قىستۇرمىنى قاچىلاش ۋە قوزغىتىش
1.ئارقا سۇپىدىن «IE-Theme « دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەپ تېپىپ ياكى بۇيەردىن چۈشۈرۈپ سېستىمىغا ئورنىتىڭ.
2.قىستۇرمىلار مەركىزىدىن،مەزكۇر قىستۇرمىنى تېپىپ قوزغىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
3.ناۋادا كېرىكى بولمىسا،قىستۇرمىنى توختىتىپ ياكى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
قىستۇرما ئىشلىتىش ھەققىدە ئېزاھات
قىستۇرمىنى قوزغىتىپ بولغاندىن كېيىن،ئارقا سۇپىنىڭ «تەڭشەكلەر»قاتارىدا IE主题 دەپ بىر تاللاش قوشۇلىدۇ.بۇ يەرنى چىكىپ،قىستۇرمىنىڭ مەشخۇلات كۆرۈنىشىگە كىرىمىز.
ئاندىن كۆرۈنگەن كۆزنەكتە بىز IE6دا كۆرسۈتىدىغان ئۇسلۇبنى تاللاپ قويساقلا بولىدۇ.
تەۋسىيە: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى IE6 ئۈچۈن WordPressنىڭ سۈكۈتتىكى ئۇسلۇبى Twenty Tenنى ئىشلىتىشنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇسلۇب سېستىمىنى قاچىلىغاندىلا بار ھەمدە تەڭشەپ قويۇلغان بولغاچ، بىۋاستىلا ئىشلەتسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [WordPress ئۇسلۇبى] checkerize (ھەقلىق+ھەقسىز=ھەقسىز) (18)
- بىر قىسىم ئۇسلۇبلاردا Trojan.JS.Redirector نامىدىكى ۋىرۇس بايقالدى (18)
- تۈركىيە تەسىرلىك ھېكايە فىلىمى–ئاتام ۋە بالام، ئۇيغۇرچە خەتلىك سۈزۈك نۇسخىسىنى كۆرۈڭ ۋە چۈشۈرۈڭ! (121)
- ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە (5)
- Youkuنىڭ ئېلانىدىن زىرىكتىڭىزمۇ؟ ماقۇل، ئەمىسە كېرەمجان بىلەن ئەپلەيلى! (21)
- [مەخپىي رىتسىپ] WordPressدە مۇكەممەل بوشلۇق كۆچۈرۈشنىڭ سىرى (22)
- ئاچا-ئىنى ئوتتۇرىسىدىكى چىن ھىسسىياتنى ئىپادىلەپ بەرگەن ئۇيغۇرچە مىكروكىنو -ئىمتىھان نەتىجىسى (17)
- بېيجىڭدىكى سىتۇدېنتلار ئىشلىگەن يېڭى ئىجادىي مىكرو كىنو–BATTLE (13)
- 2-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى (3)
- [يەرلىك قىستۇرما] WP-beFont – ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى (8)
- ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە (5)
- قازاقىستان دەرۋىش ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇڭ ناخشىسى–ھەر ئاخشام (10)