- سەھىپە:WP تېخنىكىسى
- | باھا:22
- | زىيارەت: 2,481 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، بلوگ, بلوگگېر, بوشلۇق
«ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى»نى چەتئەلنىڭ باشقا بىر بوشلۇقىدىن ئۆزىمىز ئىشلىتىپ يۈرگەن باشقا بىر بوشلۇققا كۆچۈپ كەلگەنلىكىگە بىرەر ئەسىر بولاپ قالغان ئوخشايدۇ. يېقىندا، بىر قانچە خېرىدارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بوشلۇق كۆچۈرۈش ھەققىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەپىرىمىزنى باشلاپ ئۆتۈپ، «WordPressدە مۇكەممەل بوشلۇق كۆچۈرۈشنىڭ سىرى ۋە تەدبىرى»ناملىق مەزكۇر يازمىمىز ئۈچۈن تەييارلىق قىلدۇق، مەزكۇر يازمىدا رەسىم يوق، فىلىم يوق، پەقەت ناھايىتى كەسپىي بولغان ئاتالغۇلار بىلەن بوشلۇق كۆچۈرۈشنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپىنى سۆزلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە بارلىق جەرياننى خەرىتە شەكىلدە ئىزاھلاپ بېرىمىز، يازمىمىزغا چۈشكەن ئىنكاس ۋە تەلەپلەرگە قاراپ، مەزكۇر مەشخۇلاتنىڭ تولۇق جەريانىنى رەسىملىك ئىزاھلاپ چىقىشىمىز مۇمكىن، ئەمىسە يازمىنىڭ داۋامىغا مەرھەمەت…
WordPressدە مۇكەممەل بوشلۇق كۆچۈرۈشنىڭ تەبىرى
WordPressدە مۇكەممەل بوشلۇق كۆچۈرۈش دېگەن نېمە؟
ئېنىقكى، بۇ يەردىكى مەقسەت بوشلۇق كۆچۈشلا بولماستىن «مۇكەممەل» كۆچۈش، يەنى ئەسلى بوشلۇقتىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى، يازما، ئىنكاس، يوللانغان ھۆججەت، شۇنداقلا قىستۇرما…قاتارلىق ئەسلىدىكى ئۇچۇرلارنى 100% بولمىسىمۇ 99.999% كۆچۈرۈپ كېلىش دېمەكتۇر.
مەن تورغا يېڭى كەلگەنئاخۇن، مەنمۇ مۇكەممەل كۆچۈرەلەيمەنمۇ؟
ئىرادىڭىز ۋە تىرىشچانلىقىڭىز شۇنداقلا تاقىتىڭىز بولسا، ئەلۋەتتە، سىزمۇ قىلالايسىز، دۇنيادىكى ئەڭ دۆت ئادەم بولمىسىڭىزلا…
تەييارلىق پۈتتىمۇ؟
WordPressدە مۇكەممەل بوشلۇق كۆچۈرۈشنىڭ خەرىتىسى
1. يېڭى بوشلۇققا WordPress سېستىمىنى يۈكلەش ۋە ئورنىتىش
2. سانداننى كۆچۈرۈپ كېلىش، خەرىتە:
ئەسلى بوشلۇقتىكى ساندان ئۇچۇرلىرىنى phpmyadmin ئارقىلىق ئېكىسپورت قىلىپ چىقىرىۋېلىش –> يېڭى بوشلۇقتىكى ساندانغا phpmyadmin ئارقىلىق ئىمپورت قىلىپ ئەكىرىۋېلىش (ئىنكاس، يازما، باشقا مۇھىم ئۇچۇرلارنى يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ)
3. ھۆججەت كۆچۈرۈش، خەرىتە:
ئەسلى بوشلۇقتىكى wp-content نامىدىكى ھۆججەت قىسقۇچىنى يەرلىككە چۈشۈرۈۋېلىش –> يەرلىككە چۈشۈرۈۋالغان wp-content نامىدىكى ھۆججەت قىسقۇچىنى يېڭى بوشلۇققا يوللاش ۋە يېڭى بوشلۇقتا ھاسىل بولغان wp-content ناملىق ھۆججەت قىسقۇچتىكى ھۆججەتلەرنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇۋېتىش (ئەسلى بوشلۇققا يوللانغان مىدىيا ھۆججەتلىرى، ئۇسلۇب، قىستۇرما قاتارلىقلارنى كۆچۈرۈش كېلىش)
يۇقارقى باسقۇچ تاماملانغاندىن كېيىن :
ئەسلىدىكى بوشلۇقتىكى سېستىما ئورنىتىلغان باش ھۆججەت قىسقۇچتىكى ئۆزىڭىز قوشقان ھۆججەتلەرنى(مەسىلەن تۇغ ھۆججىتى، ئېئوت ۋە باشقا ھۆججەتلەرنى ) يېڭى بوشلۇققا ئوخشاش ئورۇندا كۆچۈرۈپ كېلىش
4. تور نامىنى يېڭى بوشلۇققا باغلاش
5. سىناش، سىناش يەنە سىناش!
WordPressدە مۇكەممەل بوشلۇق كۆچۈرۈشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى يۇقارقىدەك، يۇقارقى قەدەملەرنى چوقۇم قەدەم بۇيىچە ئېلىپ بېرىش كېرەك، يۇقارقىلارنى ئېزىپ قالماي قىلالىسىڭىز، ئىشىنىمەنكى، بوشلۇق كۆچۈشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالايسىز…
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- ئۇنتۇش ئۈچۈن ئەسلەش: مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئەشۇ چاغلار… (19)
- [ WordPress ھاياتىنى باشلاش ](2-قىسىم) WordPressنىڭ ئۇسلۇب قۇرۇلمىسى (17)
- « 58- نۆۋەتلىك بېرلېن ئەڭ نادىر قىسقا فىلىم مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن نادىر فىلىم – پەلەك (13)
- [باياننامە] ئۇيغۇربەگ ئىمتىھان ھەلەكچىلىكىدە… (4)
- «ئۇيغۇربەگ» دىكى يېقىنقى يېڭىلىقلار… (1)
- [يۇمتال چۈشۈرۈش] قۇتيار يۇمتال توپلىمى 1.0
- مۇنبىرىمىزنى www.blogdax.com ئارقىلىق زىيارەت قىلىڭ! (13)
- SEO ئوينايدىغان بلوگگېر كېلىڭ، SEO قىستۇرمىسىنىڭ ھاجىم دادىسىنى تونۇشتۇرۇپ قوياي… (19)
- WordPressنىڭ يازما تەھرىرلىگۈچىنى قىستۇرمىسىز ئىقتىدار كېڭەيتىش تەدبىرى (7)
- wordpress سېستىمىسىدا jquery ئۈنۈمىدىكى بلوگ لىفىتى ئىقتىدارىنىڭ يېڭى تەدبىرى (5)
- WordPress سۇپىسىدا يازمىلارغا كود قىستۇرۇشنىڭ بىر نەچچە تەدبىرى (2) (13)
- پرېستان نەگە كەتتى؟ (11)