- سەھىپە:WP دەرسلىگى
- | باھا:17
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، Wordpress
ئالدىنقى قېتىم [ WordPress ھاياتىنى باشلاش ] سەرلەۋھەسى ئاستىدا ‹‹ WordPress نى تونۇش›› ناملىق يازمام يوللانغاندىن كىيىن،بۇ بىر يۈرۈشلۈك دەرسلىكلەرنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى تاماملىغۇچە ۋاقىت ناھايىتى سۇزۇلۇپ كەتتى،بىرى ئۆگۈنۈش تەرتىپىمنى رەتكە سېلىپ بۇلالماي بولسا،بىرى ئۆكتەبىر بايرىمى ۋاقتى بېيجىڭ سەپىرى مۇناسىۋىتى بىلەن سەككىز كۈندەك تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىدى(بېيجىڭ تەسىراتلىرى ھەققىدە كىيىنرەك توختالغۇم بار)،بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ ئەسلىي ئورىگىنالى تەييارلانغان بۇ يازمىنى تىزلا تۈگەتتىم،تىزلا تۈگەتتىميۇ، بۇ يازمىغا ئۆزۈممۇ رازى بولمىدىم،چۈنكى،بىرى بۇ يازمىدا ئەسلىي ئويلىغان پىكىرلىرىمنى ئۇنتۇلۇپ قېلىپ خەنزۇچىدىن ئۆزلەشتۈرۈشكە مەجبۇر بولغىنى بولسا،يەنە بىرى،بىزنىڭ بلوگ ھەۋەسكارلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بۇنداق ئابىستراكت ئۇقۇملارغا تۇيۇنغان يازمىلارغا ئانچە ئىشتىھايى يوقلىقىنى ئەسكە ئالغىنىم بولدى،قېنى،باشقىلارنىڭ ئىنكاسى قانداقراق بولىدىكىن...
ئۇسلۇبدىكى ھەرقايسى ھۆججەتلەرنىڭ ئېزاھاتى
header.php: بۇ ھۆججەتتە بلوگ تېمىسى(title) ،بلوگ چۈشەندۈرۈلۈشى (description) ،خەتكۈچ،ھەمدە css ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
sidebar.php: بلوگنىڭ يان تەرەپ ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
footer.php: بەت تىگى ئۇچۇرلىرى،مەسىلەن نەشىر ھوقۇقى،سېستىما ئۇچۇرلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
archive.php: سېستىما تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان ‹‹ئارخىبخانا››سى،نۆۋەتتە ئاپتور،ۋاقىت،سەھىپە،خەتكۈچ تۈرلىرى بۇيىچە رەتلىنىشنى قوللايدۇ،تۆۋەندىكى كودلار archive.php ھۆججىتى ئىچىدىدە ئوخشىماس ئىزدەش تەلەپلىرىنى قانداق ئايرىيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ:
‘’ سەھىپىسىدىكى يازمىلار
‘’ خەتكۈچىدىكى يازمىلار
…………
يازما ئارخىبى
search.php: ئىزدەش نەتىجىسىنى كۆرسىتىدىغان بەت.
searchform.php: ئىزدەش ئۇچۇرىنى يېزىش كاتەكچىسى،header.php تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ.
single.php : پۈتۈن مەزمۇن كۆرسۈتۈلىدىغان post بېتى.
page.php: پۈتۈن مەزمۇن كۆرسۈتۈلىدىغان page بېتئ.
function.php : ئۇسلۇب ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدىغان بەت.
comments.php: ئىنكاس بېتى، single.php،page.php قاتارلىق ئىنكاس يېزىش لازىم بولىدىغان بەتلەرگە قوشۇۋېتىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.
style.css : ئۇسلۇبنىڭ جېنى،پۈتۈن ئۇسلۇبنىڭ قۇرۇلمىسى،بەت ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى بەلگىلەيدۇ.
screenshot.jpg : ئۇسلۇبنىڭ كۆرگەزمە سۆرىتى،ئادەتتە ئارقا سۇپىدىكى ئۇسلۇب تاللاش ئورنىدا كۆرۈنىدۇ.
ئۇسلۇبنىڭ قوزغىلىش جەريانى
ئۇسلۇب ئېچىلغاندىن كىيىن،جاھاننامە بلوگنىڭ HTML كودلىرىنى apache گە ئەۋەتىپ بېرىدۇ-دە، index.php قوزغىلىش ھالىتىنى ساقلايدۇ،ئاندىن بەت بېشى ھۆججىتى بولمىش header.php تامامەن قوزغىلىشقا باشلاپ ئۇسلۇب فونكىسىيە ھۆججىتىنى ئاكتىپلايدۇ،بۇ چاغدا،مەزكۇر ھۆججەتتىكى ئۇسلۇبنىڭ باشقا ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا پارامېتىرلار نورمال ئىشلەش ھالىتىدە تۇرىدۇ،ئەڭ ئاخىرىدا بەت ئايىغى ھۆججىتى footer.php نىڭ قوزغىلىش مەشخۇلاتى تاماملىنىدۇ،ئۇسلۇب بۇ ۋاقىتتا تۆۋەندىكى يۆنىلىش بۇيىچە تامامەن قوزغىلىپ بولغان بولىدۇ:
header.php->index,page,signle->sidebar.php->footer.php
ئەمەلىيەتتە،بىر Themeنى قوللايدىغان بىر سېستىمىغا نىسبەتەن،ئاشۇ سېستىمىنىڭ قورۇلمىسىدا سانلىق مەلۇمات ۋە كۆرۈنۈش مەسىلىلىرىنى ئايرىش ئىقتىدارىنىڭ سەپلىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ،بىز ئادەتتە دەۋاتقان MVC(Model、View、Controller)قورۇلمىسى دەل مۇشۇ مەنىدىكى قۇرۇلمىدۇر.بىز بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان WordPress سېستىمىسىمۇ مۇشۇ قورۇلما ئاساسىدا ئېچىلغان بولۇپ،ئۇ تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ:
XHTML:Div فۇنكىسىيىلىرى ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى،CSS ئارقىلىق كۆرۈنۈش شەكلىنى سۆرەتلەيدۇ.
Template:بەتنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىنى ئايرىم-ئايرىم .php قىلىپ ساقلاپ(مەسىلەن:sidebar.php,footer.php دىگەندەك)،بەت ئېچىلغاندا ئالاقىدار كودلارنى قوزغىتىش ئارقىلىق مەزكۇر مەقسەتكىمۇ يەتكىلى بولىدۇ.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- مېنىڭ WordPress نى تاللاشتىكى 10 باھانەم (10)
- تۇرايىمىز مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ئۇسلۇب ئالماشتۇردى (8)
- ئاگاھ بولۇڭلار ئەي بلوگگېرلار، ئەڭ مۇھىم قىستۇرما قىستۇرمىسى WP-PostViews ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى! (34)
- 20 تال نادىر ھەقسىز خەت نۇسخىسى
- يېڭى WordPressچىلەرنىڭ 5 قىززىق ئىشلىرى، سىز قانچىسىنى قىلىپ باقتىڭىز؟ (4)
- [WordPress تېخنىكىسى] باش سۆرەتلىك ئىنكاس ئۈنۈمى رېتسىپلىرى (8)
- [ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو] دۇنياۋى داڭلىق ئەسەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن نادىر كىنو–لەگلەك قوغلىغۇچى بالا (19)
- بېيجىڭدىكى سىتۇدېنتلار ئىشلىگەن يېڭى ئىجادىي مىكرو كىنو–BATTLE (13)
- 2-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى (3)
- [يەرلىك قىستۇرما] WP-beFont – ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى (8)
- ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە (5)
- قازاقىستان دەرۋىش ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇڭ ناخشىسى–ھەر ئاخشام (10)