[WordPress تېخنىكىسى] باش سۆرەتلىك ئىنكاس ئۈنۈمى رېتسىپلىرى

RCWAVATAR

قايسى كۈنى،تازا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان چېغىمدا، نەسىرىدىن ئەپەندىم ئاتايىن ئېشىكىنى مېنىپ مېنى ئىزدەپ كېلىپ ‹‹ئۇسلۇب ئالماشتۇرغان››لىقىمنى تەبرىكلىگەچ،ئاۋۇ بەت يېنىدىكى باش سۆرەتلىك ئىنكاس ئۈنۈمىنى قانداق ھاسىل قىلغانلىقىمنى سوراپ كەتكەنىدى،مەن ئەپەندىمگە ئالدىراشچىلىقىمنى چۈشەندۈرۈپ بۇ ‹‹رېتسىپ››نى كىيىنچە دەپ بىرىشىمنى سوراپ ئىشىمنى قىلىۋىرىپتىمەن،نەدىن بىلەي،ئەپەندى شۇ بىر يامانلاپ كەتكەنچە قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى،شۇنداق بىر كىشىنى يامانلىتىپ قويغانلىقىمغا ئىچىم پۇشۇپ،ئاخىرى بۇ رېتسىپلارنى تۇرايىمدا ئاشكارا ئېلان قىلىشنى قارار قىلدىم،نەسىرىدىن ئەپەندى بۇنى كۆرسە ئاچچىقى يېنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنى دەسلەپ ۋوردپرېسسكە يۆتكىگەن  ۋاقتىمدا،خەنزۇچە بلوگلاردىكى بۇ ئۈنۈمگە ناھايىتى قىزىقىپ،نۇرغۇن توربەت-بلوگلاردا قېدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىپ،بۇ ئۈنۈمنىڭ ئەڭ ئاددىي ھەمدە ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇلنىڭ ‹‹قىستۇرما››ئۈنۈمى ئىكەنلىكىنى بايقىغانىدىم،كىيىنچە،تەدبىركار ئەپەندىنىڭ تەۋسىيىسى بۇيىچە كود ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ ئۈنۈمنى ھەم ئەمەلگە ئاشۇردۇم.ئەلدىن-ئەلگە نەپ دەپتىكەن،ھەۋەسكارلارنىڭ ئىزدىنىشى ئۈچۈن بۇ ئۇسۇللارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
1.قىستۇرما ئۇسۇلى(يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن)
Recent Comments with Avatars قىستۇرمىسى دەل مۇشۇ ئۈنۈم ئۈچۈن لايىھەلەنگەن قىستۇرما بولۇپ،تۇرايىمىز بۇ ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقاتقانىدى(قاراڭ:ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان قىستۇرما: Recent Comments with Avatars)،بۇ قىستۇرمىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كىيىن،قوزغىتىپ ئىشلەتسىڭىز،ۋوردپرېسس ئارقا سۇپىسى كۆرۈنۈش بۆلىكى كىچىك قوراللار(WordPress 3.0 دە ۋېجىتلار دەپ ئېلىنغان) تىزىملىكىدىن تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
ياكى،تۆۋەندىكى كودنى sidebar.php ھۆججىتىدىكى مۇۋاپىق جايغا ئۇرۇنلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

قىستۇرما بېتى:

http://www.uyghurbeg.net/?p=364

2.WordPress  فۇنكىسىيە ئۇسۇلى
بۇ ئۇسۇلدا تۆۋەندىكى كودنى sidebar.php ھۆججىتىدىكى مۇۋاپىق جايغا ئۇرۇنلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

$comments = get_comments(‘number=10′);
foreach($comments as $comment) {
echo get_avatar( $comment, 32 ).

  • comment_post_ID).
    ‘ دىكى ئىنكاسى“>’.get_comment_author().
    ‘ : ‘.$comment->comment_content.’
  • ’;
    }
    ?>

    كود ھەققىدە ئىزاھات:
    number=10 كۆرسىتىلىدىغان ئىنكاس سانى 10 پارچە
    get_avatar( $comment, 32 ) كۆرسىتىلىدىغان باش سۆرەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كۆرسىتىدۇ
    get_comment_link() ئىنكاس ئۇلانما ئادرىسىنى كۆرسىتىدۇ
    $comment->comment_post_ID  ئىنكاس بىرىلگەن يازما تېمىسىنى كۆرسىتىدۇ
    get_comment_author()  ئىنكاسچىنى كۆرسىتىدۇ
    $comment->comment_content ئىنكاس مەزمۇنىنى كۆرسىتىدۇ

    بۇ ئۇسۇلغا ئىشلىتىلگەن كودلار ناھايىتى ئاز بولغاچ،ئۈنۈمىمۇ ئانچە چىرايلىق بولماسلىقى ئىنىق،كود ئاساسى بارلار ئۆزى سىناق قىلىپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ باقسا بولىدۇ.

    3.SQL تىلى ئۇسۇلى(بۇ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا ئىشلىتىلگەن ئۈنۈمنىڭ كودى)
    بۇ ئۇسۇلدائوخشاشلا  تۆۋەندىكى كودنى sidebar.php ھۆججىتىدىكى مۇۋاپىق جايغا ئۇرۇنلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

    global $wpdb;
    $sql = ”SELECT DISTINCT ID, post_title, post_password, comment_ID, comment_post_ID, comment_author, comment_date_gmt, comment_approved,comment_author_email, comment_type,comment_author_url, SUBSTRING(comment_content,1,25) AS com_excerpt FROM $wpdb->comments LEFT OUTER JOIN $wpdb->posts ON ($wpdb->comments.comment_post_ID = $wpdb->posts.ID) WHERE comment_approved = ’1′ AND comment_type = “ AND comment_author != ئىسمىڭىز‘ AND post_password = “ ORDER BY comment_date_gmt DESC LIMIT 10″;
    $comments = $wpdb->get_results($sql);
    $output = $pre_HTML;
    foreach ($comments as $comment) {
    $output .= ”n

  • “.get_avatar(get_comment_author_email(‘comment_author_email’), 18). “ ID) . ”#comment-“ . $comment->comment_ID . ”“ title=“" . $comment->post_title . “ دىكى ئىنكاسى“>“. strip_tags($comment->comment_author) .“: ”. strip_tags($comment->com_excerpt) .“
  • “;
    }
    $output .= $post_HTML;
    $output = convert_smilies($output);
    echo $output;
    ?>

    ئەسكەرتىش: ئاۋۇ ئىسمىڭىز دىگەن يەرنى سىز بلوگىڭىزدا ئىنكاسقا ئىشلىتىدىغان ئىسىمغا ئۆزگەرتىڭ،بۇ پەقەت شۇ ئىسىمدا يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.

    4.ئۇسلۇب فۇنكىسىيىسى ئۇسۇلى(بۇ ئۇسۇلنى كەمىنە سىناپ باقمىدى،تەۋەككۈلچىكىك روھى بار ئەزىمەتلەرنىڭ سىناپ بېقىشى ئۈچۈن تۇنۇشتۇرۇلىدۇ)
    ئاۋال بۇ كودنى ئۇسلۇب فۇنكىسىيىسى ھۆججىتى functions.phpدىكى ?> نىڭ ئالدىغا قويۇڭ(بۇ بەلگىنىڭ نەدىرەك ئىكەنلىكىنى مەنمۇ بىلمەيمەن).

    function get_avatar_recent_comment() {

    global $wpdb;

    $sql = ”SELECT DISTINCT ID, post_title, post_password, comment_ID,
    comment_post_ID, comment_author, comment_author_email, comment_date_gmt, comment_approved,
    comment_type,comment_author_url,
    SUBSTRING(comment_content,1,50) AS com_excerpt
    FROM $wpdb->comments
    LEFT OUTER JOIN $wpdb->posts ON ($wpdb->comments.comment_post_ID =
    $wpdb->posts.ID)
    WHERE comment_approved = ’1′ AND comment_type = “ AND comment_author != ‘ئىسمىڭىز‘ AND
    post_password = “
    ORDER BY comment_date_gmt DESC LIMIT 10″;

    $comments = $wpdb->get_results($sql);
    $output = $pre_HTML;
    $gravatar_status = ‘on’; /* off if not using */

    foreach ($comments as $comment) {

    $email = $comment->comment_author_email;
    $grav_name = $comment->comment_author_name;
    $grav_url = ”http://www.gravatar.com/avatar.php?gravatar_id=“.md5($email). ”&size=32″;
    ?>



  • “ alt=““ />

    comment_author); ?>:

    ID); ?>#comment-comment_ID; ?>“ title=“on post_title; ?>“>
    com_excerpt); ?>…


  • }
    }

    ئاندىن ئوخشاشلا  تۆۋەندىكى كودنى sidebar.php ھۆججىتىدىكى مۇۋاپىق جايغا ئۇرۇنلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

    شۇنداق قىلىپ،نەچچە كېچە ئولتۇرۇپ ئىزدىنىپ چىققان بۇ ئۈنۈم مۇشۇ يەردە تاماملاندى.نەسىرىدىن ئەپەندىنىڭ بۇ ھۈنەرنى ئۆگۈنۈۋالغاندىن كىيىن،قېچىپلا كەتمەي ئانچە-مۇنچە ئىنكاس يىزىپ قۇيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.



    无觅相关文章插件,快速提升流量

    
    8 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
    • پادىشاھ | 2010.08.22 جاۋاب

      بلوگباسقىمۇ ئىشلەمدۇ ؟

      • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.22

        بۇ WordPress ئۈچۈن قوللىنىلغان،بلوگباسقا ئىشلىمەسلىكى ئىنىق.

    • يۈكسەل | 2010.08.23 جاۋاب

      بۇنداق مۇرەككەپ ئۆزگەرتىشلەر ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن…

      • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.23

        بۇلارنى قىپ بولغۇچە نەچچە تال چاچ چۈشۈپ،نەچچىسى ئاقىرىپ بولىدۇ دىسىلە…

    • ھەي، نەسىرىدىن ئەپەندىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدۇم دەڭ، مېنىڭمۇ بىر قانچە قېتىم ئاچچىقىمنى كەلتۈرگەن ئىدىڭىز :-o ، ئۇنداق بولسا بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلارسىز ھە، قالايمىقان باشقىلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويماي… :wink:

      • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.24

        شۇ…ئەمدى…سىلىنىڭ ئۇنداق ئوڭاي ئاچچىقلىرى كەلمەيدۇ دەپ ئويلايمەن جىمۇ!

    • ماقۇل، ئۇيغۇربىگىم، يازمىلىرىنى ئوقۇپ بولۇپ قېچىپ كەتمەي… چۈنكى مەن بىر ياخشى بالا بولاي دىگەنتىم… :lol:

      • ئۇيغۇربەگ | 2010.09.16

        ئاپامغا دەپ قويدۇم،داۋاملىق كەپ تۇرسۇن،بوممىسا يامان ئۆگۈنۈپ قالىدۇ دەيدۇ…

    باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)

    
    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif