ئايفونچى بلوگداشلارغا تەۋسىيە ئەپ – WordPress for IOS

8_副本

WordPress for IOS ناملىق مەزكۇر ئەپ IOS سېستىمىلىق ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن ياسالغان نادىر ئەپلەردىن بىرى بولۇپ، بىز بۇ ئەپ ئارقىلىق يازما يوللاش، يازما تەھرىرلەش، ئىنكاس باشقۇرۇش دېگەندەك بىر يۈرۈش ئىشلارنى قىلالايمىز. ناۋادا ئايفونچى بلوگداشلارنىڭ ئايفونى تۈرمىدىن قاچۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلانغان بولسا، تېخى ئىنكاسلارغا ئۇيغۇرچە جاۋابمۇ بىرەلەيسىز.


WordPress for IOSنى چۈشۈرۈڭ

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

WordPress for IOSنى تەڭشەش ۋە ئىشلىتىش

WordPress for IOS ناملىق مەزكۇر ئەپنى ئىشلىتىشدىن بۇرۇن بلوگىڭىزنىڭ يىراق مۇساپىلىق يازما يوللاش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلگەن بولىشى كېرەك. مەزكۇر ئىقتىدارنى تېخى ئاچمىغان بولسىڭىز تۆۋەندىكىدەك مەشخۇلات قىلىڭ:

1. ئارقا سۇپا – تەڭشەكلەر – يېزىش تەڭشىكىگە كىرىڭ.

2. ئاندىن يىراقتا تۇرۇپ ئېلان قىلىش دېگەن تەڭشەكدىكى ئىككى تاللاشغا توغرا بەلگىسى قويۇڭ. رەسىمدىكىدەك:

wfios02

بۇ مەشخۇلات تاماملانغاندىن كېيىن، بىز WordPress for IOS ناملىق ئەپ ئارقىلىق يازما يوللاش-تەھرىرلەش مەشخۇلاتلىرىنى بىمالال قىلىشقا ئىشىك ئاچىمىز.

1. يۇقارقى مەشخۇلات تاماملانغاندىن كېيىن WordPress for IOS ناملىق ئەپنى ئۈسكۈنىمىزگە قاچىلايمىز. ئەپنى قوزغاتقاندىكى ھالىتى تۆۋەندىكىدەك:

IMG_0543_副本

2. ئاندىن شەخسىي بوشلۇقتىكى بلوگنى قوشۇش دېگەننى تاللايمىز(ئىنگىلىزچىسى Add self-hosted blog):

3. بلوگ ئۇچۇرىنى تولدۇرىمىز ۋە ساقلاش دېگەننى باسىمىز:

IMG_0541_副本

4. بلوگىمىز ئۇچۇرى ساقلىنىپ بولغاندىن كېيىن، بىز بۇ ئەپنى قوللىنىشنى باشلىۋەتسەك بولىدۇ.

ئۇيغۇربەگدىن تەسىرات

مەن مەزكۇر ئەپنىڭ ئىنكاس تەستىقلاش ۋە جاۋاب يىزىشدىن باشقا ئارتۇقچىلىقىنى كۆرمىدىم، ئەمما مەزكۇر ئەپ ئارقىلىق بلوگنىڭ ئارقا سۇپىسىغا ئۆتۈپ ئىنكاس تەستىقلاپ يۈرۈش جاپاسىدىن قۇتۇلدۇم دېسەممۇ بولىدۇ، بولۇپمۇ سىرىتتا يۈرگەن چاغلاردا بلوگىمغا ئىنكاس چۈشكەنمىدۇ دەپ ئەنسرەپ يۈرمەيدىغان بولدۇم(كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)،  ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئەپدە بىز بىر قانچە بلوگنى باشقۇرالايدىكەنمىز، بۇ يىرىمۇ ماڭا ناھايىتى ياقتى…

IMG_0540_副本IMG_0542_副本



无觅相关文章插件,快速提升流量

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


6 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • بىلىمىم | 2012.10.21 جاۋاب

    بىراق مەن تېخى تېلفۇنۇمغا ئۇيغۇرچە تۇنۇتامىدىم

  • ۋەھىمە | 2012.10.21 جاۋاب

    ئىسىل ئەپپكەن بۇ ، دوسلىرىمغا تەۋسىيە قىلاي

  • نىدا | 2012.10.21 جاۋاب

    راست، سىلىددك ھاللىلىق سەۋىيىگە يېتىپ، كۈنىگە 300 مىليون تاپىدىغانلار ھەمدە كەپىسىنىڭ بىزدەك سادىق ئوقۇرمەنلىرىنىڭ كۈندىلىك باردى-كەلدى IPسى ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدىغانلار ئايفوندا تەستىقلاپ ئۈلگۈرمىسە بۇ ئىنكاسلارنى تەستىقلاپ ئۈلگۈرەلمەيدىغانلىقى ئېنىق. :evil: :lol:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.10.25

      ھاھاھا….ما گەپنى ئاڭلاپ ip ئادرېسىمغا قاراپ يىغلىۋېتەي دەپ قالدىم…

  • مەپتۇن | 2012.10.22 جاۋاب

    توردىن ئىزدىسەم Android تېلېفونىدا ئىشلەيدىغان WordPress مۇ باركەن،قىزىقىدىغانلار ئويناپ باقارسىلەر.
    Play Store دىكى ئادرېسى:
    https://play.google.com/store/apps/details?id=org.wordpress.android&feature=search_result#?t=W251bGwsMSwxLDEsIm9yZy53b3JkcHJlc3MuYW5kcm9pZCJd

    • نىدا | 2012.10.22

      مۇشۇ گوگۇلنىڭ ئاشۇ بازىرىدىن ھېچنېمە چۈشۈرەلمىدىم دېسە. يانفونغا ئۇنىڭ ئەپ بازىرىنى قاچىلىساممۇ ئوخشاش.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif