- سەھىپە:WP دەرسلىگى
- | باھا:1
- | زىيارەت: 1,273 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، blog, ئۇيغۇر, ئۇيغۇربەگ
شۇنداق قىلىپ، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش دەرسلىكىمىز بىلەن WordPressيۈرۈشلۈك دەرسلىكىمىزنى رەسىمىي باشلاش قارارىغا كەلدۇق. گەرچە، ئالدىنقى قېتىم تورداشلاردىن بۇ ھەقتە پىكىر-تەلەپلەرنى ئالغان بولساقمۇ، دەرسلىكلەرنى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، خەتلىك ۋە سىنلىق يازمىلارنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەش قارارىغا كەلدۇق.Wordpress ئۆگۈتۈش خاراكتىرىدىكى يۈرۈشلۈك دەرسلىكلىرىمىز پۈتۈنلەي سىنلىق ھالەتتە؛ تەرجىمە قىلىش دەرسلىكىمىز بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا بولىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش دەرسلىكىنىڭ تېخنىكىلىق قىسمىنى پرېستان بۇرادەر ئۆز ئۈستىگە ئالغۇسى.كەمىنە ئۇيغۇربەگ نەزەرىيە قىسمى ھەمدە WordPress ئۆگۈتۈش خاراكتىرىدىكى يۈرۈشلۈك دەرسلىكنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن.بۇ ئىككى دەرسلىك تەڭلا باشلانغان بولغاچقا، ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ ئۆگۈنۈش ۋاقتىمۇ شۇنداق قىس بولغان بولغاچقا، بەلكىم بۇنىڭغا ئۇزۇن جەريان كېتىشى مۇمكىن.بىز ئامال بار دەرسلىكلەرنى چۈشۈنۈشلۈك ھەمدە سۈپەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، بالدۇرراق پۈتتۈرۈپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇشقا تىرىشىمىز.
بۈگۈن دەرسلىكنىڭ تېمىسى ‹‹ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە…››.
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىڭ پىرىنسىپى
ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش(تۆۋەندە ئوخشاشلا تەرجىمە قىلىش دەپ ئالغۇسىمىز) مەشخۇلاتىنى باشلاشتىن بورۇن، بىز بۇ مەشخۇلاتنىڭ پىرىنسىپى ھەققىدە ئازراق ئۇقۇمغا ئىگە بولۇشىمىز زۆرۈر. يەنى، ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش دېگەن نېمە؟ پىرىنسىپىچۇ؟
بىلگىنىمىزدەك، WordPress سېستىمىسى-دۇنيادىكى نوپۇزلۇق بېكەت-بلوگ سېستىمىلىرىدىن بىرى بولۇپ، مەزكۇر سېستىمىنىڭ ئارقا سۇپىسى-پىداكار توردىشىمىز مۇرشىدى ئەپەندىم تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى. ئەمما، سىرىتقى قىسمى، يەنى ئۇسلۇب قىسمىنى تورداشلارنىڭ ئۆزىگە تاشلاپ بەرگەن بولۇپ، تورداشلار ئۆزىنىڭ ئېھتياجىغا ئاساسەن ئۇسلۇب ياساپ بېزىسە بولىدۇ. ئەمدى، بىز تەكىتلەۋاتقان ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش دېگەن ئۇقۇمغا كەلسەك-بۇ ئۇقۇم دۆلەت-ئىچى سىرتىدىكى تورداشلارنىڭ ئىجادىي ئۇسلۇبلىرىنى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قوللىنىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش؛ئۇيغۇر توربەت ئۆلچىمىگە چۈشۈرۈشدىن ئىبارەت.
ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ.بىرىنچى، ئۇسلۇب ھۆججەتلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، يەنى ئۇسلۇبنىڭ قېلىپىدىكى يات تىل يېزىقلىرىنى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش. ئىككىنچى قىسمى، ئۇسلۇب پاسون ھۆججىتى style.cssنى تەڭشەش ئارقىلىق، ئۇيغۇرچىلاشقان ئۇسلۇبلارنى ئۇيغۇر توربەت ئۆلچىمىگە چۈشۈرۈش ياكى يېقىنلاشتۇرۇشدىن ئىبارەت.
بۇنىڭ ئىچىدە تېخنىكىلىق جەھەتتە بىر قەدەر نازۇك ھەمدە بىر قەدەر سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان قىسمى ئۇسلۇب پاسون ھۆججىتى style.cssنى تەڭشەش قىسمىدۇر.
تەرجىمانغا قويۇلىدىغان تەلەپ ۋە بىرىلىدىغان پىكىرلەر
مەن css بىلمەيمەن قانداق قىلىمەن؟ مەن phpدىن ئازراق بىلىمگە ئىگە،قانداق قىلىمەن؟مەن توربېكەت تەرجىمە قىلىپ باققان، ئەمما مەزكۇر سېستىمىغا ئەمدى كۆچۈپ كەلگەن، قانداق قىلىمەن؟…
مەن css بىلمەيمەن قانداق قىلىمەن؟ مەن phpدىن ئازراق بىلىمگە ئىگە،قانداق قىلىمەن؟بەلكىم، سىز مۇشۇنداق نۇرغۇنلىغان سۇئاللار ئىچىدە ئۆزىڭىزنى تۆۋەن تۇتۇپ يۈرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. بىلمىسىڭىز ھىچۋەقەسى يوق،ئەمما سىز بىلىپ تۇرۇپ تىرىشمىسىڭىز يەنىلا بولمايدۇ. مەسىلەن، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان php,css بىلىملىرىنى بىلمىسىڭىز ھىچ ۋەقەسى يوق،ئەمما يۇلۇققان مەسىلىنى چوقۇم ئۆزىڭىز ئىزدىنىپ، كۆپرەك قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرۈشۈڭىز كېرەك.ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن phpنى يىرتىۋەتكۈدەك سەۋىيە كەتمەيدۇ، مەنمۇ php ھەققىدە قارىغۇمەن،ئەمما سىزدىن ئەستايىدىللىق ھەمدە مەسئۇلىيەتچانلىق تەلەپ قىلىدۇ.يەنى، مەشخۇلات داۋامىدا، بىر تال چىكىت ياكى پەشنى ئۇياق-بۇياق قىلىۋەتسىڭىز ئۇسلۇبنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ قۇيۇشىڭىز مۇمكىن.
تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ قارىشى بۇيىچە تەرجىمانغا قويۇلىدىغان بىرقانچە تەلەپ ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغۇسىمەن.
1.php،cssلەردىن خەۋىرىڭىز بولمىسا ھۇدۇقماڭ.ئەمما يېنىڭىزدا بۇ ئىككى تىلنىڭ قوللانمىلىرى بولسۇن.
2.ئەستايىدىل بولۇڭ،كود بىلەن ھەپىلىشىڭ،ئەمما كودقا چاقچاق قىلماڭ، ئۇ چاقچاق كۆتۈرەلمەيدۇ.
3.سەۋىرچان بولۇڭ، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش بىر جەريان، بەزىدە سىزنىڭ نەچچە سائەتلەپ ۋاقتىڭىزنى ئالسا بەزىدە كۈنلەپمۇ ئېلىۋېتىشى مۇمكىن.
4.ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇسلۇبنى بىر قېتىم سېنىۋېتىڭ.
6.ئۇسلۇب ئاپتورىنىڭ بايانلىرىغا قۇلاق سېلىڭ. ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇسلۇب ئاپتورى نىمە دەپتۇ،ئۇسلۇبنىڭ قانداق ئىقتىدارى بار، قانداق قىستۇرمىلارنى ئىشلىتىدۇ دېگەن مەسىلىلىرىگە ناھايىتى دىققەت قىلىڭ،بۇ بەك مۇھىم.
7.ئىزدەش ماتورلىرىدىن پايدىلىنىشنى بىلىڭ. بىرەر مەسىلىگە يولۇقتىڭىز، ئىزدەش ماتورلىرى سىزنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىڭىز بولغۇسىدۇر.
يازمىنى يىزىشتىن بۇرۇن،نۇرغۇن تەلەپ-پىكىرلەر كاللامغا كەلگەنتى، ئەپسۇس، ھازىر يەنە نېمىلەرنى دىيىشنى ئونتۇلۇپ قالدىم. شۇنداق قىلىپ،بۈگۈنكى يازمىمىز مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى،كېلەر قېتىملىق يازمىمىزدا ‹‹Wordpress مۇھىتى ھازىرلاش››ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتكۈسىمىز.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- Prestan Simple ئۇسلۇبىمىز يېڭىلاندى، خاتالىق تاپقانلارغا ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدۇ!… (18)
- تېپىۋالغان پۇل،شەيتان ۋە ئادەم (ئەبجەش يازما)
- [ WordPress ھاياتىنى باشلاش ] (3-قىسىم) WordPress ئارقا سۇپىسىنى تونۇش
- [WordPress ئۇسلۇبى]ئۇزھال بلوگىنىڭ سابىق ئۇسلۇبى تارقىتىلىدۇ!…
- WordPress ئىنكاس رايونىنى بىزەش (8)
- دېسنىيگە تەۋە Pixar گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى كارتون ئەسىرى–ئاي ئەپسانىسى (7)
- « 58- نۆۋەتلىك بېرلېن ئەڭ نادىر قىسقا فىلىم مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن نادىر فىلىم – پەلەك (13)
- چەتئەلدە ئىشلەنگەن مىكروكىنو–تاملار ئارقىسىدا… (8)
- يېقىندا كۆرۈپ تۈگەتكەن، ماڭا ناھايىتى ياققان ئېسىل كارتون فىلىم–باتۇرلۇق قىسسىسى (9)
- شۇ ناملىق پوۋېسىتقا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مىكرو كىنو – رەھىمسىز دەريا (15)
- 73-قېتىملىق ئەڭ نادىر ئوسكار كارتون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن قىسقا كارتون فىلىم–ئاتا ۋە قىز (9)
- [ئۇيغۇرچە خەتلىك كارتون فىلىم] ئامېرىكىستان ئىشلىگەن چۇڭقۇر مەنىگە ئىگە كارتون فىلىم–قەيسەر ئات (11)