ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە

ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە:ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تىل - يېزىقى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى بويىچە سېلىشتۇرغاندا پۈتۈن دۇنيادىكى 6000 دىن ئارتۇق تىل ئىچىدە ئالدىنقى 70 نىڭ ئىچىگە كىرگەندىن باشقا، جۇڭگودا خەنزۇ (كانتون ۋە باشقا دېيالېكتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تىلىدىن قالسىلا 2- ئورۇندا تۇرىدىغان نوپۇزلۇق تىل-يېزىقتۇر. نۆۋەتتە Windows 8 ۋە گۇگول، ۋوردپرېس، ۋىكىپېدىيە قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئىشلەنگەن بولۇپ، IT ساھەسىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى ئازەرى، تاتار تىللىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇرغاندىن باشقا، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، ئوردو، تىبەت ۋە باشقا نۇرغۇن تىل-يېزىقلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.

Windows 8 ۋە نوكىيا يانفونلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى دوستلار 2013-يىلى 2-ئايدىن كېيىن ئىشلىتەلىشى مۇمكىن. گۇگولنىڭ ئۇيغۇرچە باش بېتى:

www.google.com/ug

ۋىكىپېدىيەنىڭ ئۇيغۇرچە بېتى:

ug.wikipedia.org

ۋوردپرېسنىڭ ئۇيغۇرچە بېتى:.

ug.wordpress.org

كانزاس ئۇنىۋېرسىتېتى تىل فاكۇلتىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى بۆلۈمى

http://www2.ku.edu/~ealc/languages/uyghur/index.shtml"

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى تىل فاكۇلتىتى ئۇيغۇر تىلى بۆلۈم

http://www.indiana.edu/~ceus/_undergraduates/uyghur.shtml

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل فاكۇلتىتى - ئۇيغۇر تىل ئوقۇتىشىمۇ بار:

http://sipa.columbia.edu/academi ... reign_language.html

يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك، ئۇيغۇر تىلى گەرچە خەلقئارالىق يوغان تىل بولمىسىمۇ، ئۆز نۆۋىتىدە سىتىراتېگىيەلىك تىل، تۈركىي تىللارنى ئۆگىنىشتىكى ئاچقۇچلۇق تىل، قارلۇق، ئۆزبېك تىللىرىغا ئاساس بولغان تىل ۋە گېرمانىيە، مىسىر، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە....لەردە ساقلىنىۋاتقان كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك كۆپ تارىخىي مىراسلارنىڭ تىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەرشارىدىكى ئەللىكلىگەن ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئۆگىنىش پىروگىراممىلىرى تەسىس قىلىنغاندۇر.

نۆۋەتتە گۇگولدىن قالسىلا ئەڭ يوغان ئىزدەش مۇلازىمىتى بولغان «مىكروسوفت بىڭ»نىڭ ئۇيغۇرچىسى مىكروسوفت شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلىنىۋاتىدۇ. پات يېقىندا (كېلەر يىلى ئىككىنچى ئايلاردىن كېيىن) ئۇيغۇرلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

مەنبەسى: مەزكۇر يازما ئىزدىنىش تور بىكىتىدىكى ئىزدىنىش باشقۇرغۇچىلىرىغا تەكلىپ دىگەن تىمىدىن قىسقارتىلىپ ئېلىندى.



无觅相关文章插件,快速提升流量

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


5 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • geek | 2013.02.1 جاۋاب

    ئىشقىلىپ ئۇيغۇر تىل يېزىقىمىزنى قوغدايلى ،
    كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل فاكۇلتىتىنىڭ ئۇيغۇرچىگە مۇناسىۋەتلىك بىتى ئىچىلمايدىكەن ..تەھرىرلىۋىتىلگەي .

  • ۋەھىمە | 2013.02.2 جاۋاب

    تىلىمىزنى باشقىلار شۇنداق ئەزىزلەپ ئۈگۈنىۋتىدۇ ، ئەمما ما جەنۇپ تەرەپلەرگە قارىساڭلار ……………………………………………………………….

    • سالىھ بىگ | 2013.02.3

      ۋاي ئاداش شىمال بىلەن جەنۇبنى ئالماشتۇرۇپ قويدۇڭلارمۇ قانداق . :grin:

  • كۆكلەم | 2013.02.2 جاۋاب

    ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر تىلىمىزنى ئۇيغۇربەگ قازاق تىلىنى ياخشى قەدىرلىشى لازىم :razz:

  • http://ug.wikipedia.org ئۇيغۇرچە ۋىكىپېدىيە نېمىشقا دىيارىمىزدا ئېچىلمايدۇ؟ بۇ توردىمۇ نېمە بار بۇ تورنى تاقىغىدەك؟ مەن پەقتلا چۈشەندمىدىم

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif