- سەھىپە:WP تېخنىكىسى
- | باھا يوق
- | زىيارەت: 607 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ:

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا دىققەت قىلىۋاتقانلار بىلسە كېرەك،تۇرايىمىزنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىنكاس سانى بىرقەدەر كۆپ بولغان زىيارەتچىلەرنىڭ باش سۆرىتىدىن تۈزۈلگەن ئۈچ قەۋەتلىك بىر تام بار بولغان بولۇپ،بۇ تامدا ئىنكاسچىنىڭ تەخەللۇسى،ئىنكاس سانى شۇنداقلا بلوگىنىڭ ئادرىسى چىقىپ تۇرىدۇ.بۈگۈن،موشۇ تامنى قانداق قوپۇرۇش ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتىمىز.
بۇ ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىشدىن بۇرۇن،توردۇنياسىنى خېلى قېزىپ،تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم.بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئاي بۇرۇنقى <<ئىنكاسچىلار تېمى>>قىستۇرمىسىمۇ(كۆرۈڭ:[wordpress قىستۇرمىسى] ئوقۇرمەنلەر تېمى(ئۇيغۇرچە قىستۇرما))مۇشۇ ئىزدىنىشىمنىڭ مەھسۇلى ئىدى.كىيىن،بۇ ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىشنىڭ ئىككى خىل ۋارىيانتى سەل ئوڭاي ھەمدە بىخەتەر بىلىندى،ئەمما،بۇ ۋارىيانتلار پەقەت شۇ كودلارنىلا تەمىنلەپ بەرگەن بولۇپ،PHP تىلىنى ئانچە بىلمەيدىغان بلوگگېرلارغا سەل قېيىن توختىشى ئېنىق .قېنى،ئاۋۋال كودنى بىر كۆرەيلى،مەنمۇ بىر ئىزاھلاپ باقاي…ئاۋۋال،تۆۋەندىكى كودنى سىز خالىغان جايغا،يەنى single.php،sidebar.php ۋەياكى page.php ھۆججەتلىرىنىڭ مۇۋاپىق بىر ئورنىغا قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ،چوقۇمدىن چوقۇم sidebar.php ھۆججىتىگە قويۇش شەرت ئەمەس.
كود:
ئەسلىي كوددا مەسىلە كۆرۈلگەچ،چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن ھۆججەتكە يۆتكەلدى،ئەسلى كودنى aktip inkasqilar01 ناملىق ھۆججەتتىن كۆرۈڭ.
كودتىكى ۋاقىت تەڭشىكى
15 قۇردىكى ERVAL 1 MONTH بولسا بىرئاي ئىچىدىكى ئىنكاسلارنى سانايدۇ.بىزنىڭ يۇقارقى كودىمىزدا شۇ بىرئاي ئىچىدىكى ئاكتىپ ئىنكاسچىلارنى تىزىپ چىقىرىدىغان بولۇپ،ناۋادا،سىز باشقىچە ھالەتتە تىزماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلار ھالەتتە تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
ۋاقىت دائىرىسى | كود |
بىر ئاي ئىچىدىكى | INTERVAL 1 MONTH |
ئۈچ يىل ئىچىدىكى | INTERVAL 3 YEAR |
ئىككى ھەپتە ئىچىدە | INTERVAL 2 WEEK |
ئالتە كۈن ئىچىدە | INTERVAL 6 DAY |
ناۋادا،سىز پەقەت مۇشۇ ئايدىكى ئىنكاسچى قاتارىنى كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز 8 قۇردىكى كودنى تۆۋەندىكى كودغا ئالماشتۇرۇڭ:
WHERE MONTH(comment_date)=MONTH(NOW()) and year(comment_date)=year(now())
ئىنكاسنىڭ تەستىقلىنىش ھالىتىنى بەلگىلەش
16 قۇردىكى AND comment_approved = ’1′ كود پەقەت تەستىقدىن ئۆتكەن ئىنكاسلارنى سانايدىغان بولۇپ،ناۋادا،سىز تەستىقلانمىغان ئىنكاسلارنىمۇ قوشماقچى بولسىڭىز بۇ قۇركودنى ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز بولىدۇ.
بىر قىسىم ئىنكاسچىلارنى ساقىت قىلىش
17 قۇردىكى كود AND comment_author_email != ‘example@example.com’ مەخسۇس ئىنكاسچىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلمەيدىغان ئىنكاسچى،مەسىلەن:بلوگ ئاپتورى دىگەندەكلەرنى كۆرسىتىدۇ.يەنى ئىنكاسچىلار قاتارىغا كىرگۈزۈشنىڭ ئورنى يوق ئىنكاسچىنىڭ ئېلخەت ئارىسىنى ‘example@example.com’ دىكى ئېلخەت ئادرىسىغا ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.ناۋادا،بىردىن كۆپ ئىنكاسچىنى ساقىت قىلماقچى بولسىڭىز،بىرنەچچە قۇر ئوخشاش كودنى يازسىڭىز بولىدۇ،مەسىلەن:
AND comment_author_email != ‘example1@example.com’
AND comment_author_email != ‘exam2@exam.com’
قاتاردىكى ئىنكاسچى سانىنى بېكىتىش
23 قۇردىكى LIMIT 15 ئىنكاسچىلارنىڭ سانىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ،بۇ يەردە 15 ئىنكاسچىنىڭ كۆرسۈتۈلۈشىنى بىلدۈرىدۇ،سىز قانچىلىك ئىنكاسچى كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ يەرنى ئۆزگەرتىپ چىقسىڭىزلا بولىدۇ.
باش سۆرەتنىڭ رازمىسىنى بەلگىلەش
30 قۇردىكى 55 دىگەن سان باش سۆرەتنىڭ رازمىسىنىڭ 55 * 55 چوڭلۇقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ،سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن بۇيەرنى ئۆزگەرتىپ چىقسىڭىز بولىدۇ.
ئۈنۈمنىڭ CSS كودى
ئەڭ ئاخىرىدا،بۇ ئۈنۈمنىڭ CSS كودى،بۇنى ئۇسلۇبدىكى style.css ھۆججىتىنىڭ ئەڭ ئاستىغا قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ،ئەلۋەتتە،ئۆزىڭىزنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارسىڭىز ھەم تامامەن بولىدۇ.
كود:
ئەسلىي كوددا مەسىلە كۆرۈلگەچ،چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن ھۆججەتكە يۆتكەلدى،ئەسلى كودنى aktip inkasqilar02 ناملىق ھۆججەتتىن كۆرۈڭ.
يېڭى بلوگگېر دوستلار ئۈچۈن كۆرسەتمە
بەلكىم،Wordpressنىڭ يېڭىچىلىرىغا بۇ جەريان بەك مۇرەككەپ تۇيۇلغان بۇلىشى مۇمكىن.ئەمىسە،يازمىنىڭ ئاخىرىدا بىرقەدەر مۇقىمراق بولغان ئۇسۇلنى ھەم تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى.ئاۋۋال بۇ قىستۇرمىنى قاچىلاڭ.نامى WP PHP widget،بۇ قىستۇرما ئارقىلىق يان ئىستوندا PHP كودلىرىنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ(چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلەنمىدى،ئۆزىڭىز ئىزدىنىپ چۈشۈرۈپ چىقىڭ).
ئاندىن،ئارقا سۇپا،كۆرۈنۈش رايونىدىكى ۋىجىتلەر قاتارىدىن php widgetنىڭ ئىچىگە تۆۋەندىكى كودنى قويۇپ چىقىمىز.
كود:
ئەسلىي كوددا مەسىلە كۆرۈلگەچ،چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن ھۆججەتكە يۆتكەلدى،ئەسلى كودنى aktip inkasqilar01 ناملىق ھۆججەتتىن كۆرۈڭ.
كود قىستۇرۇلۇپ بولغاندىن كىيىن،يۇقارقى CSS كودىنى يۇقىرىدا دىيىلگەن ئۇسۇل بويىچە ئۇسلۇب ھۆججىتى ئىچىگە چاپلاڭ.
2010.1.5 كۈنى يېڭىلاندى
تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن بىرخىل ھەيرانلىق ھىس قىلىپ،كومپىيۇتېرىمدا يۇقارقى كودلارنى ئېلىپ قايتىدىن سىناپ كۆردۈم،مەلۇم بولدىكى بىرىنچى كودتا مەسىلە كۆرۈلگەن،ئۈچۈنچى كود يەنىلا نورمال ئىشلىدى،شۇڭا،شۇ بىرىنچى كودنىڭ ئەسلىي كودىنى ئەپكېلىپ تەمىنلىدىم،بۇ قېتىملىق سىنىقىمدا مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى،تورداشلارنىڭ كودنى تۆۋەندىكى جايدىن بىۋاستە چۈشۈرۈپ قايتىدىن سىناپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.تۇنجى قېتىمدا مەغلۇب بولسىڭىز كودنى توغرا چاپلىدىڭىزمۇ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ.
PS:Wordpressدە كود چاپلاش ھەجەپ بىر مەسىلە بولدى،يازمىغا كودلارنى بىۋاستە چاپلىسام نىمە سەۋەبدۇردىنكىن،يازمىدىن كۆچۈرۈپ چاپلىسا خاتالىق كۆرۈلۈدىكەن.بىرقانچە كود قىستۇرۇش قىستۇرمىسىنى سىناپ باقتىم،ئەپسۇس ئۇسلۇب بىلەن توقۇنۇش يۈز بەردى،ئامال يوق،مۇشۇنداق كودنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللاندىم،دوستلار بۇ ئۇسۇلنى ھەل قىلالىغان بولسا ئورتاقلاشقان بولساق…
كود خاتالىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۇقارقى ئۈچ كود بۇ يەردە ئايرىم چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى.
بارلىق كودنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [ئويلىنىش]Pjblog4 دەۋرىگە قاچان كىرەرمىز؟ (1)
- كەپەمنىڭ ماتىرىيالىنى ئالماشتۇردۇم، يېڭىچىراق ھالدا يازايلى ئەمدى… (20)
- PHPSay مىكروبلوگ سېستىمىسى ئۇيغۇرچىلاشقان نۇسقىسىنى تارقىتىلدى (3)
- WordPress نىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشدىن ئېرىشكەن تەجرىبەم (10)
- [wordpress قىستۇرمىسى] WordPress Thread Comment ھەققىدە (16)
- >[WordPress ئۇسلۇبى]يېڭى ئۇسلۇب Ropera قازناقتىن چىقتى (1)
- ئۇنتۇش ئۈچۈن ئەسلەش: مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئەشۇ چاغلار… (19)
- ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار خالايىق، «2012-يىللىق 10 نادىر بلوگ»نىڭ بېلەت تاشلاش قىسمىنى باشلىۋەتتۇق!… (9)
- كونا بلوگداشلارنىڭ ئۇيغۇربەگدىن كۆپ سورايدىغان سۇئاللىرى ۋە ئۇيغۇربەگنىڭ جاۋابلىرى (22)
- [ئۇيغۇرچە خەتلىك كارتون فىلىم] ئامېرىكىستان ئىشلىگەن چۇڭقۇر مەنىگە ئىگە كارتون فىلىم–قەيسەر ئات (11)
- [ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو] دۇنياۋى داڭلىق ئەسەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن نادىر كىنو–لەگلەك قوغلىغۇچى بالا (19)
- تۇرايىمىزنىڭ مىكرو ئۇچۇر(微信) ئاممىۋى سۇپىسى ئېلان قىلىندى، قوللاپ بېرىڭ… (12)