WordPress نىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشدىن ئېرىشكەن تەجرىبەم

يېقىندىن بىرى،Wordpressنىڭ خەنزۇچە مۇنبەرلىرىدىن مەزكۇر سېستىمىنىڭ 3.0دىن يۇقىرى نۇسخىسى ھەققىدىكى قىزغىن تالاش-تارتىشلىرىغا قىزىقىپ،ئاۋۋال،ئۇيغۇربەگ تەجرىبىخانىسىنىڭ نەشىرىنى يۇقىرىلىتىپ مەغلۇب بولغاندىن كېيىن،ئالدىنقى قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن ئالغان ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ،يەنە ‹‹قاپ يۈرەكلىك››ھالدا،ئۇدۇللا ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ نەشىرىنى يۇقىرىلىتىش مەشخۇلاتى ئېلىپ باردىم ھەمدە مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا بۇ تەجرىبەمنى تاماملىدىم.نۆۋەتتە،مەن مەزكۇر سېستىمىنىڭ نەشىرىنى يۇقىرىتىلىتىشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرىنى تەجرىبەمگە ئاساسەن سۆزلەپ چىقىمەن.

مەشخۇلات ئېلىپ بېرىشدىن بۇرۇنقى تەپەككۇر

مېنىڭ بلوگىم نۆۋەتتىكى نەشىرىدە(ئەينى چاغدا 2.8 نۇسخىسى ئىدى) شۇنداق ياخشى يۈرۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ،قىستۇرمىلار،ئۇسلۇبلاردا ھىچقانداق چاتاق يوق يۈرۈشۈپ كەتتى،چىققان مەسىلىلىرىنى ئەينى چاغ ھەل قىلىپ بولغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئۇيغۇربەگ تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەتكەن 3.0.1 نۇسخىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇ نەشىرىنىڭ تەرجىمىسى شۇنداق چۈشۈنۈشلۈك،ئىشلىتىش قولاي(يەنى ئاددىي) تۇرماقتا،نۇرقۇت تورىدىن ئىگەللىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغا 3.0 نۇسخىلىرىدا بەت ئۇيغۇرچىغا تەڭشەلمىگەنىكەن،دىمەك ئىشلىتىش سەل بىئەپ دىگەن گەپ!ئۇنداقتا مېنىڭ بلوگنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشۈمنىڭ ئورنى بارمۇ؟ ...ئۇسلۇب ئىزدەپ نەلەرگە بارمىدىم،قارىسام 3.0 نۇسخىسىغا ماس كەلگۈدەك(يەنى،3.0نىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارلىرىغا ماس كەلگۈدەك)ئۇسلۇبلارنىڭ ئازلىقى،ئۇنداقتا مېنىڭ بلوگنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشۈمنىڭ ئورنى بارمۇ؟...بار،بار،نىمىلا دىمىگەن بىلەن يېڭى نەشىرىدىكى سېستىما كونا نەشىرىگە سېلىشتۇرغاندا مەلۇم جەھەتلەردىن ئارتۇق ھەمدە مۇكەممەل بولغان بولىدۇ،ناۋادا،بلوگنىڭ ئۈنۈمى ھەمدە ئىقتىدارى جەھەتتە ‹‹ئالاھىدە تەلەپ››ى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا،يېڭى نەشىرىنى ئىشلىتىپ ئىقتىدارلىنى سىناپ،قېزىپ كۆرگۈلۈك!مانا،بۇ  نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشدىكى مېنىڭ باھانەم،ئەمدى باشقا باھانىلەرنىڭ لازىمى قالمىدى،مەشخۇلاتقا تەييارلىق قىلايلى!...

1.ئەڭ ئاۋۋال،سانداننى شۇنداقلا سىز ئۆزگەرتكەن ھۆججەتلەرنى زاپاسلىۋېلىڭ

سېستىما نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن دەيدىكەنمىز،ئەلۋەتتە،مەشخۇلات جەريانىدا بەزىبىر خاتالىق سەۋەبىدىن مەغلۇب بولۇش بولۇپ تۇرىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى،مېنىڭ ‹‹ئۇيغۇربەگ تەجرىبىخانىسى›› ناملىق تەجرىبىخانامنىڭ نەشىرىنى يۇقىرىلىتىش جەريانىدىكى مەغلۇبىيەتلىرىمدىن ئېرىشكەن يەكۈنۈم شۇكى،ساندان-يەنى سىزنىڭ ماتىرىياللىرىڭىز ھەددىدىن زىيادە مۇھىم!شۇ كىچىككىنە خاتالىقتىن كىيىن،تەجرىبىخانامدىكى بارلىق ھۆججەتلەر ‹‹مۇرەببىم›› بولۇپ كەتتى،كىيىن ئەسلىگە كەلتۈرەلمەي قاقشاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،چوقۇمدىن چوقۇم:زاپاسلاڭ!سىزگە لازىملىق نەرسىنىڭ ھەممىنى زاپاسلاڭ!كەمىنە تەۋسىيە قىلىدىغان ماتىرىياللار:ساندان(ساندان باشقۇرۇش مەركىزىدىن زاپاسلاڭ)،ئۇسلۇب،قىستۇرما ھەمدە يوللانمىلار(يەنى،بوشلۇققا يوللىغان ھۆججەتلىرىڭىز)،بۇ ماتىرىياللارنى بوشلۇقدىن بىۋاستە چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.
تەۋسىيە زاپاسلاش ئۇسۇلى: WordPressنىڭ ئۆزىدە ماتىرىيال زاپاسلاش ئىقتىدارى بار،يەنى ئارقا سۇپىدىن ‹‹ئېكىسپورتلاش››ئىقتىدارى ئارقىلىق بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى سىقىپ چىقىرىۋالغىلى بولىدۇ،ناۋادا ساندان ئىشلىتىش تەجرىبىڭىز بولمىسا،ئەڭ ياخشىسى WordPressنىڭ شۇ ئىقتىدارىنى ئىشلىتىڭ.

2.ئارقا سۇپىدىن كىرىپ ئىشلىتىۋاتقان بارلىق قىستۇرمىلارنى ئاكتىپسىزلاڭ

بۇ مەشخۇلات تەرتىپى WordPress نىڭ ئۆزىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە تىلغا ئېلىنمىغان.ئەمما،مەن پايدىلانغان مەنبەلەرگە كۆرە،WordPress 2.7 نەشىرىدە،ئەسلىدىكى قىستۇرمىلارنىڭ مۇھىم كودلىرى يېڭى نەشىرىدىكى سېستىما بىلەن سىغىشالماسلىق مەسىلىسى كۆرۈلگەن(بۇ ئەھۋالغا مەن ئۇچراپ باقمىدىم،خۇداغا شۈكرى...)،شۇڭا،بەزىبىر ئىھتىماللىقلارغا كۆرە،يەنىلا بۇ ئىشنى قىپ قۇيۇڭ.

3.بوشلۇققا كىرىپ،كونا ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈڭ

بۇ يەردىكى كونا ھۆججەتلەر-سىز نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان WordPress ھۆججەتلىرىنى كۆزدە تۇتىدۇ.ئەسكەرتمە:wp-content ھۆججەت قىسقۇچىنى ساقلاپ قويۇڭ،چۈنكى،بايا بىرىنچى باسقۇچدا تىلغا ئالغان ئۇسلۇب،قىستۇرما دىگەندەك مۇھىم ھۆججەتلەر ئادەتتە مۇشۇ ھۆججەت قىسقۇچدا ‹‹ئارام ئېلىپ ياتقان›› بولىدۇ،قايتا يوللاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

4.WordPressنىڭ يېڭى ھۆججەتلىرىنى بوشلۇققا يوللاڭ

ئەمەلىيەتتە،بۇ 3-باسقۇچدىكى مەشخۇلاتنىڭ داۋامى،يەنى ئەسلىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ ئورنىغا يېڭى ھۆججەتلەرنى باستۇرۇشدىن ئىبارەت.

5.upgrade.php ھۆججىتىنى قوزغۇتۇڭ

4-باشقۇچ تاماملانغاندىن كىيىن،جاھاننامىنى قوزغۇتۇپ wp-admin/upgrade.php ھۆججىتىنى قوزغۇتۇڭ،ئاندىن كۆرسەتمىلەر بۇيىچە مەشخۇلات ئېلىپ بېرىڭ.
تەجرىبەم:مەن بۇ ھۆججەتنى قوزغاتقاندىن كىيىن ‹‹بىرنىمە بىرنىمە ھۆججىتى يوق ئىكەن›› دەپ ئۇچۇر چىققانىدى،قورقۇپ جېنىمنى ئالدى،ئەمدى مەن بار،ھودۇقماي سەپلىمە ھۆججىتىنى قۇرۇش دىگەن تاللاشقا كىرىپ،چىققان يەردىن بىۋاستە كىيىنكى قەدەمگە ئۆتۈڭ،ئاندىن سىزگە ساندان مەلۇماتلىرىنى توشقۇزىدىغان كاتەكنى چىقىرىپ بىرىدۇ،بۇ يەرگە سىز بۇرۇن ئىشلەتكەن سانداننىڭ ئۇچۇرلىرىنى تولۇق يېزىڭ،دىققەت:‹‹ساندان جەدۋىلى ئالدى قوشۇمچىسى››بۇ كاتەكچە سىز بۇرۇن تولدۇرغان مەزمۇن بىلەن چوقۇمدىن-چوقۇم بىردەك بولىشى كېرەك!بولمىسا،سىز باشقىچە يازسىڭىز بلوگنىڭ نەشىرىنى يۇقىرىلاتقان ئەمەس،يېڭىدىن بىر بلوگ ئاچقان بولۇپ قالىسىز.

6.قىستۇرمىلارنى ئاكتىپلاڭ

ئەمدى كىرىپ،بايا ئاكتىپسىزلاپ قويغان قىستۇرمىلىرىڭىزنى ئاكتىپلىۋېتىڭ،ئاندىن بلوگىڭىزنى ئېچىپ سىناپ كۆرۈڭ:بلوگ نورمال ئېچىلىۋاتامدۇ؟ئاق بوپ قاپتىمۇ سېرىقمۇ؟ نورمال ئېچىلغان بولسا: مۇبارەك بولسۇن،تارتقان جاپالىرىڭىزنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى،ئەمدى بىر پىيالە چاي ئىچىۋېلىپ بىر مەيدان CS(半条命) ئويناپ ھاردۇقىڭىزنى چىقىرىڭ،ئاندىن مەزكۇر تىمىغا ‹‹رەھمەت ئۇيغۇربەگ ئالىيلىرى،ھېلىمۇ سىلى بوپقاپتىكەنلا،بولمىغان بولسا نەلەردە سەرسان بولۇپ يۈرەر بولغۇيتۇم ھە؟!››دەپ بىرپارچە ئىنكاس يوللاپ قويۇڭ.ھە نىمە؟ نورمال ئېچىلمىدى؟ ئالەششەنى،سىز چوقۇم بىريەرلەرنى خاتا قىلدىڭىز،تىزدىن بېرىپ زاپاس سانداننى يوللاپ بلوگىڭىزنى قۇتقۇزۇڭ!...



无觅相关文章插件,快速提升流量

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


10 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • پېرخون | 2010.10.24 جاۋاب

    ئۇيغۇربەگ ئەپەندى … رەنجىمەي ماڭا ماۋۇ ئۇسلۇبنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز …
    http://www.uyghurbeg.net/?p=446

    ئېلخەت ئادىرىسىم :496538818@qq.com

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.10.26

      ئۇسلۇب ئەۋەتىلدى،تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمۇ؟

  • پېرخون | 2010.10.24 جاۋاب

    يەنە بىر گەپ ”` مەن ۋورد پرېسس نىڭ ئۇيغۇرچە ئەڭ يىڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن ،،، باشقۇرۇش بېتى ۋە ئۆزلىرى تەمىنلىگەن ئۇسلبدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال ئەمەس … شۇڭا ۋورد پرېسس قا eot نى قانداق قويىمىز سوراي دىگەنتىم ”

    • ي. م. ئىلقۇت | 2010.10.24

      ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،
      سىز /web/wp-content/themes/xxxx/ مۇشۇ ھۆججەت ئادرىسى بويىچە كىرسىڭىز (xxx سىز ئىشلەتكەن ئۇسلۇب ئىسمىنى بىلدۈرۈىدۇ) ئىچىدە بىر style.css ھۆججىتى بار، مۇشۇ ھۆججەتنى سىز Editplus ياكى Notepad++ قاتارلىق تەھرىرلىگۈچتە ئېچىپ ئىچىگە @font-face{
      font-family:ukij tuz tom;
      src:url(/eot.eot);
      } نى يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ. (بۇنىڭ ئىچىدىكى /eot.eot سىزنىڭ بوشلۇققا چىقارغان Eot ھۆججىتىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.)

  • Uyson | 2010.10.24 جاۋاب

    بېكىتىڭىز چىرايلىق چىقىپتۇ، مۇبارەك بولسۇن!

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.10.24

      كەلگەن قەدىمىڭىزگە رەھمەت،تەلەپ-پىكىرلەر بولسا ئايىماي بەرگەيسىز!…

  • marshal | 2011.01.29 جاۋاب

    مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىش ئۈگۈنۈش ۋە ئۈگۈتۈش… كۆپ ئەجىر قىلىۋاتىسىز قېرىندىشىم… ھەرقىتىم ئۇيغۇربەگ كە كىرىپ بىرە ئىككىتال يېڭىلىقلاردىن يانچۇقۇمغا تىقىۋىلىپ چىقىپ كەتسەم خۇددى مەندەك بىلىملىك ئادەم يوقدەك ھېسقىلىمەن :oops: :grin: :idea:

    • ئۇيغۇربەگ | 2011.01.30

      ئىنكاسلىرىڭىزنى ئايىماي بېرىۋەرسىڭىز،بلوگىمنى خۇددىي دۇنيادىكى ئەڭ نادىر بلوگدەك ھىس قىلىمەن!

  • نىجات(小小尼) | 2012.10.6 جاۋاب

    ئاكا ئۇزاق بولۇپتۇ بىكىتىڭگە كەلمىگىلى،لىكىن تور بېتىڭ بۇرۇنكىدىن جىق تەرەققى قىپتۇ جۇمۇ!ئشلىرىڭنڭ بۇنۇڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى بۇلۇپ كېتىشىنى ئۈمىد كىلىمەن! :razz:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.10.25

      مەن ئاكاڭ ئەمەسقۇ بۇرادەر، ئاداش دېگىنە….تۇيۇقسىز كەپ قاپتىكەنسەن ھۇدۇقۇپ كەتتىم، يېنىڭدا پۇل قالمىدىمۇ يا؟

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif