«2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ»ئىچىگە كىرگەنلىكىمىزگە ئاتاپ

20105top01_conew1

شۇنداق قىلىپ،يۈكسەل بلوگى باش بولۇپ تەشكىللەپ،ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇرلاردىكى«2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» باھالاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى ئاخىرى ئېلان قىلىندى.تۇرايىمىز-يەنى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە 311 نەپەر بېلەت سانىغا ئېرىشىپ،«2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ»نىڭ بەشىنچىسى بولۇپ باھالاندى.بۇ،بىزنى-يەنى پرىستان بىلەن كەمىنە ئۇيغۇربەگنى ناھايىتى ئىپتىخارلاندۇردى…

پائالىيەت ھەققىدە

كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولغىنىدەك، يۈكسەل بلوگى 2008 – يىلى تارىختا تۇنجى قېتىم ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 10 – چوڭ بلوگنى باھالاپ چىقىش پائالىيىتى ›› مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىللەپ، كەڭ تورداشلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە ‹‹ 2008 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ ›› نى باھالاپ چىققان ئىدى. بۇ قېتىملىق باھالاش پائالىيىتى Blog نى ئۇيغۇر تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەننى ئۇيغۇر Blog لىرىغا جەلپ قىلىش، ئۇيغۇر Blog لىرىنىڭ ئۆزىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشقا ئوخشاش بىر قاتار ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
ئۆتكەن يىلى دىيارىمىزدىكى بلوگگىرلار ‹‹ ئۇزۇن مۇددەتلىك دەم ئېلىش ›› قا قويۇپ بېرىلگەن بولغاچقا، تارىختىكى ‹‹ 2009 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ ›› بېتى ئاق قېلىشقا توغرا كەلدى. 2010 – يىللىق تور مۇساپىمىز 5 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئاندىن باشلانغان بولسىمۇ ، ‹‹ 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ ›› ۋاراقلىرىنى يەنىلا ئاق قويۇشقا كۆڭلىمىز ئۇنىمىدى. شۇڭا بىز ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاش ›› پائالىيىتىنى تەشكىللەشنى قارار قىلدۇق(يۈكسەل بلوگىدىن ئېلىنغان نەقىل).

بۇ پائالىيەت جەمئىي ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنگەن بولۇپ،ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى باسقۇچ: بلوگ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش باسقۇچى بولۇپ، بلوگگىرلار ئۆز بلوگىنى كۆرسەتسىمۇ ياكى ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بلوگلارنى كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ باسقۇچ 11 – ئاينىڭ بېشىدىن ئاخىرغىچە داۋاملاشتى.
ئىككىنچى باسقۇچ: نامزات بلوگلارنى ئاۋازغا قويۇش باسقۇچى . بۇ باسقۇچ 12 – ئاينىڭ بېشىدىن 25 – كۈنىگىچە داۋاملاشتى.
ئۈچىنچى باسقۇچ: 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە بولغان باھالاش بېلەت – ئاۋازلىرى ستاتىستىكا قىلىنىپ،بۈگۈن،يەنى 2011-يىلى 1-يانۋار كۈنى يۈكسەل بلوگىدا ئېلان قىلىندى.

نەتىجىدىن ئوغچىغان خۇشاللىق

تۇرايىمىز-شۇنچە ياش ھەمدە تەجرىبىسىزلىكىگە قارىماي،بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە نومۇر باھاشدا تۆتىنچى،بېلەت تاشلاشدا بەشىنچى بولۇپ،<<10 چوڭ بلوگ>>نىڭ ئىچىگە كىرەلىدى.بۇ،بىزنى-يەنى پرىستان بىلەن كەمىنە ئۇيغۇربەگنى ناھايىتى ئىپتىخارلاندۇردى.بىز تۇرايىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشى ھەمدە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدۇق،شۇنداقلا،شۇنى نىيەت قىلدۇقكى،بىز تېخىمۇ تىرىشىپ،ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ سەركىلىرى بولۇشقا ئىنتىلىمىز.

كەمىنە،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇيەردىكى باشقا << 10 چوڭ بلوگ>>كىرگەن بلوگگېرلارنى قىزغىن قۇتلۇقلايدۇ شۇنداقلا،بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان-قاتناشمىغان بارلىق بلوگگېر دوستلارنىڭ بوشاشماي،ئۇيغۇر تورچىلىقىنى،جۈملىدىن ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنى گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشقا چاقىرىق قىلىدۇ…

پائالىيەت داۋامىدا ھىس قىلغانلىرىم

20105top01

مەزكۇر پائالىيەتكە باشتىن-ئاخىر كۈزىتىپ كەلدىم.بۇ جەرياندا كۆرۈلگەن بىر قىسىم مەسىلىلەر مېنى ئازراق ئويلاندۇرغان بولسىمۇ،ئەمما،يۈكسەلجاننىڭ ئەتراپلىق ھەمدە تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن،بۇ مەسىلىلەر پائالىيەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمىدى.بولۇپمۇ،بېلەت تاشلاش داۋامىدىكى ساختىلىقلار مېنى سەل ئەنسىرىتىپ قويغانىدى(كۈلۈپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)،ئەمما،تېخنىكىلىق مەشخۇلاتلار بىلەن بۇ ساختىلىقلار ساقىت قىلىندى.ئەمما،قايىل بولماي تۇرالمايمەنكى،بلوگ تاشلاش كۆزنىكىگە ئىشلىتىلگەن تېخنىكا ھەقىقەتەن ئىسىلكەن،ساختا بېلەت،ساختا IP ھەممىنى سۈزۈپ چىقالايدىكەن ئەمەسمۇ،تېخنىكا ھەي تېخنىكا!…

ئەينى چاغ،بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ-پىكىر بېرىش باسقۇچى شۇنداق قىززىق باشلانغان ئىدىيۇ،كەينىدىكى باسقۇچ،يەنى بلوگغا نامزات بىرىش باسقۇچىدا يۈز بەرگەن بىرقىسىم كۆڭۈلسىزلىكلەر مېنى ئويلاندۇردى.بىر بلوگنىڭ <<ساختىلىق>> ئىشلىتىپ،نامزاتلىقتىن ئېلىپ تاشلىنىشى،ئەمما بلوگگېرنىڭ بۇ جەرياندىكى نارازىلىقى؛يەنە بىر ياش بلوگگېرنىڭ كىچىككىنە ئىش تۈپەيلى ئاچچىقلىنىپ،باشقا بلوگگېرلارغا تەسىر كۆرسۈتۈشى-مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى ھەمدە تۈزۈمنىڭ تېخىمۇ كونكىرىتنىي بولۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا،ئۇمۇمىي تاشلانغان بېلەت سانى بىزنى بۇ پائالىيەت ھەققىدە ئويلىنىشقا يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىدۇ.بۇ قېتىم مەزكۇر پائالىيەتتە جەمئىي 2089 نەپەر تورداش بېلەت تاشلىغان بولۇپ،80 خالتا بلوگىدىن باشقىلارنىڭ بېلەت سانى 500گە يەتمىگەن.ناۋادا،نۆۋەتتىكى تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بار ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ ئۇمۇمىي سانى بىلەن بېلەت سانىنى نىسبەتلەشتۈرۈپ باقىدىغان بولساق،بۇ يەردىكى پەرقنىڭ ناھايىتى چوڭلۇقىنى ھىس قىلىمىز.بۇنى مەن بلوگ دىگەن ئۇقۇمنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى تۇتقان ئورنى بىلەن مەزكۇر پائالىيەت تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن بىرىكتۈرۈپ چۈشەندىم.

يەنى،ئۇيغۇرلاردا تورغا چىقىدىغانلار كۆپ،ئەمما،بلوگنى بىلىدىغانلار ھەمدە چۈشىنىدىغانلار ئاز(خۇددىي،قايسى كۈنى يۈكسەل بلوگىغا چۈشكەن بىر ئىنكاس،يەنى يۈكسەل بلوگىنى بلوگلىق ھالەتتىن،توربېكەت ھالىتىگە ئۆتۈشى ھەققىدىكى تەكلىپتىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلىمىز).ھەتتا،ئۆمرىدە بلوگ دىگەننىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان بىرقىسىم تورداشلارمۇ بېلەت تاشلاشقا قاتنىشىپ،ساختىلىق قىلىشقا قاتناشقان.

ئاندىن،تەشۋىقات ئانچە يېتەرلىك بولمىغان.گەرچە،بىرقىسىم بلوگلار ھەمدە توربېكەتلەر بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ،قوللىشىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ،ئەمما،نۇرغۇنلىغان نۇپۇزلۇق بېكەتلىرىمىز بۇ پائالىيەتكە نەزىرىنى ئاغدۇرمىغان.پائالىيەتمۇ تۇيۇقسىزلا باشلىنىپ(يەنى،1-ئۆكتەبىر كۈنى پائالىيەتنىڭ باشلانغانلىقى جاكارلانغان بولسىمۇ،كۆپ قىسىم تورداشلار بۇ پائالىيەتتىن كىچىكىپ خەۋەر تاپقان)قالغاچقا،تەشۋىقات خىزمىتىنى قىلىشقا كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىپ چىقىرالمىغان…

نىمىلا دىمىگەن بىلەن،يۈكسەلدىكىلەر نۇرغۇنلىغان بېسىم ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىپ،پائالىيەتنى ئوڭۇشلۇق داۋام ئەتكۈزدى،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق بلوگگېرلارغا ۋەكالەتەن پائالىيەتنى تەشكىللىگەن يۈكسەل ئەپەندىگە ھەمدە باشقا ھەيئەت ئەزالىرىغا چىن كۆڭلۈمدىن سالاملارنى يوللايمەن،ھارمىغايسىلەر ئەزىزلەر؟

PS: ئەمما،بېلەت تاشلاشنىڭ بېشىدا،يۈكسەل بلوگى ئەسكەرتىپ،ئوخشاش IPلىق بېلەتلەرنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدى.بۇنى بىلمىگەن بىر قىسىم مەكتەپداشلىرىم مېنى قوللاش ئۈچۈن بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەنىدى،ئۇلارنى توسۇپ قويغانىدىم،شۇنداق قىلىپ،بىكاردىن بىكار 60دەك بېلەتتىن قۇرۇق قالدىم دىسە،بولمىغان بولسا تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلىپ قالاركەنمىز(چاقچاق،ھومۇيۇپ تۇرغان،ئاچچىقى يامان چىراي ئىپادىسى)…

ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog قاتارى

10chongblog

قالدى تەپسىلاتلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ…



无觅相关文章插件,快速提升流量

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif