سىزنىڭ ئورنىڭىز: سەھىپە بېتى

سىز «IE تېخنىكىسى» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

ماۋزونى ئوقۇپ بولۇپ بۇ «قانداق گەپتۇ» دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بىراق دوستلارنىڭ ئۈنۈمنى كۆرگەندىن كېيىن چوقۇم ھېس قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەزكۇر بلوگنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئىزدەش input رامكىسى بولۇپ، ماۋۇسنى رامكىغا ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئۈستىدە «ئىزدەش» دېگەن خەت كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئەمما ماۋۇسنى ئۈستىگە ئېلىپ كېلىپ تۇنجى ھەرىپنى يازغاندا «ئىزدەش» دېگەن خەت كۆرۈنمەيدۇ دە سىز يازماقچى بولغان خېتىڭىزنى يازىسىز، ئەمما بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان input ئىزدەش رامكىسىغا ماۋۇسنى ئېلىپ كېلىپ بىرنى چەكسىڭىز خەت يېزىشىڭىزنى ساقلاپ تۇرمايلا سۈكۈتتىكى خەت كۆرۈنمەيدۇ، ئەلۋەتتە بۈگۈن كەينىدىكى ئۈنۈمنى سۆزلەيمىز. تۇلۇق ئوقۇش »

يېقىندا بلوگغا كىرگەن دوستلار ئۈستى تەرەپتىكى 10 نادىر بلوگقا بېلەت تاشلاش ئۇچۇرىنى كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بىر قانچە كۈندىن بۇيان دوستلار قانداق چىقارغانلىقىمنى سوراپ قالدى، مەن چىقىرىش ئۇسۇلىنى تۆۋەندە سۆزلەپ ئۆتەي، قۇلى قىچىشىدىغان بلوگىر دوستلار بولسا سىناپ باقارسىلەر. تۇلۇق ئوقۇش »

IE توركۆرگۈمنىڭ باشبېتى داۋاملىق بىرقىسىم قارا نىيەتلىك تور بېكەت ياكى يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش تەسىرىدىن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، مەن يەنە ئۆزەم ياخشى كۆرگەن بەتكە ئۆزگەرتىمەن، يەنە مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، مەن يەنە ئۆزگەرتىمەن. ئۆزگىرىپ كېتىپ ھېرىپ قالمىدىم، مەنمۇ ئۆزگەرتىپ ھېرىپ قالمىدىم، بۈگۈن ئاخىر ئاچچىقىمغا پايلىماي باشبەتنى مىخلىۋېتىش قارارىغا كېلىپ، توردىن ئىزدەپ باقسام ئامالى چىقىپ قالدى. بەزىلەر بۇنى 360 قوغداش قورالى ياكى QQ قوغدا قورالى ئارقىلىق ھەل قىلغان، ئەمما مەندەك بۇ ئىككى قاراۋۇلدىن بىرىنىمۇ قاچىلىمىغانلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئەڭ ئەپلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇخىل ئۇسۇل ھېچقانداق يۇمشاق دېتال تەلەپ قىلمايدۇ. تۇلۇق ئوقۇش »

140-1

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى، بۈگۈندىن باشلاپ تۇرايىمىزدا رەسىمىي ھالدا IE6نى چەكلەش ھەققىدە پەرمان چۈشۈردۈق ھەمدە تۇرايىمىز باشچى بولۇپ، بۇ پەرماننى ئىجرا قىلدى! پەرماننىڭ چۈشۈرۈلۈش سەۋەبىنى تۇرايىمىزدىكى «Let’s Kill IE6»سەرلەۋھەلىك بەتتىن كۆرۈڭ. ناۋادا سۈيۈملۈك WordPressمۇ تاشلىۋەتكەن بۇ ئەسكى IE6نى چەكلەش نىيىتى بار بلوگگېرلار بولسا، كېلىڭلار!  IE6نى چەكلەشتە بىرلىشىپ ئىتتىپاق تۈزەيلى! …

تۇلۇق ئوقۇش »

wordpress-sonny_616_conew1

تۆنۈگۈن، ئورگان تەرەپنىڭ باياناتى بۇيىچە ئېيتقاندا WordPress 3.3 رەسىمىي نەشىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. مۇرشىدى ئەپەندىمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، ىككى سوتكا ئۆتكەندە ئۇيغۇرچە نەشرى ئورگان تورىدا رەسمىي تارقىتىلدى. بۇ نەشىرنىڭ ئەركىلەتمە نامى «Sonny»دەپ قويۇلۇپ، داڭلىك روك ساكىس ئارتىسى  Sonny Stitt غا ئاتالغانمىش.

خەۋەرلەرگە كۆرە، 3.0 نەشىرىدىن تارتىپ، wordpressسېستىمىسى 65مىليون قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، 3-نەشىر يۈرۈشلۈك سېستىمىنىڭ ئۈچۈنچى قېتىملىق تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى بولغان WordPress 3.3 بلوگگېرلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىشقا تىرىشقان.

تۇلۇق ئوقۇش »

نۆۋەتتە،يازمىلار يەنىلا توربېكەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولۇپ،CSS3 تېخنىكىسىنىڭ بارغانسىرى پىشىپ يېتىلىشىغا ئەگىشىپ،Web فونتى(خەت نۇسخىسى) بارغانسىرى ئاۋات تىمىلارنىڭ بىرىغا ئايلاندى.كەلگۈسىدىكى Webنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىدىغان بۇ تۈر ھەققىدە ھەرخىل تەتقىقاتلار باشلانغان بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى @font-face خاسلىقى ئارقىلىق،توربەتلەرگە مەلۇم بىر فونىتنى بەلگىلەشدىن ئېبارەت بولۇپ،نۆۋەتتىكى ئاساسلىق جاھاننامىلەر مەزكۇر تېخنىكىنى راۋۇرۇس قوللايدۇ،بۈگۈن،مەزكۇر يازمىمىزدا ئاساسلىق بولغان بىرقانچە Web فونتلىرىنى ۋە ھەرقايسى جاھاننامىلەردىكى سىغىشچانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

تۇلۇق ئوقۇش »

2011-04-21T13:51:40Z2011-04-21T13:51:40Z

wordpress ئۇسلۇبىنى تەرجىمە قىلىش دەرسلىكى تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ Css ۋە Html بىلىمىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالدى بىلەن html ئارقىلىق ئاددى بولغان تور بەت ياساش دەرسلىكى تۈزۈپ چىقتىم. بۇ دەرسلىكتە wordpress ئۇسلۇبىدا كۆپ ئۇچرايدىغان css كودلىرى ئاددى قىلىپ سۆزلەپ چىقتىم. بەلكىم بۇ دەرسلىك يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ياخشى بولغان باشلىنىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر دەرسلىكتە خاتا سۆزلەپ قويغان يەرلىرىم بولسا كەچۈرۋېتەرسىلەر.

تۇلۇق ئوقۇش »

wordpress ئۇسلۇبىنى تەرجىمە قىلىش دەرىسى چىقىشتىن بۇرۇن، بىز ئانچە-مۇنچە كودلار بىلەن تونۇشۇپ بەدەن قىزىتىپ تۇرايلى، بۇ بىزنىڭ جىددى ھەرىكەتلەردە زەخىملىنىپ قېلىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھى ھى.. ئەمىسە ئەسلى گەپكە كەلسەك، ئاۋال كودلارنى بىرقۇر كۆرۈپ چىقايسىلەر.

تۇلۇق ئوقۇش »

1 يىلنىڭ ئالدىدىكى بۈگۈنكى كۈندە بىز بىرلىكتە IE6 نى ئۆلتۈرگەن ئىدۇق، بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا مىكروسوفت «مىكروسوفت IE6 تەتۈر ساناش تور بېتى» نى ئېلان قىلدى.

تۇلۇق ئوقۇش »

مۇنبەر دېسە،نۆۋەتتە تورغا چىقىپ يۈرگەن بارلىق قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدە بىلمەيدىغىنى يوق بولسا كېرەك.مۇنبەر-شۇ تاپتا نۇرغۇن ئوخشاش ئوي-پىكىردىكى تورداشلارنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان،ئۆز-ئارا ئۇچۇر ۋە بىلىم بىرىدىغان تور ۋاستىسى.نۆۋەتتە،ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر phpwind،Discuz قاتارلىق دۆلىتىمىزدىكى بىرقەدەر داڭلىق مۇنبەر سېستىمىلىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ.بۈگۈن تۇرايىمىزدا تونۇشتۇرماقچى بولغىنىمىزمۇ نۆۋەتتە دۆلەت سىرتىدىكى بىرقەدەر داڭلىق بولغان 7 ئۇچۇد كودلۇك مۇنبەر سېستىمىلىرىدۇر.

تۇلۇق ئوقۇش »

‹‹نانىيا رىۋايىتى›› يۈرۈشلۈك فىلىملىرى مېنى ئۆزىگە جەلىب قىلىۋالغان بولۇپ،ئىنسانلاردەك گەپ قىلالايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلار بىلەن بىرلىكتە رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىپ،ھەققانىيەت ۋە دوستلۇق ئۈچۈن بىرلىشىشى ماڭا ئۇنتۇلماس تەسىرلەرنى قالدۇرغانىدى.گەرچە ھازىرغىچە ‹‹نانىيا رىۋايىتى3››نى كۆرۈش نىسىپ بولمىغان بولسىمۇ،مۇشۇ قىسمىغا ئاتاپ ئىشلەنگەن Windows7 ئۇسلۇبىنى بولسىمۇ كومپىيۇتېرىمغا چۈشۈرۈۋېلىپ كىنوغا بولغان تەقەززالىقىمنى ئىپادىلەپ تۇردۇم.ياقتۇرسىڭىز سىزمۇ چۈشۈرۈۋالغايسىز!…

تۇلۇق ئوقۇش »

سىلەر بۇ بىر پارچە يازمىنى كۆرۈۋاتقان چاغدا، مەن تېخى بايىلا ئىنتايىن قايغۇلۇق بىر بايانات ئېلان قىلدىم، گەرچە مېنىڭ قەتئىي مەيلىم بولمىسىمۇ ۋە ياكى تورداشلار مەزكۇر ئۇسلۇبدىن ۋاز كېچىشكە قەتئىي چىدىمىسىمۇ،بۇ جاكارنامىنى تەنتەنىلىك ئېلان قىلمىسام بولمايدۇ: بلوگباس Prestan ئۇسلۇبىدا مەسىلە كۆرۈلدى(بەلكىم ۋاقىتلىقتۇ)!

تۇلۇق ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量