- سەھىپە:IE تېخنىكىسى
- | باھا يوق
- | زىيارەت: 904 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، internet, بېكەت
نۆۋەتتە،يازمىلار يەنىلا توربېكەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولۇپ،CSS3 تېخنىكىسىنىڭ بارغانسىرى پىشىپ يېتىلىشىغا ئەگىشىپ،Web فونتى(خەت نۇسخىسى) بارغانسىرى ئاۋات تىمىلارنىڭ بىرىغا ئايلاندى.كەلگۈسىدىكى Webنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىدىغان بۇ تۈر ھەققىدە ھەرخىل تەتقىقاتلار باشلانغان بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى @font-face خاسلىقى ئارقىلىق،توربەتلەرگە مەلۇم بىر فونىتنى بەلگىلەشدىن ئېبارەت بولۇپ،نۆۋەتتىكى ئاساسلىق جاھاننامىلەر مەزكۇر تېخنىكىنى راۋۇرۇس قوللايدۇ،بۈگۈن،مەزكۇر يازمىمىزدا ئاساسلىق بولغان بىرقانچە Web فونتلىرىنى ۋە ھەرقايسى جاھاننامىلەردىكى سىغىشچانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
TrueType ).ttf)
مەزكۇر فونت Windows ۋە Mac سېستىمىلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ،ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى،ئۇ بىرخىل ماتىماتىكا قۇرۇلمىسى سۈپىتىدە ئېنىقلىما بېرىلگەن كونـتور تېخنىكىسى(Contour Technology) ئىشلىتىلگەن فونتتىن ئىبارەت.بۇ خىل ئالاھىدىلىك مەزكۇر فونىتنى باشقا فونتلارغا قارىغاندا ئوڭايراق بىرتەرەپ قىلغىلى بولىدىغان ئارتۇقچىلىققا ئىگە قىلغان بولۇپ،ئىكراندىكى ۋە باسمىدىكى كۆرۈنۈشنى بىردەكلىككە ئىگە قىلغان شۇنداقلا ۋىكتور تۈرىدىكى فونتلارغا ئوخشاش خالىغان نىسبەتتە ئۆزگەرتىلسىمۇ،خەت بۇزۇلۇپ كەتمەيدىغان قىلىنغان.
EOT – Embedded Open Type ).eot)
مەزكۇر فونت مىكروسوفتتىكىلەر تەرىپىدىن ئېچىلغان بىر خىل تېخنىكا بولۇپ،OpenType فونتلىرىنىڭ توربەتلەرگە سىڭىپ كىرىش شۇنداقلا جاھاننامىلەردە CSS ئارقىلىق @font-face ئېنىقلىمىسى بېرىش ئارقىلىق قۇيرۇقى .EOT بىلەن ئاياغلاشقان فونت ھۆججىتىنى يۈكلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.بۇ خىل ھۆججەتلەر پەقەت شۇ چاغدىكى بېكەت ئاكتىپلانغان ھالەتتىلا ئاندىن ئابونتلارنىڭ سېستىمىسدا ۋاقىتلىق ساقلىنىپ تۇرىدۇ.
OpenType).otf)
OpenType بولسا بىرخىل ئىلاستىكىلىققا ئىگە(scalable font) كومپىيۇتېر فونت تۈرلىرىدىن بولۇپ،PostScript فورماتى قوللىنىلغان.مەزكۇر فونتنى مىكروسوفت ۋە Adobe شىركىتى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ،TrueTypeنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئۈچۈن ياساپ چىققان.بۇ خىل فونتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى .otf ،تۈر كودى OTTO،خاسلىق ئۆلچىمى OpenType 1.4 بولىدۇ.
OpenType ئەڭ باشتا 1996-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ،2000-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن تۈركۈملەپ پەيدا بولغان.ئۇ مىكروسوفتنىڭ TrueType Open فونت تۈرىگە ئاساسلانغان بولۇپ،Adobe CID-Keyed font تېخنىكىسىنىمۇ ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.Adobe شىركىتى 2002-يىلى ئۆزىنىڭ فونت ئامبىرىنىڭ ھەممىسىنى OpenType فورماتىغا ئۆزگەرتكەن.
WOFF – Web Open Font Format ).woff)
TrueType ۋە OpenType نىسپەتەن ئېيتقاندا،WOFF مەخسۇس Web ئۈچۈن لايىھىلەنگەن فونت ئۆلچىمى بولۇپ،ئۇ ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس،پەقەت TrueType / OpenType قاتارلىق فونت فورماتلىرىغا نىسپەتەن ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان،يەنى ھەر بىر فونت ھۆججىتىدە فونت ھەمدە فونىتنىڭ Metadata ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزگەن بولۇپ،باشقا ئىملاش( 加密) ياكى DRM مەشخۇلاتى ئېلىپ بېرىلمىغان،Adobe،Lino ،Type،Monotype قاتارلىق ئاساسلىق فونت تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر مەزكۇر فونتنى قوللايدىغان سەپكە قوشۇلغان.
SVG (Scalable Vector Graphics) Fonts ).svg)
ئىسمىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،بۇ نەق SVG تېخنىكىسى قوللىنىلغان فونت بولۇپ،يەنە بىر خىلى gzip پىرىس فورماتى(gzip压缩格式)دىكى SVG فونتى .svgzدۇر.SVG بولسا W3C ئۆلچىمىدە ئېچىلغان،XML گىرامماتىكىسىغا قاتتىق بويسۇنىدىغان بىرخىل فونتتىن ئىبارەت.
ھەر قايسى جاھاننامىلەردىكى سىغىمچانلىقىغا نەزەر
CSS3نىڭ @font-face خاسلىقىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق،توربەتكە خالىغان فونتنى قوشقىلى بولىدىغان بولۇپ(ئەمەلىيەتتە IE4 مۇشۇ خاسلىقنى قوللايدىغان بولۇپ،كىيىنچە بۇ خاسلىق CSS3گە قوشۇۋېتىلگەن)،ئەمما IE پەقەت مىكروسوفىتنىڭ EOT فورماتىدىكى فونتىنىلا قوللايدۇ،باشقا جاھاننامىلەر بولسا بۇ فونتنى قوللىمايدۇ.باشقا جاھاننامىلەرگە بولسا TTF(TrueType) ۋەOTF(OpenType) ئىككى خىل فونتنى بەلگىلەنگەن فونت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.جاھاننامىلەرنىڭ @font-face خاسلىقىغا شۇنداقلا ھەرقايسى فونتلارغا بولغان قوللاش ئەھۋالى تۆۋەندىكى رەسىمدەك:
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- يانفونىڭىزنى قانچىلىك باكتىرىيە ئۇۋا قىلىۋالغاندۇ؟ (9)
- WordPress نىڭ HTML ھالەتتىكى يازما يېزىش رايونىغا ئۆزىمىز بەلگىلىگەن كۇنۇپكىنى قوشۇش (5)
- [ھەقلىق ئۇسلۇب]ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇسلۇب تارقىتىلىدۇ (2)
- [ WordPress ھاياتىنى باشلاش ]WordPressگە ئۇسلۇب قاچىلاش دەرسلىگى (1)
- [ئىجادىيەت] بلوگگېرلار ئۈچۈن ئېلان چىكىشكە ئون باھانە، ئەمدى ئېلانىمنى چەكمىگىنىڭىزنى بىر كۆرەي! (56)
- ئەزىز بلوگداش، 2012-يىلى نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز؟…. (22)
- [مەخپىي رېتسىپ]WordPressدە تىزلەتمە كونۇپكا ئارقىلىق ئىنكاس يوللاش ئىقتىدارىنى قوشۇش (16)
- [يەرلىك قىستۇرما] WP-beFont – ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى (8)
- نېمىشقا سىزنىڭ wordpress بلوگىڭىز E-mail ئەۋەتەلمەيدۇ (3)
- بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (2-باب: خاككېر ئېمپىرىيىسى) (3)
- Prestan Simple 3 نەشىرىنى جىددي ياساۋاتىمەن، تەكلىپ پىكىر بارمۇ؟ (27)
- js ئارقىلىق بلوگ ئۈستىگە ئۇچۇر(ئېلان) چىقىرىش (2)