يانفونىڭىزنى قانچىلىك باكتىرىيە ئۇۋا قىلىۋالغاندۇ؟


بۇ بىرنەچچە يىلدا،قەرەلسىز زۇكامنىڭ،بۇرۇن ياللۇغىنىڭ دەرتلىرىنى خېلى تارتتىڭىزغۇ دەيمەن،ھازىرمۇ ھېلىھەم مائۇس،كونۇپكا تاختىسى،پۇل چىقىرىش ماشىنىسى،يانچۇقتىكى ئاۋۇ ‹‹مەينەت››پۇللاردىن پاكىزە قوللىرىڭىزنى قانچىلىك باكتىرىيە بىلەن يۇقتۇرۇۋاتقانلىقىڭىزنى ئاۋۇ ‹‹پرېستان››ئەپەندىدىن سوراپ باقسىڭىز جاۋابىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن.
يېقىندىن بىرى،چىكىلمە ئېكرانلىق مەھسۇلاتلار(تېلىفۇن،م پ 4،5،6 ئاراپاتلىرى، يان كومپىيۇتېر،پۇل ئېلىش ماشىنىسى دىگەندەك) تازا ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ چىكىلمە ئېكرانلىق مەھسۇلاتلار ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ پاكىزلىقىدىن ھاياتلىق مەنبەسى تاپالماي قىينىلىپ كېتىۋاتقان باكتىرىيە،ۋېرۇسلارنىڭ چاڭگىسىغا ئايلىشىنىشقا باشلىغان.رىۋايەتلەرگە ئاساسلاندا،ستەنفورد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يانفۇندا ياشاۋاتقان باكتىرىيەلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ بىز ئەڭ مەينەت دەپ قاراۋاتقان ئاممىۋى ھاجەتخانىلاردىكى تەرەت قاچىلىرىدىكى باكتىرىيەلەر نوپۇسىنىڭ 18 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.مۇشۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان بىر دوكتۇر ئاشتى سىزنىڭ يانفونىڭىزنى باشقىلارغا بەرگەنلىك باشقىلارنى يېڭى باكتىرىيە بىلەن يۇقۇملاندۇرغۇنىڭىز دەپ ئەسكەرتمە بەرگەن.ئېيتىلىشىچە،iPhoneغا ئۇرۇنلاشتۇرغان ۋېرۇسلارنىڭ 30% بارمىقىڭىزغا يامىشىپ چىقىشىدىكەن،ئاندىن بارمىقىڭىز ئارقىلىق كۆزىڭىز،بۇرنىڭىز،ئېغىزىڭىزغىچە ‹‹ئۇۋا››سېلىشىپ تاماشا كۆرىدىكەن.
ئەمدى ئېلاننى باشلايلى: ناۋادا سىزنىڭ چىكىلمە ئېكرانلىق يانفونىڭىز بولسا،شۇنداقلا يانفونىڭىزنىڭ قانچە تەرەت قاچىسىلىك باكتىرىيەلەرنىڭ بارلىقىغا قىزىقسىڭىز،ئۇيغۇربەگ ئېمپىرىيىسى تەۋسىيە قىلغان the Oatmealسىنىقىنى ئىشلەپ كۆرۈڭ،ئەلۋەتتە،بۇ سىناقلار ئىنگىلىزچە :lol: ،تۆۋەندىكىسى يازما ئاپتورىنىڭ سىناق نەتىجىسى,مېنىڭكىدە 1،977،360 دانە باكتىرىيە باركەن...: :neutral:


9 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • بولسا ئاشۇ تاللاشلارنى تەرجىمە قىلىپ قويغان بولسىڭىز بىزدەك چەت ئەل تىلىنى بىلمەيدىغانلارغا ياردىمى بوپ قالار ئىكەن

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.10.27

      ھەممىسىنى تەرجىمە قىلىپ بېسىپ چىقىرىپ بولغۇچە،قولۇمغا يەنە قانچىلىك باكتېرىيە قونۇۋالار دەپ ئەنسىرەپ قالىدىكەنمەن… :evil:

  • ۋاي ۋۇي !نىمە بۇلۇپ كەتتى بۇ زامان؟ھەممە نەرسىنى مەينەتچىلىك بىسىپ زامان ئاخىرى بۇلدىمۇ نىمە؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.10.27

      بىر يەرلەردە پاكىزلىق،بىز يەرلەردە مەينەتچىلىك،شۇنداق قىلىپ تەڭشىلىپ ماڭىدىغۇ ئاخىرى!…

  • سندىبات | 2010.10.28 جاۋاب

    مەن مۇشۇنداق بولمىسۇن دەپ سەزمە ئىكىرانلىق يانفۇن ئىشلەتمىگەن!!!
    خوپ بولدى ئەمدى! :twisted:

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇيغۇربەگ ۋە پرېستان ئەپەندى. سىزلەرنى چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش مۇناسىۋېتى بىلەنچەۋەندازلار بلوگىنىڭ 3 يىللىق مەرىكىسىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمەن. بۇ تېمىدا چەۋەندازلار بلوگىنىڭ 3 يىللىق مۇساپىسى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى. كەڭ تورداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى قوبۇل قىلىنماقچى. ئىشىنىمىزكى چەۋەندازلار تېخىمۇ زور تىرىشچانلىقلار بىلەن گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتىۋالغۇسى! چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    -چەۋەنداز

    چەۋەندازلار بلوگىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقىنى قۇتلۇقلايمىز!
    http://qawandazlar.blogbus.com/logs/81206269.html

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.10.29

      قۇرۇق قول بولسىمۇ،مەرىكىڭىزگە قاتنىشىپ كەلدۇق،بلوگىڭىزنىڭ كۈنسىرى روناق تېپىشىغا تىلەكداشمىز!

  • سىزنىڭ تەبرىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم. چەۋەندازلار بلوگى بلوگنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋېتى بىلەن بىرگە ئۇيغۇربەگ ئىتىپاقىنىڭ تۇغىنى ۋە پرېستان بلوگىنىڭ تۇغىنى ئۇلىنىش قىلدى. سىلەرگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن!

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.10.31

      ھەزرەتلىرىنىڭ تارتۇقىغا ھەشقاللا،جاۋاب ئۈچۈن،خەتلىك ئۇلىنىشقا چەۋەندازلار بلوگىنى قوشدۇق،ھەمكارلىقىمىز ئۈزۈلمىسۇن…

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif