يېڭى دەۋر ئۇيغۇر بلوگگېرلىرى ئۈچۈن «ئۈچۈن سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس»، قوشۇلامسىلەر؟

5630

دەرس ۋاقتى ھاڭۋىقىپ ئولتۇرسام، خىيال قۇشلىرىم پەرۋاز قىلىپ بۇنىڭدىن 8 يىل بۇرۇنقى ئاشۇ سەبى، غەمسىز تولۇقسىز ئوتتۇرا ھايات مەزگىلىم ئېسىمگە كەلدى. كېيىن، ئىچكىرىگە ئاتلاندۇق، ئوقۇدۇق، جاپا چەكتۇق، غەم كۆپەيدى. ھەر قېتىم ئىچكىرىدىن يۇرتقا ماڭىدىغان چاغدا، ھەر بىر ۋاگۇننىڭ بېشىدا « سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى : سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان تاختايغا كۆزۈم چۈشەتتى، شۇ ھامان دەرس ۋاقتىدىكى خىيال قۇشۇم تۇرايىمىز ئۈچۈن بىر ئىلھام بۈركۈتىگە ئايلاندى، شۇ ھامان مەزكۇر يازمىنى پۈتتۈرۈپ چىقاردىم، كۆرۈپ بېقىڭلار، قوشۇلامدىكەنسىلەركىن؟ قوشۇلمىغانلار ئايىقىڭلارنى ئاتارسىلەر، قوشۇلىدىغانلار چاۋاكلارنى چالارسىلەر، تولۇقلايدىغانلار بولسا ئىلھام قۇشۇڭلارنى قويۇۋەتكەيسىزلەر…

 

يېڭى دەۋر ئۇيغۇر بلوگگېرلىرى ئۈچۈن «ئۈچۈن سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس»

بلوگ ئۈچۈن ئىش باشلاش شەرەپ، بلوگ ئۈچۈن ئىش تاشلاش نومۇس.

بلوگ ئېچىپ يول تېپىش شەرەپ، بلوگ ئېچىپ گەپ تېپىش نومۇس.

بلوگنى پات يېڭىلاش شەرەپ، ئۆزى يازماي كۆچۈرۈش نومۇس.

بلوگ ئارا زىيارەت شەرەپ، ئىنكاس يازماي قاچماقلىق نومۇس.

خاسلىقىنى ياراتماق شەرەپ، خاسلىقىنى يوقاتماق نومۇس.

ئېلان قويۇپ پۇل تاپماق شەرەپ، پۇل تېپىشچۈن يۈز ساتماق نومۇس.

ئېلان قويسا چەكمەكلىك شەرەپ، چىكىشتىن ۋاز كەچمەكلىك نومۇس.

ئۇيغۇربەگنى قوللىماق شەرەپ، سەھرالىقنى يۆلىمەك نومۇس…



无觅相关文章插件,快速提升流量

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


46 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • دېمەك ، بۇ شەرەپ-نۇمۇس قارىشى ئاخىرى بىرىپ شەخسى مەقسەتنى چىقىش كىلىپ قاپتۇ ، ھەي سەھرالىق ، بەگ ….بەگ دەپ ئىغزىڭدىن چۈشۈرمەيسەنۇ ، مۇنۇ بەگ سېنى يۆلەشنى «نۇمۇس »قاتارىغا قوشۇۋىتىپتۇ ئەمەسمۇ ؟

    • سەھرالىق | 2012.06.13

      ئېغىزىدا پۇتلىغان بىلەن :lol: كۆڭلى ئۇنىمايدۇ تۆت كۆزنىڭ :idea:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.15

      تىللاپ تۇرىمىز ماختاپ تۇرىمىز، ماختاپ تۇرۇپ كۈلۈپ قويىمىز، سەھرالىق ئۆزى ياخشى بالا، ياخشى بولغان بىلەن ئازراق گالۋاڭ، گالۋاڭ بولغانكى بوزەك قىلىدىغان گەپ! :idea:

  • قېنى ماۋۇ سەھرالىق ، بەك ماۋۇ يەرنى سىنى چۈشۈرۋاتىدۇ :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.15

      چۈشەمىدىم ئاۋاي، ماڭا بۆھتان چاپلىماڭلا، مەن چاقچاق قىلىۋاتىمەن، شۇنداقمۇ سەھرالىقىم؟ :razz:

  • بەگ :twisted: . سەككىزىنچى شەرەپنى مەن يازسام بولاپتىكىن ئەسلى… بەگنى ئېلانىنى توختاپ قالغۇچە چېكىش شەرەپ، توختىتىۋەتمەسلىك نۇمۇس! :idea:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.15

      يېزىڭە سەھرالىق، بىر كۆرەيلى يازالىغانلىقىڭىزنى…. :grin:

  • ئەلشات | 2012.06.13 جاۋاب

    :lol: ۋاي بىچارە سەھرالىق، سەھرالىقنى شەھەرلىكنىڭ بوزەك ئەتكىنى ئەتكەن

    • سەھرالىق | 2012.06.13

      بەگنىڭ«سەھرالىق»ئىكەنلىكىنى ھېچقايسىڭلار بىلمەيسىلەردە :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.15

      مەنمۇ سەھرادىن :evil:

  • تازا كەپتۇ ھە ئاخىرقى مىسراسى!!! :lol:

  • Geek | 2012.06.13 جاۋاب

    توغرا يىزىپتىغۇ …..
    شۇ سەھرالىقنى تامغا يۆلەش نۇمۇسقۇ ….(ئازراق سېرىق ئارلاشتى) :grin:

    • سەھرالىق | 2012.06.14

      Guy لارنىڭ بەگنىڭ كەپىسىدە يۈرگەنلىكىنى بايقاپ قالدىم :arrow:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.14

      ما چاقچاقنى ئېشىپ كەتكەندەك ھىس قىلدىما :arrow:

  • تەشنايى | 2012.06.14 جاۋاب

    بارلىق بىلوگگىرلار بىگىمىز ئوتتۇرىغا قويغان « سەككىز شەرەپ، توققۇز نۇمۇس قارشىنى» ئۈگىنىشنى باشلايلى ئەمدى. سىياسىي ئۈگۈنۈش يەنە باشلىنىدىغان بولدى :arrow:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.15

      بۇ سىياسىي ئۆگىنىش ئەمەس، يولداش تەشنايى، ئەكسىچە بىر قېتىملىق بلوگگېر دەرسلىكى! :oops:

  • شەمسى | 2012.06.14 جاۋاب

    جانابى ئۇيغۇربەگنىڭ ئىنكاس يازماي قاچماقلىق نومۇس دېگەن مۇھىم ئىدىيىسىنى ئۆگىنىپ ئىنكاستىن بىرنى يېزىۋەتتۇق مانا :mrgreen: قانداق، ئوبدان ئۆگىنىپتۇقمۇ :grin:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.15

      يولداش شەمسىنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈككەن، ئاپىرىن، يولداش ئاپىرىن!

  • قەقنۇس | 2012.06.14 جاۋاب

    جايىدا چىقىپتۇ :lol: تىمىنى ئوقۇپ بولۇپ ئىنكاس يازماسلىق نىنى يەپ بولۇپ پۇل تۆلىمىگەندەك ئىش :mrgreen:

  • ئۇچقۇن | 2012.06.14 جاۋاب

    ھە نۇمۇس پۇمۇس چۈشۈپتىمىزغۇ . نۇمۇس قىلىشنى بىلدىكەنلا ھە :grin:

  • يالغۇز | 2012.06.14 جاۋاب

    قىنى جامائەت ئەمسە بۇ شەرەپ-نۇمۇس قارشى بويىچە بىلوگومغا ئالغا!
    11.يالغۇز بىلوگىغا كىرىش ئىنكاس يىزىشمۇ شەرەپ!!!!!!!!!!!!!!!!

  • ئىزدەن | 2012.06.14 جاۋاب

    ماۋۇ تېما ئۈچۈن ئىنكاس يېزىپ قويۇش شەرەپ، ئىنكاس يازماي IP لاپ چىقىپ كېتىش نومۇس!….

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.15

      بلوگداش ئىزدەنمۇ ناھايىتى مۇھىم بىر نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ! :lol:

  • گىك | 2012.06.14 جاۋاب

    سەھرالىقنىڭ تېرىكىپ كەتكىنىنى …..چاقچاققۇ …. :razz:

    • سەھرالىق | 2012.06.14

      سىزلا تىرىكمىسىڭىز مەن تىرىكمەيمەن :cool: شۇغىنىسى بۇنى چاقچاق دەپ چۈشەندىم، ئەمما گەپتە ماڭا تەڭ كېلىمەن دەپ خام خىيال قىلىپ قاپسىز! «ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىداپتۇ» دەيدىغان گەپ بارغۇ؟
      بىر قېتىم ئۆتكۈزىۋىتەي دىدىمغۇ :idea:

  • ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ئىدىيىسىنىمۇ تارقاتمايلىمۇ؟ :grin:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.15

      كىلە مۈشۈك ياتاققا، بىرگە ئىجاد قىلايلى! :mrgreen:

  • زېرو | 2012.06.14 جاۋاب

    بۇ بەگ بلوگگىر بولۇپ زايا كىتىپتۇ،ئەسلى سياسيون بولسا بولدىكەنتۇق بۇ بالا :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.15

      مەن كەسپىي بلوگگېر، سىياسىيونلۇقنى ئىشتىن سىرىت قىلىۋاتىمەن. :roll:

  • گىك | 2012.06.14 جاۋاب

    سەھرالىق ۋەھشەتكەنسىز جۇما ……. قەشقەرلىك ئوخشايسىز

    • ئىزدەن | 2012.06.15

      بىلىۋاپسىز ھە! گەپتە تەڭ كەلگىلى بولمايدۇ بۇرادىرىمىزگە! بەزىدە تېخى 3 كۈن ئاش نان يېمىگۈدەك گەپنىمۇ ئاڭلاپ قالىسز مۇشۇنداق دەۋەرسىڭىز!

  • huxhuy | 2012.06.14 جاۋاب

    بولىدىغان شەرەپ،نۇمۇسلاركەن.كىم يېڭىلاركىن دەپ كۆزۈم تۆت بولغان ئىدى،يەنىلا بېگىم دانادۇر…

  • ماۋۇ بەگ بالا بارغانچە خىيالچان بوپ كىتىپ بارامدۇ نىمە؟ چوڭ بوپقالغاندەك تۇرىدۇ، بىلىدىغانلىرى كۆپىيىپ بېرىپتۇ ئەمەسمۇ!

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.15

      راست ئاشتاق تۇيۇلدىما؟ توۋا، توۋا…مەن ئۆزۈمچە ھەجەپ بىلىدىغانلىرىم ئازلاپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولاپ قالدىما؟ :shock:

  • بىر ئادەمنىڭ بىلىدىغانلىرىنىڭ كۆپ بولىشى – ئۆزىنى كەمتەر تۇتىدىغان قىلىپ قويىدۇ. خۇددى سىز دېگەندەك بىلىدىغانلىرى بارغانچە ئاز، ياكى ئۆزىنى بىلىمسىز ھىس قىلىدىغان بۇلۇپ قدلىدۇ.

  • لوپنۇرى | 2012.06.16 جاۋاب

    ماۋۇ «سەككىز شەرەپ ،سەككىز نۇمۇس» قارشىنى بىلوگ يېزىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى يادلىۋالساق بولامدۇ نېمە؟«شەرەپ»قولغا كەلتۈرۈپ،«نۇمۇس»نى يۇيۇش ئۈچۈن ئالغا!

  • تورسودا | 2012.06.22 جاۋاب

    شۇنداق ماس گەپلەر ئىكەن ، ھەممىدىن ئاۋۇ ئاخىرقى مىسرا بەك كۈلكىلىك چىقىپتۇ جۇما…. :mrgreen:

  • تورسودا | 2012.06.22 جاۋاب

    تاماكا چەكمەي ئېلان چىكەي دىسەم ئىلانلاردىن ئەسەرمۇ يوققۇ باللا؟ :mrgreen:

  • ئۈكەم، بۇ يازمىنى كۆرمەيدىغان ئىشكەن ئەسلى. كۆرۈپ بولۇپ، ماۋۇ ئىنكاسنى يازمىسام، يەنە «نۇمۇس»لۇق بولۇپ قالغۇدەكمەن، شۇڭا… كەتتى …

  • Koklem | 2012.08.4 جاۋاب

    :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif