ئەلكۈيىدە يېزىشقان خەتلەر-3

04_conew1

ئەسسلامۇ ئەلەيكۈم ئۇيغۇربەگ، ياخشى تۇرىۋاتقانسەن؟ ئاۋاڭ سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن. ئەمەليەتتە بالدۇرلا جاۋاب خەت قايتۇرۇش نىيىتىم بار ئىدى، لېكىن بىرنەچچە كۈندىن بىرى دەرىسلىرىم بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى. شۇڭا ...
سېنىڭ خەتلىرىڭنى كۆرۈپ جاپالىق ئەمما ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن شۇ قىسقىغىنە تۆت يىللىق ئىچكىردىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمنى قايتا ئەسلىدىم. راستىنلا نىمىدىگەن گۈزەل چاغلار ئۇ! ئەتىگەن سائەت بەشلەر بىلەن تۇراتتۇق ، يۈز-كۆزلىرىمىزنى يۈيۈپ بولۇپ كىتاپنى قولىمىزغا ئالاتتۇق. سائەت ئالتە بىلەن تاماققا چىقاتتۇق . مومىلارنى يۈرتىمىزنىڭ نانلىرى كۆرۈپ ، قايناقسۇ ئۇستىگە قۇيۇلغان سۈتنى ئەتكەنچاي بىلىپ ، ئۆتمىسىە چوكا بىلەن ئىتتۇرۇپ ،ئىشقىلىپ نىمە قىلساق كاناي ، ئۇچەيلىرىمىزدىن راۋان ئۆتكۈزەتتۇق ھە! دەرىسىمىز ئاداشمىسام ئالتىدىن 35 دە باشلىناتتىغۇ دەيمەن. ئەتىگەنلىك تەكرارنى قوشساق ئەتىگەندە ئالتە سائەت ئوقاتتۇق ھە!

ھىلىقى ئەدەبىيات باشلىناتتى لىبەي، دۇفۇ، بەيجۇيىلەر بىلەن. بىزچۇ مۇئەللىمنىڭ ھەربىر سۆزىنى خاتىرلەپ ئولتۇراتتۇق. بەزىدە خوش ياقمىسا ساڭا قاراپ قوياتتىم. سىنى تولا ۋاقىتلاردا (شىنجاڭ مەدەنىيىتى) ، (تارىم) ، (بۇلاق) ژورناللىرى بىلەن پارتا ئاستىدا مەخپى ھالدا كۆرۈشۋاتقان ھالەتتە كۆرۈپ قالاتتىم . شۇنىڭ بىلەن مېنىڭمۇ (ئىلى دەرياسى) نى ئاستا ئالغىم كېلەتتى. نىمە ئۇچۇنكى بىلمەيمەن. سېنى دوراپ باققىم كېلەتتى. بەلكىم يېزىپ تولدۇرۋەتكەن خاتىرلىرىڭگە مەسلىكىم كەلگەنلىكىدۇر ياكى سىېنىڭ ئەدەبىياتتكى ئاجايىپ تەپەككۇرلىرىڭگە ھەۋىسىم كەلگەنلىكىدۇر، بۇنىڭ ئىچىدە ئانچە- مۇنچە ھەسەت قىلىشمۇ بار بولۇپ قالاتتى...
شۇنداق قىلىپ ئەتىگەنلىك دەرىس توشاتتى. ئىچىرقاپ كەتكەن ئادەمدەك ھەممەيلەن ئاشخانىغا يۇگرەيتتۇق، ئاۋال قىزلار دىگەننى بانا قىلىپ سىلەردىن ئاۋال تاماق ئېلىۋالاتتۇق . ئاجايىپ نەرسىلارنى يەيتۇق ھە! راك، ئۆدەك، سۇ كالىسى دەمدۇ ئەيتاۋۇر ئاشۇ ھايۋاناتلار بىزنىڭ كۈندىلىك ناشتىمىز ئىدى. تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن ياتاققايۈگرەيتتۇق. ئۇششاق -چۇششەك نەرسىلەرنى يىگىمىز كېلىپ ئۇ،بۇ ياتاقلارنى ئارلاپ چىقاتتۇق . لىكىن بۇ ئىشلىرىمىز يىرىم سائەت داۋاملىشاتتى. ياتاققا قايتىپ كىرىپ قايتا كىتاپنى قولغا ئالاتتۇق . بۇمۇ يىرىم سائەت داۋام قىلاتتى. ئاندىن يەنە شۇ ئۇيقىسىمان كۆزلىرىمىزنى ئۇگىلاپ سىنىپقا يۇگرەيتۇق . تۆت سائەتلىك دەرىس يەنە ئۆز رىتىمىدا ئۆتەتتى . كەچلىك تاماق ۋاقتىمىز 45 مىنۇت ئىدى . ئاندىن يەنە سىنىپقا كېرىپ كەچلىك تەكرار باشلىناتتى. 3 سائەت ئۈمۇدەپ ئاران ئۆتەتتى دىگىنە.....
مانا بىر كۈنلۈك جىددى ئۈگۈنىش تۇگەپ ياتاق دىگەنگە ئاران قايتىپ كىرەتتۇق. خۇدايا تۆۋۋا دەيمەن، سىلەر ئوغۇللار ئەجەپ تەپ تارتمايتىڭلار ، ئالتىنجى قەۋەتتىن بەشىنجى قەۋەت قىزلار بىناسىنىڭ بالكونىغا ھەر كۈنى سۇلياۋ چۈشۈرەتتىڭلار . تېخى يەيدىغىنىڭلار شىنجاڭنىڭ ساپ مەھسۇلاتلىرى ئىدى. سۇلياۋ خالتىنىڭ بىر ئۇچىنى سىلەر چىگىپ خالتىنى بىزگە چۇشۇرەتتىڭلار. ھەيرانمەن، بۇنداق ياخشى چارىنى كىم ئويلاپ تاپقان بولغۇيتى . قوسۇقۇڭلارنىڭ چالىسى شۇ نازۇ -نىمەتلەر بىلەن ئەستەرلىنەتتى ھە. ئىسىڭدە بارمۇ،بىر قىتىم سەن چۈشۈرگەن خالتا ئىھتىياتسىزلىقتىن تۆۋەندە مەكتەپ چارلاۋاتقان مودىرىمىزنىڭ ئالدىغىلا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئەتىسى سىنىپ تەربىيىچىمىزدىن ھارغىچە گەپ ئاڭلىغان ئىدۇق. شۇنى ئويلىسام بەك كۈلگۈم كېلىدۇ. كەچتە بىرەر سائەت ئەنە شۇنداق ئۆتەتتى . بىر سائەتتىن كىيىن يەنە كىتاپ قولىمىزغا چىقاتتى. سېلەر ئوغۇللار قانداق ئۇقمايمەن. كۆرىدىغان بولساڭ قىزلار كارىدۇرى ئورۇندۇقلار بىلەن توشۇپ كىتەتتى . ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۇستىدە بىز باردە.ھەممىمىزنى ھەرخىل ھالەتتە كىتاب كۆرەتتۇق. ھەي مېنىڭ ئەڭ جاپالىق ۋاقتىم مۇشۇ ئىدى. مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەش نىمىدىگەن ئازاپلىق دىگىنە...توۋۋا دەيمەن،نىمىدىگەن كۆپ تاپشۇرۇق ئۇ، شۇنچە ئىشلىسەكمۇ تۈگىمەيتتى . ئويلاپ باقسام ئۇ كۈنلەردە كۈندە 14-15سائەت كىتاب بىلەن ھەپىلىشىپ ھېچنىمە بولۇپ قالماپتۇق جۇمۇ،ھازىر ھەي...
ۋوي،خەتنى تۈگىتە-تۈگەتمەيلا ۋاقتنىڭ بىر يەرگە بېرىۋالغانلىقىنى.ئالدىڭدا تولىمۇ خىجىلمەن،ئەتە دەرىسىم بار ئىدى،قالغىنىنى ئەتە يازاي،ئاڭلىغىڭ باردۇر  ھە قاچان... ئاللا خالىسا چوقۇم يازىمەن تىخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تۇرمۇشىمىزنى چۈشەندۈرۈپ قويغۇم بار. ساڭا ئامەت تىلەيمەن.
ساڭا ئامەت تىلەپ:زۇلئاي
2010 - 02 - 16  شەھىرى ئۈرۈمچى

زۇلئاي،بۈگۈن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپىمىزنى چۈشىدىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم زۇلئاي،شۇنداقلا ئەلكۈيىدىكى بارلىق ئەزىز تورداشلار
كەچۈرگىن،خېتىڭگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالماي قالدىم.ناۋادا بايا سەن پاكنۇر تەخەللۇسلۇق سىڭلىمىز سېنىڭ <<غەيۋېتىڭ>>نى قىلىۋېتىپتۇ دىمىگەن بولساڭ دېۋىدەك ئۇيقۇمدىن كېچەلمەي تۇرۇشىم ئېنىق ئىدى.ھەي شۇ،ئامال يوق،ئىككى كۈندىن بىرى مەلەكقىزنىڭ ئۇخلىماي تۇرۇپ چۈش كۈرىدىغان كېسىلىگە داۋا ئىزدەپ كەزمىگەن چۆل.بارمىغان تاغ،كەچمىگەن دەريا قالمىدى.قانداق قىلىمىز ئەمدى،ئىچكىرىدە تور ئارقىلىق تونۇشۇپ يەنە بۇ يەردە تور ئارقىلىق يۈز كۈرۈشۈپ ئولتۇرۇپتىكەنمىز،ئىنسانپەرۋەرلىگىم تۇتۇپ كېتىپ...ئۆزۈمچە مىللىيچە دورا ياسايمەن دەپ سىمسىز تور بېكىتىلگەن كومپىيۇتېر ئىزدەپ يۈرۈپتىمەن.ناۋادا،ئۇنىڭ تور خۇمارى تۇتۇپ بۇ قېتىم 11 قەۋەتلىك بىناغا يامىشىمەن دەپ قالسا...ۋاي ۋاي،بولدىلا،ئىگىزدىن سەكرەپ چۈشكەننىڭ دەردىنى شۇ دەردنى تارتقانلاردىن سورايلى ھە!..مەنمۇ مەنزىلىمگە قايتاي!...
شۇنداق قىلىپ كەلگەندىن بىرى ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىمىزنى ئەسلىشىپ خەت يىزىشقانىدۇق،يەنە موشۇ تېمىنى چۈرگىلەپ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى!كىيىنچە سېپىمىزگە تەنھا819 غا ئوخشاش بۇ خىل ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىغانلار ۋە ياكى تېتىش ئالدىدا تۇرغان قېرىنداشلىرىمىز قوشۇلۇپ قالسا،باشقا قېرىنداشلىرىمىز بولسا خەتلىرىمىزدىن ئىچكىردىكى شۇ مۇساپىرچىلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!
بېلەمسەن،نەچچە كۈندىن بىرى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغان شۇ ساۋاقداشلىرىمگە تىنماي چۈشۈمگە كېرىدىغان بولۇپ قالدى.كەلپىنلىك سىنىپ باشلىقىمىزنىڭ قۇيۇق كەلپىن پۇرىقىدا قىلغان خەنزۇچە بۇيرۇقلىرى،غادىل-دىلچات قاتارلىق قازاق بۇرادەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە-قازاقچە ئارىلاشتۇرۇپ قىرغىزچىغا يېقىن سۆزلىرىنى چۈشۈمدە قايتىلاپ تىنماي ئاڭلاپ كەلدىم.ھەر قېتىملىق قۇربان ھېيت-روزا ھېيىت ۋاقىتلىرى ياتاق ھېيتلاشقاندىكى ئاشۇ ئاۋات مەنزىرىلەرنى ئويلاپ ئالىي مەكتەپتە داغدۇغىسىز ئۆتۈپ كەتكەن چاغلارنى ئەسلەپ ئىچىمدە << ھەي،مۇشۇنداق كېتىۋەرسەك تۆت يىلدىن كىيىن يۇرتتا ھېيت قىلساق تاڭ قالارمىزمۇ؟>>دېگەن خىياللارنى قىلغانلىغىم ئېسىمگە كەچتى. شۇڭا بۈگۈن،مەن مۇشۇ ھەقتە،يەنى ئىچكىردىكى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ(توغرىسى خەنجىياڭ ئوتتۇرا مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ)ھېيت تۇرمۇشىنىڭ بىر كارتىنىسىنى سۆزلەپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم.مىسال ئۈچۈن 2008-يىللىق رۇزا ھېيتىمىزنى كۆرسىتىپ ئۆتەي.
ھېلىمۇ ئېسىمدە،ئۆگۈنلۈككە ھېيىت دىگەن كۈنى،بىزنى نەرسە كېرەك ئېلىشقا قويۇپ بەردى.سەن دىگەندەك،بىزگە مەسئۇل <<ئايغاقچى-پايلاقچى>>لارنىڭ <<قوغدىشى>>ئاستىدا مەكتىپىمىزگە يېقىن رۇنياڭ تاللا بازىرىغا ئاتلاندۇق.بازارغا مېڭىشنىڭ ئالدىدا ھەربىرىمىز(يەنى ياتاقدىكى بەشەيلەندىن)پۇل يېغىش قىلغان ئىدۇق،مۇشۇ پۇلنى ئىنچىكە ھېساب-كىتابدىن ئۆتكۈزۈپ ھېيت كۈنى ئوتتۇرىغا تىزىدىغان تاتلىق-تۈرۈم،مېۋە-چىۋىلەردىن سېتىۋالدۇق.ئەتە ھېيت دېگەن كۈنى،كەچلىك مۇزاكىرىنى رەھبەرلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،بىزنى شەخسىي تازىلىق ۋە ياتاق بېزەش تەييارلىقىنى ئىشلەشكە قويۇپ بەردى(تەلەيگە يارىشا،بۇكۈنى ھەر دائىم سائەت 10دا ئۆچىدىغان چىراقنى باشقۇرىدىغان تېخنىك ئاغرىپ قېلىپ كەلمىگەنمىكىن،چىراغنى ئۆچۈرۈۋەتمىدى)،شەخسىي تازىلىق تۈگىگەندىن كىيىن ، ياتاققا قايتىپ يوتقان-كۆرپىلەرنىڭ كىرلىكىنى ئالماشتۇرۇپ،ئۆز ۋەزىپىمىز بۇيىچە ياتاق تازىلاش،رەتلەش،بېزەش ئىشلىرىنى قىلدۇق.بۇ كۈنى كەچ يېتىشىمىز ئېنىقلا ئىدى.ئەتىسى،يەنى ھېيىت كۈنى ئادەتتىكىدىن تېخىمۇ بالدۇر قوپۇپ يوتقان-كۆرپىلەرنى ناھايتى رەتلىك-چىرايلىق قاتلىغاندىن كىيىن كۈنلۈك يۈز-كۆزنى يويۇپ،ياتاقنى يەنە بىررەت تازىلىۋەتتۇق.بۇ چاغدا تاڭ ئېتىشقا باشلىغانىدى.قۇياش قىزىرىپ جاھان يۇرۇغاندا،ئىلگىرىكى ئادىتىمىز بۇيىچە ئوغۇللار تەڭ دىگۈدەك <<سالام ھېيت،سالام جامائەت!ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!...>>دەپ توۋلاشدۇق.قىزلاردىن جاۋاب كەلگەندىن كىيىن بۈگۈنكى ھېيتنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.ئاندىن ، يەنە تۆنۈگۈن سىنىپدىن يۆتكەپ ئەكەلگەن ئورۇندۇق-پارتىلارنى رەتلىك قويغاندىن كىيىن ئۈستىگە يۇرتتىن ئەپكەلگەن داستىخانىمىزنى سېلىپ قايسى كۈنى سېتىۋالغان ھەمدە يۇرتتىن كەلگەن نەرسە-كېرەكلەرنى تىزدۇق.بۇ تەييارلىق پۈتكەندىن كىيىن ئۈچ ياتاقنىڭ 15 نەپەر ئوغۇللىرى سەپ تۈزۈپ مىللىيچە كىيىنگەن ھالدا ئاشخانا تەرەپكە <<ئاتلاندۇق>>،يولدا ئۇچرىغانلىكى ھېيىت ئەھلىنىڭ ھېيىتىنى تەبرىكلىشىپ مېڭىپ ھېيىت شادلىقىنىڭ تۇنجى تەمىنى تېتىماقدا ئىدۇق.
بۈگۈن ئاشخانىدىكى تاماقنىڭ سۈپىتىدە ناھايىتى ياخشىلىنىش بولغانىدى.بۇ يەردىن ئازراقلا غىزالىنىپ يەنە شۇ سەپنى بۇزمىغان ھالدا قەشقەرلىك تۇرمۇش مۇئەللىمىمىز ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ ياتىقىغا كېرىپ بۈگۈنكى ھېيتنى باشلاپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق.مۇئەللىم ھېيتنىڭ بىزنىڭ ئەنئەنىمىزدە تۇتقان ئورنى ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ بەرگەندىن كىيىن دوپپىسىنى كېيىپ <<ئەمدى ھېيتلاشساڭلار بولىدۇ!..>>دەپ ئېجازەت بەردى.شۇ ھامان بىز قىزلارغا خەۋەر بېرىۋېتىپ ياتاقلىرىمىزغا قايتىپ مېھمان كۈتۈشنىڭ تەييارلىقىنى باشلىۋەتتۇق.
مەكتىپىمىزنىڭ <<ئەنئەنىسى>>دە،ئاۋۋال ئوغۇللار قىزلارنى ھېيتلاشقا باشلايتى.لېكىن بۇ قېتىم نىمىشقىكىن،قىزلار باشتا ھېيتلاشسۇن دېيىشىپ...بۇ <<ئەنئەنە>>مىزدە ئۆزگىرىش بولدى.قىزلار تەرەپ ياتاق بۇيىچە گوروپپىلارغا ئايرىلىپ ھېيىتلاشقا كەلدى.مانا،پاھ -پاھ،مىللىيچە كىيىنگەن قىزلىرىمىز ياتاققا كەلدى،نەچچە ئايدىن بىرى تۆت چاسا خەتلەرنىڭ دەردىدە كۆزلىرىمىز تورلىشىپ قالغان چېغى،قىزلارنىڭ چېچىنىڭ ئۆرۈۋالغانلىقىنى كۆرمەي قاپتىمىز ئەمەسمۇ...رەھمەتلىك مومامنىڭ دىيىشىچە،ئۇنىڭ زامانىسىدا قىزلارنىڭ چېچىنىڭ قانچە تال ئۆرۈلگەنلىكىگە قاراپ ئۇلارنىڭ بەزىبىر سالاھىيىتىگە ئېرىشكىلى بۇلاركەن.بۇ گەپ تۇيۇقسىزلا ئېسىمگە كەلگەچ گۈلپەرىنىڭ چېچىغا ئىختىيارسىز قاراپ قاپتىمەن.<< بىر،ئىككى،ئۈچ...توققۇز!...پاھ،توققۇز دىگەن بىز ئۈچۈن قۇتلۇق سانغۇ!...>>خۇشلۇقۇمدا گۈلپەرىنىڭ ئورنىغا لېۋەن قازاق قىزى ماغرىپانىڭ ئالماشقانلىقىنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن.<<ھەي ھەي،قىزلارغا ئىككى قېتىم تىكىلسەڭ گۇناھ جۇمۇ!...>> ياتاقدىشىم ئەسقەتنىڭ بۇ چاقچىقىدىن خىجىل بولۇپ تۇرۇسقا تىكىلىۋالدىم...
كۈلكە-چاقچاقلار ئىچىدە نەچچە ۋاقىتلىق غېرىبلىقىمىز ۋاقىتلىق بولسىمۇ يوقىغانىدى،قاتتىق تۈزۈم-ھارغىن ئۆگىنىش ئاستىدا ئىزىلگەن يۈرەكلىرىمىز بۈگۈن ھېيىت شادلىقىدىن قاتتىق يايراپ كېتىۋاتاتتى.يۇرتتىن كېلىۋاتقان ھېيتلىق تېلىفۇنلار يۇرت سېغىنىشىنى كۈچەيتسە،قىزلارنىڭ تىزغان يۇرتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يىگەچ <<پاھ،مونۇسى كاشىغەرنىڭ ئانارىكەن!....>>،<<ماناۋسى قۇلجادىڭ قۇرتى!...>>دىيىشىپ چىشىمىزنى چاكىلدىتىپ قىزلارغا تۇيدۇرماي بىرنەچچىنى يانچۇققا قاچىلاپ بولاتتۇق.بۇ كۈنى،كاللىمىزدا تۈگىمەس ئىمتىھاننىڭ قورقۇنىچى يوق ئىدى.بۇ كۈنى،قۇلىقىمىزدا لىبەي(ئەبەي)نىڭ شېئىرلىرى ئەمەس يۇرتىمىزنىڭ چاقچاقلىرى ئاڭلىناتتى.بۇ كۈنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شۇئارى ئەمەس،ھەقىقىي ئەمەلىيىتى(يەنى سىپىمىزدىكى موڭغۇل ساۋاقدىشىمىزمۇ بىز بىلەن تەڭ بايرام قىلغان)بولاتتى.ئىشقىلىپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرى ئۈچۈن قۇربان ھېيت-روزا ھېيتىدەك شادلىق تېپىلمىسا كېرەك.شۇنداق قىلىپ،شۇ شادلىق ئىچىدە كۈن كەچ بولدى،مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە زالىدا روزا ھېيت سەنئەت كېچىلىكىمىز باشلاندى.ئۇيغۇر،قازاق تىللىرىدا ئوقۇلغان ئەسەرلەر،ھەر قايسى يىللىقلار بويىچە تەييارلانغان سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ ئاخىرى،بۈگۈنكى رۇزا ھېيت كۈنى تۈگىگەن بولدى!ياق،ياق،تېخى تۈگىمىدى!ئەمدى تېخى يىللىقلار بويىچە قىز-ئوغۇللارنىڭ ھېيتلىشى.ئەمدى،ئوغۇللارنىڭ جەمئىي 15 ئاتەش يۈرەكنىڭ بىر ياتاققا يىغىلىپ قىزلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئامان قالغان <<جان>>لارنى <<تالاج-تاراج>>قىلىش نۆۋىتى كەلدى،ھەر بىر ياتاقدىن يىغىلغان نەرسىلەرنى بىزنىڭ ياتاققا(ھەي شۇ،كىم بىزنىڭ ياتاقنى مەركەزدە بولۇپ قالسۇن دەپتۇ!)تۆكەتتۇق.گۇرۇڭ-گۇرۇڭ پاراڭلارنى قىلغاچ ، ۋاقتنى ئۇنتۇيدۇق...بۇ پاراڭلار تاكى بۇخارانىڭ ئەڭ ئاخىرقى تېڭى ئاتقۇچە بولاتتى،باشقىلار شۇنداق قىلىپ جىمىي ئەخلەتلەرنى بىزگە تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كېتەتتى.بىزمۇ بۇ مەينەتچىلىككە قاراپمۇ قويماي دۈم چۈشۈپ ئۇخلايتتۇق!...
ئالىي مەكتەپدىكى مەكتەپداشلىرىمدىن ئىگىلىشىمچە ،ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ھېيت ئۆتكۈزۈشى ھەرخىل بولىدىكەن.بەزى مەكتەپلەردە ھىچقانداق داغدۇغا قىلمايلا سەنئەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇپلا قويىدىكەن.بەزى مەكتەپلەردە قۇربان ھېيتىدىلا قويۇپ بېرىدىكەن.قارىغاندا،بىزدەك ھېيت تاماشاسى قىلىدىغانلار ئاز بولسا كېرەك.نىمىلا بولمىسۇن،بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئاران كېلىدىغان بۇ پۇرسەتلەرنى شۇنداق كۈڭۈللۈك ئۆتكۈزۈپتىكەنمىز.مىللىي ئەنئەنىمىز خىرىسقا ئۇچرىغان كۈنلەردە شۇئار ئىچىدە ئەمەس ئەمەلىيەتكە بەكرەك ئەھمىيەت بەرسەككەن دىگەن ئۈمىددە مەن.
شۇنداق قىلىپ 2008-يىللىق روزا ھېيت كەچۈرمىشىم تامام بولدى.بەلكىم،قېرىندىشىمىز تەنھا819 نىڭ تەنھالىقى تېخىمۇ تۇتۇپ كېتىپ 101 بولۇپ قالارمۇ بۇ ئەلكۈيىگە ھە!...ھە راست،دېيىشنى ئونتۇلۇپ قاپتىمەن،تۆنۈگۈن ئوباما ھەزرەت تېلىفۇن قىلىپ پاك نۇرنى بەك سوراپ كەتتى،ئۇنىڭ دىيىشىچە كومپىيۇتېر بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان مۇشۇنداق بىر ئىستىداد ئىگىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىدا قالمىغىنى بەك ئۆكۈنۈشلىك بوپتۇ،ۋاقتى بولسا ئاقسارايغا كىرىپ يەنە ئازراق سۆزلەپ بەرسۇن،ئىش ھەققىنى كەتكەندىن كىيىن ھېسابلىشايلى دەيدۇ.قانداق،پاكنۇر سىڭلىم؟ مېنى <<راستىنلا ئالدىراشتۇ؟>>دەپ چىكىتلەرگە تولدۇرغىنىڭىز يالغان ئەمەس،ئوباما چېغىدا مۇشۇنداق شەخسىي ئىشىغىمۇ مېنى ئاۋارە قىلىپ كېتىۋاتسا مەندە نىمە ئامال دەيسىز؟ئۇنىڭ ئۈستىگە...ئۇنىڭ ئۈستىگە...ھەي شۇ،ئەلكۈيىدىن ئايرىلىدىغىنىمغا يەنە 10 كۈندەكلا قالدى،باشقىلار بىلەن تونۇشۇۋالاي دەپ ئويلىدىميۇ،بىر كۆرۈنۈپ قۇدۇققا چۈشكەن پاقىدەك يوقاپ كەتسەم <<ئادەم ئىزدەش ئېلانى>>غا چۈشۈپ قالماي دەپ ئويلاپ قالدىم.خۇدا خاقلىسا،كۈچ ئۇلاش كالتىگىنىڭ بىر چېتىگە مەنمۇ ئېسىلىمەن!...
خەيىر،مەنمۇ ئورنۇمدىن قوزغۇلاي،ئەتە ئۆگۈننىڭ ئىچىدە مەكتەپكە قايتىدىغان بولغاچ ئەمدى خېتىمنى داۋاملاشتۇرالماسلىقىم مۇمكىن،ئەمما،زۇلئاي،خاتىرجەم بول،بىزنىڭ ساۋاقداشلىق رىشتىمىز ئۇنداق ئوڭاي ئۈزۈلمەيدۇ،خۇددى ئەسقەت بۇرادىرىمىز دىگەندەك،بىر ئۆينى تىرەپ تۇرىدىغان تۈۋرۈكمۇ بىر نەچچە يەردە بولىدۇ،بىز گەرچە ھەر-ھەر جايلارغا چېچىلغان بولساقمۇ تولۇق ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىكى تۆت يىللىق ئەسلىمە بىزنى ھامان باغلاپ تۇرىدۇ،بىزنىڭ ھېكايىلىرىمىز بىزنىڭ مەكتىپىمىزدە،ھەمدە باشقا مەكتەپلەردە داۋاملىشىپ ماڭىدۇ...
ئامان بول،تور ئەسلىگە كەلگەندە ئەلكۈيىدە سېنى ئىزدەيمەن!...
2010-يىلى 19-فىۋرال شەھىرى توقسۇ

مۇناسىۋەتلىك يازما:


8 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • قىشىچە ‹پارس مەكتۈپلىرى› يېزىپ ئۆتكەن گەپ ئىكەندە :lol:

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.20

      باشقا مەكتۇپلارنىمۇ يېزىشقان،ئېلان قىلمىدىم تېخى!

  • مەن بەكلا قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن بۇ مەكتۇپلارغا، بىزغۇ <> ئاتالغان ئىككى يىلدىن بىرى ھىيىت پەتىسىمۇ قىلىشمىدۇق، مۇشۇ قەشقەردە ياشىماقنىڭ ئۆزى غەنىيمەت… ھەي…

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.21

      مەنمۇ ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن بىرى ھېيتلاشقاننى بىلمىدىم،شۇ بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزمىخانىدا مۇبارەكلىشىدىغانلىقىنى بىلىمەن…ھەي شۇ! :(

  • ئۇيغۇرباي | 2010.08.21 جاۋاب

    بۇ يازمىنى ئوقۇپ مەندەك ۋىلايەتتىمۇ ئوقۇمىغان سەھرالىقنىڭ ئىچكىردە ئوقۇغۇسى كەپ قالدى دىسە ، ئۇيغۇربەگ بولسا باشقا خەتلەر بولسا ئۇلارنىمۇ يوللاپ قويۇڭ ،كۆرۇپ قۇلاق موللىسى بولۇپ قالارمىز ،

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.21

      بۇلار قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ئەلكۈيىنىڭ دوستلىشىش سەھىپىسىدە يىزىشقان خەتلەر ئىدى،يېقىندا رەتلەپ چىقىپ بۇ يەرگە يوللىغان،كىيىن،تەتىل توشۇپ قېلىش سەۋەبى خەتلەر مۇشۇنداق توختاپ قالدى…
      شۇنداق قىلىپ،ئۇ خەتلەر ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنۈپ يوللىنىپ تامام بولدى.

  • يۈكسەل | 2010.08.21 جاۋاب

    ئاپىلىرىنىڭ گېپى ئادەمنى خېجىل قىلىپ قويدى… :-|
    مەكتۇپلىرىنى زەڭ قويۇپ كۆرىۋاتىمىز، سىلەرنىڭ سۆزلەشمەڭلاردىن ئۆزىمىزدىن كېچىكرەك بولغان ئېنى – سىڭللار، ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىۋاتىمىز …

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif