- سەھىپە:IT يېڭىلىقلىرى
- | باھا:21
- | زىيارەت: 2,927 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، google
يېقىندىن بۇيان مەن ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان Youku فىلىم تورىنىڭ ئېلانلىرى تېتىقسىزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىچىم پۇشۇۋاتقانتى، بۇنى ئازدەپ ۋاقتىمۇ ھەدەپ ئۇزىراپ كەتتى، خەپ دېدىم، ئامالىنى قىلىش ئۈچۈن تىركىشىپ باقمىدىم. بۈگۈن ئالماس دەپ بىر تور قۇرتى مەكتەپدىشىم بار ئىدى، ھەدەپ فىلىم كۆرۈۋاتسام «ئىدىش، ئاۋۇ ئۇزۇن ئېلانلاردىن زىرىكمىدىڭلىما؟» دەيدا، زىرىكمەمدىكى دېدىم، شۇنىڭ بىلەن «خىروم ئىشلىتەمسىلە؟» دەيدۇ، «Chromeما» دېدىم، بىلىسىلە، بلوگگېرلار Chromeنى «كېرەمجان» دەيتۇققۇ، باللا «خىروم»(خۇرۇم) دەيدىكەن، مۇشۇ كېرەمجاننىڭ بىر قىستۇرمىسى باركەن، ئېلان چەكلەيمىزكەن…
قىستۇرما ھەققىدە
قىستۇرما نامى: Adblock
قىستۇرما مەنزىلى: https://chrome.google.com/webstore/detail/gighmmpiobklfepjocnamgkkbiglidom
قىستۇرما ھەققىدە: مەزكۇر قىستۇرما تۈرلۈك-تۈمەن بېكەتلەرنىڭ غەرەزلىك ۋە غەرەزسىز ئېلانلارنى سۈزۈۋاتىدۇ. شۇنداقلا سۈيۈملۈك گۇگېلنىڭ ئېلانلىرىنى سۈزۈپ تاشلايدۇ. ئەلۋەتتە، قايسى ئېلانلارنى سۈزۈش كېرەك، قايسىسىنى سۈزمەسلىك كېرەك، تاللىغىلى بولىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، بۇ قىستۇرما ئارقىلىق يوۋكۇنىڭ ئېلانىغا «خەير-خوش» دەۋەتتىم!…
ئۇيغۇربەگدىن تەسىرات
قارىسام يوۋكۇنىڭلا ئەمەس، خېلى بېكەتلەرنىڭ ئېلانىنىمۇ سۈزۈۋېتىپتۇ، ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. Google Adsenseنىمۇ سۈزۈۋېتىپتۇ قارىسام. شۇڭا تۇرايىمىز ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇكى:
تۇرايىمىزنىڭ ئېلانىنى چىكىپ قوللاپ كېلىۋاتقان بلوگگېرلار، تورداشلار مەزكۇر قىستۇرمىنى قەتئىي ئىشلەتمىگەي! بولمىسا كاللىسى ئېلىنىدۇ!…
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [تەسىرات] تەتىلدىكى پارچە-پۇرات ئىشلار(2)
- دېسنىيگە تەۋە Pixar گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى كارتون ئەسىرى–ئاي ئەپسانىسى (7)
- 20 تال نادىر ھەقسىز خەت نۇسخىسى
- [ئالاھىدە تەۋسىيە] WordPressنىڭ مۇقىم ئۇلانما ئىقتىدارى ۋە كۆرسەتمە كودلار (17)
- شېنجېن ئۇنىۋېرسىتىتى 2009-يىللىق قۇربان ھېيىت يىغىلىشىدا سۆزلەنگەن سۆز
- WordPress نىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشدىن ئېرىشكەن تەجرىبەم (10)
- يېقىندا كۆرۈپ تۈگەتكەن، ماڭا ناھايىتى ياققان ئېسىل كارتون فىلىم–باتۇرلۇق قىسسىسى (9)
- [يەرلىك قىستۇرما] WP-beFont – ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى (8)
- ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە (5)
- قازاقىستان دەرۋىش ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇڭ ناخشىسى–ھەر ئاخشام (9)
- ئۇيغۇر پاركورچى باللا ئىشلىگەن مىكرو كىنو – سۈرئەت (14)
- [كۆچۈرۈلمە] ئەگەر سىزنىڭ ئىككى ئىنىكىڭىز بولسا… (9)