- سەھىپە:ئۇيغۇربەگ تەجرىبىلىرى
- | باھا يوق
- | زىيارەت: 916 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، blog, ئۇيغۇر, ئۇيغۇربەگ
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ،مەن خاككېرنىڭ ئەسلىي مەنىسىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەچ،تىلىمىزغا بۇ ئاتالغۇنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى بولمىش قارا مېھمان(黑客)نىڭ مەنىسىگە ئاساسەن كىرىپ قالغانلىقىنى،شۇڭا بىزدە خاككېر دېسە سەلبىي مەنە بىرىپ قۇيىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردىم ھەمدە مەن بىلىدىغان دۇنيادىكى 10 چوڭ خاككېرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋىدىم.
-ئاچاڭنى!- دەپ ئاغزىنى بۇزدى ئۇ،-بىزنىڭ ما يەدىكى خاككېرلا داۋبەن ياساشدىن باشقا نېمە بېلىدۇ ھې؟بۇ خەق ھەقانداق دەيلەنى بۇزۇۋاتالايدۇ باغۇ،خەنسولامۇ ھەيران قالىدۇ تېخى!…
ئوغرى نەشىردىكى دىسكا(دەي)ساتقۇچى
شۇ كەچلىك بازاردا،يەنە مېنى گەپ-سۆزلىرى ۋە تىجارەتتىكى چاققانلىقى بىلەن قايىل قىلغان بىر كىشى بار،ئۇ كىشى مەخسۇس ئوغرى نەشىرىدىكى دىسكىلارنى ساتىدىغان بولۇپ،يېشى مەندىن كۆپ بولسا تۆت ياش چوڭ بولسا كېرەك،بۇ كىشى نەق كۇچار شىۋىسىدە سۆزلەيتى(توقسۇ شىۋىسىمۇ كۇچار شىۋىسىنىڭ بىر بۆلىكى ئىدى)،<<ھىي داڭگى قىز ۋالا،بىتال دەي بى كوي،تۆتى ئوڭ كوي!>>دەپ سۆزلەيدىغان بولسا،توۋا،شىۋىڭىز خېلى ئېغىركەن دەپ كۈلۈپ سالاتتىم.
بۇ يىل تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق فىلىملىرى تازا مودا بولغان چېغى،بۇ كىشى مەخسۇس تۈرك فىلىملىرىنى ساتاتتى،توردا كۆرۈۋاتقان <<ئادانالىق>>نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ چىقىپ بوپتۇ،تېخى قاتتىق بازىرى باركەن.يەنە ھېلىقى <<قاچقۇن ئاشىقلار>>دېگەن فىلىمنى تەقەززالىق بىلەن كۆرىشىدىكەن،<<ئاچچىق ھايات>>(ئەسلى كۈلپەتلىك ھايات دەپ ئالسا توغرا بولاتتىكەن)فىلىمىنى ئاخىرىغا بارغاندا بۇزۇلۇپ كەتتى دەپ قاراشقاچقا،بازىرى ھازىر ئانچە ئىتتىك ئەمەسكەن،كۇرتلار ۋادىسىنى ئىزدەپ يۈرۈپ كۆرۈشىدىكەن،بۇ فىلىم قارىغاندا تۇلۇق تەرجىمە قىلىنىپ بولمىغان چېغى…
گەپكە قايتىپ كېلەيلۇق.شۇنداق قىلىپ،بۇ كىشى بىلەن بىرنەچچە كۈندىلا يېقىن بولۇپ كەتتۇق،بۇ كىشى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان فىلىملەرنىڭ ئەسلىي نەشىرىدىن تۆت تال ئەپكېلەتتى،ئوغرى نەشىرىدىكىلى ئاساسلىق ئىدى.بازار ئىتتىك چاغلىرىدا دىسكىلارغا باھا چاپلاپ ساتاتتى،كەچلىك بازاردا مۇشۇ دەيچىلەرنىڭ ئالدىدا ئادەم ئۈزۈلمەيتى بارغۇ.بىركۈنى،ئۇ خاككېرلىق ھەققىدە سۆزلەپ قالدى،<<ئاڭلىسام خاككېرلار كومپىيۇتېر بىلەن بانكىلارغا بۆسۈپ كىرىپ ئۇنداق مۇنداق قىلىۋېتەتمىش،ئامىرىكىدا ئۇنداق مۇنداق بولارمىش!…>>دېگەندەك كوچا پاراڭلىرىنى سۆزلەپ بىرىۋىدى،ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ،مەن خاككېرنىڭ ئەسلىي مەنىسىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەچ،تىلىمىزغا بۇ ئاتالغۇنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى بولمىش قارا مېھمان(黑客)نىڭ مەنىسىگە ئاساسەن كىرىپ قالغانلىقىنى،شۇڭا بىزدە خاككېر دېسە سەلبىي مەنە بىرىپ قۇيىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردىم ھەمدە مەن بىلىدىغان دۇنيادىكى 10 چوڭ خاككېرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋىدىم.
-ئاچاڭنى!- دەپ ئاغزىنى بۇزدى ئۇ،-بىزنىڭ ما يەدىكى خاككېرلا داۋبەن ياساشدىن باشقا نېمە بېلىدۇ ھې؟بۇ خەق ھەقانداق دەيلەنى بۇزۇۋاتالايدۇ باغۇ،خەنسولامۇ ھەيران قالىدۇ تېخى!…
داشۆسېڭ دېگەن ئېسىل كىنو كۆرىدۇ!
يېنىمدىكى دەيچىنىڭ قولىدا مەن كىچىگىمدىن ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان كىنولاردىن بولمىش <<شابان>>يۈرۈشلۈك فىلىملىرىنىڭ دىسكىسى بار ئىكەن،شۇ ھامان ئېلىۋالدىم،يەنە بىرقانچە مەن ياقتۇرىدىغان دىسكىلارنىمۇ ئۇچرىتىپ ئۇلارنىمۇ سېتىۋالدىم-دە،ئارقامدىكى ئۈستەلگە تاشلاپ قويۇپ ئىشىمنى قىلىۋەردىم.ئويلاپ باقماپتىمەن،ئارقىسىدا مېنى تولىمۇ خىجىل قىلىدىغان بىر ئىش يۈز بەردى.
تازا قىززىپ بېلىق پىشۇرۇۋاتاتتىم،تۇيۇقسىز بىر چوڭ ياشلىق ئاكىمىز مېنى توۋلاپ قالدى.قولۇمدىكى ئىشنى ئاپامغا بىرىپ،ئۇ ئاكىمىزنىڭ قېشىغا باردىم.
-ئۇكام ما دەيلە سىلىنىڭما؟
-ھەئە،باياتىن ئالغانتىم.-دېدىم ھەيران بولۇپ.
-ئۇنداق قىمماي ماڭا سېتىپ بەسىلە بوپتېكە…
-ئاۋۇ دۇكاندىن ئالغانتىم،شۇ يەردە بادەك قىلغان.ئۆزلىرى بېرىپ ئېلىۋالسىلا بوپتىكەن.
-ئۇنداق قىمماي سېتىپ بەسىلە دەيمەن،بۇ جېنىمغا خەقنىڭ ئالدىغا بېرىپ دەي تاللاپ يۈرەمتىم مەن…
-ياقەي،مەن بۇ دەيلەرنى ئاراندا تاپقان دېسىلە،ئاكا…بولمىسا مەن تېپىپ بېرەي.
-بولدى،بۇ دەينى ماڭا سېتىپ بېرىپ،ئۆزلىرى ئېلىۋالماملا؟تۆت كويدىن بېرەي مەن سىلىگە،مانا…-ئاكىمىز پۇلنى ساناپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى.ئامال يوق پۇلنى ئېلىپ،ئارتۇقىنى قايتۇرۇپ بەرگەچ سوراپ قالدىم.
-سېلىمۇ ئامراق ئېكەنلىدە شاباننىڭ كېنولىرىغا…
-شابان دېگەن كېمۇ بىلمەيمەن مەن،سىلىدەك داشۆسېڭ باللا ئانداق-مانداق كېنو كۆمەيسىلە،داشۆسېڭ مانداق كېنو كۆرىدۇ!-دەپ باشمالتىقىنى كۆرسۈتۈپ،ھاياجان ھالدا كېتىپ قالدى.مەن بولسام ئوتتەك قىزىرىپ كېتىپ باراتتىم…
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [مەخپىي رېتسىپ] WordPressدە بارلىق ئۇلانمىلارنى يېڭى كۆزنەكتە ئېچىشنىڭ ئىككى تەدبىرى (16)
- WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ ئېچىلماسلىقى ھەققىدە قىسقىچە بايانات (32)
- [ WordPress ھاياتىنى باشلاش ] (1-قىسىم) WordPress نى تونۇش (32)
- تۇرايىمىز مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ئۇسلۇب ئالماشتۇردى (8)
- بەيدۇ شىركىتىنىڭ 12-چىسلادىكى ۋەقە بولغان باياناتى (5)
- بۈگۈن باشقا ئىش يوق، ئەمما فەچەت بىر ناخشا بار ، ئىسمى قارا تۇپراق… (9)
- WordPress 3.4.1 نەشىرىگە يېڭىلاپ ئارقا بەتكە كېرەلمەسلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە ھەل قىلىش (10)
- WordPress قا تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىن چېكىنىپ چىقىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش (3)
- [يەرلىك قىستۇرما] WP-beFont – ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى (8)
- نېمىشقا سىزنىڭ wordpress بلوگىڭىز E-mail ئەۋەتەلمەيدۇ (4)
- بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (2-باب: خاككېر ئېمپىرىيىسى) (3)
- Prestan Simple 3 نەشىرىنى جىددي ياساۋاتىمەن، تەكلىپ پىكىر بارمۇ؟ (28)