WordPress 3.4.1 نەشىرىگە يېڭىلاپ ئارقا بەتكە كېرەلمەسلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە ھەل قىلىش

cc8_副本

بىر نەچچە كۈن بۇرۇن تۇرايىمىزنىڭ ئىخلاسمەن زىيارەتچىسى بولغان سەھرالىق WordPress 3.4.1 نەشىرىگە يېڭىلاپ ئارقا بەتكە كېرەلمەسلىك مەسىلىسى ھەققىدە ئىنكاس يوللىغاندىن كېيىن، مەنمۇ ھېچقانداق ئويلىنىپ تۇرمايلا بلوگنىڭ نەشىرىنى كۆتۈرۈپ سىناپ باقتىم، ئىشلەتكىنىم Linux مۇھىتىدىكى Cpanel بوشلۇقى ئىدى. سانداننى خاتىرجەم زاپاسلىۋالغاندىن كېيىن، بلوگداش WordPress مۇنبىرىگە بۇ ھەقتە «WordPress 3.4.1 نەشىرىگە كۆچۈپ ئارقا سۇپىغا كىرەلمەيۋاتقانلار بارمۇ؟» دېگەن تېمىدا ياردەم تېمىسى يوللىغاندىن كېيىن جاۋاب چىقمىغاندىن كېيىن ئىزدىنىپ يۈرۈپ ھەل قىلىش چارىسىنى ھەم تاپتىم.


مەزكۇر مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى

مەندىن بۇرۇنلا WordPressنىڭ ئۇيغۇرچە ئورگان بېتىدە شۇنداقلا ئىنگىلىزچە مۇنبىرىدە بۇ ھەقتە ياردەم ۋە مۇنازىرە تېمىسى سورالغان ئىكەن. ھەر قايسى ئاتامانلارنىڭ دېيىشىچە مەزكۇر مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى بىر قىسىم بلوگلارنىڭ سۈرئەتنى تىزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەلالاشتۇرۇش(缓存،cache ) قىستۇرمىسىنى قاچىلىغانلىقى، شۇ تۈپەيلى يېڭى نەشىرىدىكى بىر قىسىم كودلار بىلەن توقۇنۇشقانلىقى مۇمكىن.

خەنزۇچە غەيرىي رەسىمىي ئورگان مۇنبىرىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، WordPress 3.0 نەشىرىدىن باشلاپ سېستىمىنىڭ ئۆزىدە ئەلالاشتۇرۇش (缓存،cache ) ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئىكەن، ھەمدە مەزكۇر ئىقتىدارنىڭ object-cache.php ناملىق ھۆججەتكە مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم. شۇڭلاشقا ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمىلىرىنىڭ مۇشۇ ھۆججەتتىكى كودلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغانلىقى مەلۇم(ھالبۇكى كەمىنە ھېچقانداق ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمىسى ئىشلىتىپ باقمىغان) .

QQ图片20120808190121

خاتالىقنىڭ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى ئەھۋالى

مەزكۇر مەسىلىنىڭ ئالامەتلىرى مۇنداق: نەشىرىنى يېڭىلاپ بولغاندىن كېيىن ئارقا بەتكە كىرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ، ئارقا بەتكە كىرگەندىن كېيىن ساندان ئۇچۇرلىرىنى يېڭىلاش بۇيرۇقى بىرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇيرۇقنى بىرىپ بولغاندىن كېيىن يۇقارقى رەسىمدىكىدەك خاتالىق ئۇچۇرى بېرىدۇ. خاتالىقنىڭ تولۇق يېزىلىشى:

Fatal error: Call to undefined function wp_cache_add_non_persistent_groups() in /home/xxx/public_html/wp-includes/class-wp-theme.php on line 177

مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش چارىسى

Ftp قورالى ئارقىلىق بلوگ ئورنىتىلغان بوشلۇقىڭىزغا كىرىپ object-cache.php ناملىق ھۆججەتنى يۇيۇۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.

Ps: كەمىنە مەزكۇر يازمىنى يېزىپ بولۇپ يېڭى بىر مەسىلىگە يولۇقتۇم، بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسىمۇ پات ئارىدا ئېلان قىلىنغۇسى، خاتالىق ئۇچۇرى:

Fatal error: Allowed memory size of 33554432 bytes exhausted (tried to allocate xxx bytes



无觅相关文章插件,快速提升流量

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


10 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئوھ.يەنە يېڭى مەسىلە چىقتىما؟ مەن ئاۋۇ ھۆججەتنى يۇيۇپلا قۇتۇلغان، قارىغاندا ئىش بار ئوخشىمامدۇ ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.08.8

      ھەل بولدى، ئەتە يوللايمەن چارىسىنى!

  • پەخرىم | 2012.08.8 جاۋاب

    بۇنى مەن نۇرقۇت تورىدا ئەلشاتنىڭ يازمىسىدا كۆرگەن

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.08.8

      نېمىنى كۆرگەن؟

  • بۇ مەسلىنىڭ ھەلقىلىش چارىسىنى يوللاپ قويغىنىڭىز ياخشى بولدى. مەنمۇ يۇلۇققان ئىدىم، ئەمما ئۆزۈم ھەل قىلىۋالغان،

  • بەگ جاناپلىرى مەن بىر ئىنگلىزچە ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىۋاتقان. گەرچە ئۇسلۇب دېگەننى قانداق تەرجىمە قىلىدۇنىمۇ بىلمىسەممۇ، سىناپ باققانتىم. يوليورۇق كۆرسەتكەن بولسىلا. ئىنكاس يازىدىغان جايغا ئۇيغۇرچە چىقىدىغان قىلدىم ئەمما خەت ئۆمۈچۈك پۇتىدەك. ئاندىن ئەك ئۈستىدىكى ئىزدەش دېگەن جايغىمۇ ئوخشاشكەن. قانداق ئۇلارنى پىر تېپىكتە جايلىۋېتەلەيمەن.؟؟؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.08.10

      ئۇيغۇربەگدە تەمىنلىگەن ئۇسلۇبلارنىڭ ئوخشاش ئورنىنى تېپىپ سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. :smile:

  • ئەستا ئادرېسىمنى قالدۇرماپتىمەن.
    http://alpbeg.com
    http://alpbeg.com/?p=84
    دەك

  • ئالپبەگ | 2012.08.11 جاۋاب

    كۆرسەتمىلىرىگە رەھمەت. :razz:

  • getlow | 2013.01.7 جاۋاب

    ياخشىمۇسىز ،مەن qq توپىغا قېتىلسام بولىتى …..ئەمدى باشلىغان بەك جىق سوئاللىرىم بار ئىدى …

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif