ھەقسىز تور نامى .TKنى ئىشلىتىۋاتقانلار دىققەت، مۇتنىڭ ۋاقتى كەپتۇ!

1503-www-in-b_article

بىلگىنىمىزدەك، نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز خەلىقئارالىق تور ناملىرى ئىچىدە ھەقسىزنىڭ يوقلۇقىنى بىلىدۇ، ئەمما بىرىنچى دەرىجىلىك تور نامى  .TKنىڭ ھەقسىزلىقىنى بىلىدۇ، ھەمدە ئاشۇ نۇرغۇننىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلار بۇ ھەقسىز مۇتنىڭ تەمىنى تېتىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، بۈگۈن ئېلخېتىمگە كەلگەن بىر خەتتىن مەلۇمكى، مۇتنىڭ ۋاقتى كەپتۇ، ئەمدى ئۇ مۇت ئەمەسكەن!…


خەتنىڭ مەزمۇنى ۋە قىسقىچە تەرجىمىسى

ماڭا كەلگەن ئېلخەتنىڭ ئىنگىلىزچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك :

Dear Sir/Madam,
Since September 3, 2010 you are the registrant of the domain name:
UYGHURBEG.TK.
Please be advised that the registration period for this domain is almost
over and that the domain will expire on February 29, 2012.
If you wish to keep your your domain, you should renew the domain
registration for UYGHURBEG.TK BEFORE February 29, 2012 00:00 GMT.
Domain name renewals are free of charge and can be done in My Dot TK.
Please:
- Visit My Dot TK at http://my.dot.tk
- Go to Domain Panel
- Select the domain name you want to renew
Domain renewals can only be done two weeks before a domain name expires.
Looking forward to continue to serve you with your domain name.
Kind regards,
Dot TK Support
http://www.dot.tk
http://free.tk

خەتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىسى مۇنداقكەن :

ھۆرمەتلىك ئەپەندى، تاكى 2010-يىلى سىنتەبىر ئېيىدىن باشلاپ سىز بىزدىن UYGHURBEG.TKدېگەن بۇ تور نامىنى تىزىملىتىپ ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدىڭىز. سىزگە شۇنى ئۇقتۇرۇپ قويىمىزكىن، سىزنىڭ بۇ تورنامىڭىزنىڭ ۋاقتى توشتى، شۇنداقلا 29-فىۋرالدىن بۇرۇن ۋاقتىنى ئۇزارتىش(يېڭىلاش)مەشخۇلاتى ئېلىپ بېرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. بولمىسا تور نامىڭىز….

دەپ پالانى، پۇستانى

ئۇنىڭ ئالدىدا بۇلاردىن ھەقسىز تور نامىغا بولغان سىياسىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولدى دەپ ئۇچۇر قىپتىكەن، دىققەت قىلسام، ئىسىمنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتسا داۋاملىق ھەقسىزكەن، پەقەت، بىزنى « يەيدىغاننى يەپ قېچىپ » دەپ قارىغاچقا، بىزنى قەرەللىك ھالدا ئاشۇ تور بېكەتنى زىيارەت قىلىپ تۇرىشىمىزنى ئۈمىد قىلىپ چىقارغان سىياسىتى ئوخشايدۇ بۇ.

مۇتنىڭ پەيزىنى داۋاملىق سۈرۈش

بىكاغا بەرگەن مۇت بولغانكى ئىشلەتمىسەكمۇ ھېچ بولمىسا ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن بولسىمۇ بىر قانچە مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئىسىمنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىپ قۇيايلى. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى قەدەم-باسقۇچلار بىلەن يۈرەيلى :

1. ئاۋۋال dot.tk بېتىگە ئاتلىنىپ، ئارقا سۇپىسىغا كىرەيلى. قارىساق تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر چىقىدۇ :

tkdotmy01

بۇ مېنىڭ ھېساباتىمدىكى ئىسىم ئۇچۇرلىرى ئىكەن.

بۇنىڭدىن بىز go to domains دېگەننى بېسىپ ئاشۇ ئىسىمنى باشقۇرۇشقا ئۆتەيلى.

2. ئاندىن بىز Domain Panel دېگەن جايغا كىرىمىز، ئېچىلغان كۆزنەكتىكى «يېڭىلاش»(Renew)دېگەن جاينى باسايلى.

ئاندىن ئۆزىڭىز خالىغان ئاي بۇيىچە يېڭىلاپ قويۇڭ. ئاندىن بېرىپ ئىنكاس يېزىپ كېتىڭ…

PS : ھېلىھەم مەزكۇر تور نامدىن تور نام ئىلتىماس قىلالمىغانلار تۆۋەندىكى يازمىدىنمۇ پايدىلانساڭلار بولىدۇ!

[كاتتا رېتسىپ]بىرىنچى دەرىجىلىك تورنامى ‹‹.TK››گە ئېرىشىش قوللانمىسى



无觅相关文章插件,快速提升流量


14 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • نۇرقۇت | 2012.02.17 جاۋاب

    قانداقلا قىلسا بۇ tk نامنى شۇ سىناق ياكى سەكرىتىشكە ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بولمىغاندىكىن بەرىبىر خەقنىڭ نەرسىسى-دە. :mrgreen:

  • elyar | 2012.02.17 جاۋاب

    بۇ ھەقسىز نى ئىشلەتكۈچە … goddady دىن بىر ئىككى دوللارغا چىداپ com ياكى net , biz … ھېچبولمىغاندا info ئىسىمدىن بىرنى ئالسىلا بوممىدىمۇ دەيمە… :evil:

  • تاتلىق | 2012.02.17 جاۋاب

    ئېليارجاننىڭ دىگەنلىرى ئورۇنلۇق جۇما! :razz:

  • رىنات | 2012.02.17 جاۋاب

    ھىم…توغرا.. TK تورنامىىنىڭ كەمچىلىكى ئىلتىماس قىلىپ 90 كۈن ئىچىدە زىيارەت سانى 25 تىن كەم بولسا ئاپتوماتىك تاقىلىدۇ. :roll:

  • ئۇدۇن | 2012.02.17 جاۋاب

    نۇرقۇتقا جاۋاب: ئاشۇ ئىسىمنىىڭ dns نى تەڭشەڭ ، ياكى dnspod.com دا باشقۇرۇش قىلسىڭىز بولىدۇ.

  • پرېستان | 2012.02.17 جاۋاب

    ئەزان مالنىڭ شورپىسى يوق…. :cool:

    • ئۇدۇن | 2012.02.18

      ئۇزاقراق قايناتسىڭىز چىقىپ قالار :lol:

  • ئىزدەن | 2012.02.20 جاۋاب

    دېمىسىمۇ ئۆزى مۇستەققىل تور نامى ئېلىپ ئىشلەتكەنگە يەتمەيدۇ…

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.20

      مۇستەقىل تورنامىمۇ خېلى ئەرزانكەن ھازىر…

  • ۋەتەن | 2012.02.22 جاۋاب

    مەن ئىشلتىپ باقماپتىمەن بۇ tk نى ،نەلىك ئاداش بۇ؟ :sad:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.23

      قارىسام ۋەتەنداش ئوخشايدۇ!

  • ئەلكۈن | 2012.02.23 جاۋاب

    مەنمۇ بىرنەچچەنى تىزىملىتىپ قويۇپ ئىشلەتمىگەن. ماڭا تېخى ئۇچۇر كەلگۈدەك بولمىدى

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.23

      سىزدىكى مۇتقا خېلى باركەن ئەمىسە…

  • ئۇگەن | 2012.03.20 جاۋاب

    مەنمۇ ھازىر ئىشلىتىۋاتىمەن . ۋورد پىرەستىن ئازراق بىر نەرسە ئۇققۇدەك بولغاندا شاققىدەك ھەقىلققا ئۆتەرمىز.يىڭى ئۇگەنەۇچلەرگە بولىدىكەن .

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif