- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:4
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، CMS
مەزمۇن باشقۇرۇش سېستىمىسى،قىسقارتىلما نامى CMS ،بىرخىل يوللاشقا ھەمدە ناشقۇرۇشقا ئوڭاي بولغان خەۋەر سېستىمىسىدۇر.ئىشلەتكۈچىلەر ئارقا سەپ باشقۇرۇش سېستىمىسىدىن يازما يوللىسا،تەھرىرلىسە ياكى ئۆچۈرۈش مەشخۇلاتى بىلەن شۇغۇللانسا بۇلىدۇ،بۇنىڭ ئۈچۈن سىز HTML تىلى ۋە ياكى باشىا تىل بىلىشىڭىز ھاجەتسىز،مانا بۇ دەل CMS نىڭ ئارتۇقچىلىقىدۇر.
بۇ قېتىم،مەن بۇيەردە نۆۋەتتە چەتئەل بازارلىدا بىرقەدەر ئېقىۋاتقانPHP لىق مەزمۇن سېستىمىسىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم(گەرچە ئۆزۈم تۈزۈك بىلمىسەممۇ،ھى ھى ھى)،PHP بىلىمى بارلار يەنە مۇشۇ سېستىمىلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزۈڭلارنىڭ توربېتىنى قۇرۇۋالساڭلارمۇ بولىدۇ.
1. WordPress

WordPress بولسا ئىقتىدارلىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان،ئىشلىتىشكە ھەم قولايلىق بولغان مەزمۇن سېستىمىسى.بېشىدا،مەزكۇر سېستىمىنىڭ نىشانى بلوگ سېستىمىسىغا قوللىنىش ئىدى.بىراق،كىيىنچە بارا بارا مودىغا ئايلانغاندىن كىيىن ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋە مۇكەممەشلىشىشكە قاراپ ماڭدى،بۇ سېستىمىغا بىرقىسىم يېڭى ئىقتىدار ۋە قۇشۇمچە(插件) قوشۇشقا بۇلىدۇ.
2. Drupal

Drupal بولسا PHP تىلىدا يىزىلغان سېستىما بولۇپ،ئىختىيارىي ھالدا بۆلەك رامكا ۋە مەزمۇنلاشتۇرغىلى بولىدىغان مەزمۇن سېستىمىسىدۇر(CMS).نۇرغۇن ئوخشىمىغان خاراكتىردىكى توربەتلەر بۇ سېستىمىنى ئارقا سەپ باشقۇرۇش سېستىمىسى قىلىپ شەخسىي بلوگ ، كارخانا ھەتتا ھۆكۈمەت توربەتلىرىگە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ.
3.Joomla

Joomla بولسا بىرنەچچە قېتىم مۇكاپاتقىمۇ ئېرىشكەن مەزمۇن سېستىمىسى ھىسابلىنىدۇ.سىز بۇ سېستىما بىلەن مۇكەممەشكەن توربەت قۇرۇپ چىقالايسىز،چۈنكى بۇ سېستىما قولايچانلىق ھەمدە كېڭەيچانلىق(扩展性)جەھەتتە باشقىچە ئالاھىدەرەك.بۇ ئالاھىدىلىكلەر دەل ششش نى شۇنچە ياقتۇرۇشقا ئېرىشتۈرگەن سەۋەبلەر ھىسابلىنىدۇ،شۇنداقلا Joomla نى توربەت يۇمتالى دىگەن ئاتاققىمۇ ئېرىشتۈرگەن.ئەڭ مۇھىمى،بۇ سېستىمىنىڭ ئەسلىي كودى ھەقسىز ئېچىۋىتىلگەن.
4. Frog CMS

Frog CMS دە ناھايىتى نەپىس بولغان ئابونت كۆرۈنمە يۈزى،يۆتكىلىشچان قېلىپ،ئىشلىتىش ئوڭاي بولغان ئابونت باشقۇرۇش ۋە ھوقۇق ئىقتىدارلىرى،شۇنداقلا مۇھىم بولغان ئارخىب باشقۇرۇش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن.
5. SilverStripe

SilverStripe بولسا PHP تىلىدا يىزىلغان مەزمۇن سېستىمىسى بولۇپ كۆك ياقۇت رامكىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان،بۇ سېستىمىغا يەنە MVC لاھىيىسى ئىشلىتىلگەن(بۇنى مەنمۇ بىلىپ كەتمىدىم خالايىق ھە...)،باشقا مەزمۇنلارنى مەزكۇر سېستىمىنىڭ باش بېتىدە كۆرۈۋالارسىلەر.
6. Mambo

Mambo بولسا ئىقتىدارى بىرقەدەر مۇكەممەشكەن مەزمۇن سېستىمىسى،بۇ سېستىما ھەرقانداق دەرىجىدىكى يەنى شەخىسنىڭ ئىشلىتىشىدىن تارتىپ مۇرەككەپ بولغان شىركەت توربەتلىرىگىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
7. TYPOlight

TYPOlight بولسا PHP 5لىق مەزمۇن سېستىمىسى،بۇ سېستىمىنىڭ ھازىرچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك،يەنى يېڭىلىنىش سۈرئىتى تىز،جاھاننامەنىڭ چەكلىمىسىگە ئانچە ئۇچراپ كەتمەيدۇ. بۇ سېستىمىغا AJAX ۋە WEB 2.0 تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ باشقا مەزمۇنلارنى سىز بۇ سېستىمىنىڭ باشبېتىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.
8. Concrete5

Concrete5 بولسا كودى ئېچىۋېتىلگەن مەزمۇن سېستىمىسى.بۇ سېستىمىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىگى باشقۇرغۇچى ئارقا سەپكە كىرگەندىن بەتنى ئىختىيارىي تەھرىرلىيەلەيدۇ.
9. Textpattern

Textpattern بولسا ئەڭ قارشى ئېلىنغان مەزمۇن سېستىمىسى.بىراق بۇ سېستىما PHP 4 مۇھىتىدا ئىشلەيدۇ،بىراق ياخشى يېرى بۇ سېستىمىغا نۇرغۇن قىستۇرما تەييار بولۇپ سىز بېتىڭىزنى خالىغانچە ياسىۋالسىڭىز بولىدۇ.
10. Symphony

بۇ سېستىما يۇقارقى سېستىمىلاردىن پەرقلەنمەيدۇ،ئوخشىمايدىغىنى بۇ سېستىمىغا XML / XSLT نى قېلىپ تىلى قىلىپ ئىشلەتكەنلا خالاس.
11. MODx

MODx بولسا PHP لىق قوللىنىشچان مەزمۇن سېستىمىسى بولۇپ بىرىنچى بولۇپ ھەقسىز تارقىتىلغان PHP لىق مەزمۇن سېستىمىسى.بۇ سېستىمىنىڭ ئىزدەپ ماتۇرىنىڭ ئەلالاشتۇرۇش دەرىجىسى ياخشى شۇنداقلا سىزنىڭ يازمىڭىزنى خالىغانچە ئۇرۇنلاشتۇرىشىڭىزغا يول قۇيىدۇ.
12. Habari Project

Habari Project سېستىمىسى يۇقىرى دەرىجىدە كودلاشتۇرۇلغان بلوگ سۇپىسى،لېكىن بەزىلەر بۇ بلوگ سۇپىسىنى ئانچە مۇنچە ئۆزگەرتىپ توربەت سېستىمىسى قىلىپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ.قىزىقسىڭىز سىزمۇ سىناپ كۆرۈڭ.
13. CMS Made Simple

CMS Made Simple سېستىمىسىنىڭ تىلغا ئالغۇدەك ئارتۇقچىلىقىغۇ يوق،بىراق بۇ سېستىمىنىڭ ئۇسلۇبلىرى سەرخىل ھەمدە كۆپ بولغاچقا،شەخسىي بېكەتلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلگەن.
14. ImpressCMS

ImpressCMS كەسپىيلەشكەن ئالاقە سېستىمىسى،يەنى بۇ سېستىمى ئىشلىتىلگەن توربەتكە تىزىملاتقان ئەزالار ئۆز ئارا ئالاقە ئېلىشىپ بارالايدۇ،خۇددى ھازىر بىز ئىشلىتىپ يۈرگەن ئىلقۇت ئالاقە تورى، رېن رېن ئالاقە تورى دىگەنگە ئوخشاش.
15. Chyrp

Chyrp بولسا ھەجىمى كىچىك بولغان بلوگ سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ.بۇ سېستىمىغا Twig ئۇسلۇب قېلىپى ماتۇرى قىلىپ ئىشلىتىلگەن.بۇ سېستىما ناھايىتى مۇكەممەل بولۇپ،ئىشلەتكۈچىلەر شۇلارنىڭ توربېتىگە چىقىپ لازىملىق ئۇسلۇبلارنى چۈشۈرۈۋالسا بولىدۇ.[/align]

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- بلوگباس ئۇسلۇبى: ئۇسلۇبى تارقىتىلىدۇ
- [بلوگباس ئۇسلۇب]‹‹خانتەڭرى››تارقىتىلدى (5)
- [بلوگگېرلار چايخانىسى]ئۇيغۇربەگدىن ھەر قايسى بلوگگېرلارغا ساۋاق ۋە نەسىھەت (2) (24)
- wordpress تا ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان Fatal error: Cannot redeclare __popular_posts خاتالىقىنى تۈزۈش (2)
- [WordPress ئۇسلۇبى] يېڭى ئۇسلۇب WPSummer تارقىتىلىدۇ
- [بلوگ بېزەكچىلىكى] دۆلەت تەۋەلىكىنى كۆرسىتىدىغان سانىغۇچ
- ئۇيغۇربەگنىڭ Iphone 4S سېتىۋېلىش خاتىرىسى (44)
- مۇنبىرىمىزنى www.blogdax.com ئارقىلىق زىيارەت قىلىڭ! (8)
- ئۆي كۆچكەندىن كېيىن wordpress بلوگىنىڭ تور نامىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تەدبىرى (4)
- WordPressدىكى خەتكۈچ ۋىجىتىدە خەتكۈچدىكى يازما سانىنى كۆرسىتىشنىڭ تەدبىرى (13)
- Prestan Simple 2.0 ئۇسلۇبى ئېلان قىلىندى، چۈشۈرمىگەن بلوگگېرلار ئارماندا… (39)
- 2012-يىللىق ئەڭ يېڭى كومىدىيىلىك جەڭ فىلىمى : بىلكانپەد ئىشقىدا (ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم) (3)