ئۇيغۇربەگنىڭ Iphone 4S سېتىۋېلىش خاتىرىسى

ئۇزۇن بوپتىكەن، تۇرمۇش خاراكتىدىكى بىر نېمىلەرنى يېزىپ باقمىغىلى. ئالدىنقى قېتىم، ئۆزقانى بلوگىنىڭ ئاتامانى ئۈچۈن Iphone 4Sنى سېتىۋېلىپ كەلگەن ئىدىم. ئەمەلىيەتتىغۇ Iphone 4S ئېلىش ئۇنچىۋالا يوغان ئىشمۇ ئەمەس، شۇنداقلا بۇ خاتىرىنى يېزىشتىكى مەقسىدىم قانداقتۇر بىر ئىشنى كۆز-كۆز قىلىش ئەمەس، بەلكى، مۇشۇ Iphone 4S نامىدىكى تېلىفوننى سېتىۋېلىش جەريانىدا كۆرگەن-ئويلىغانلىرىمنى ئورتاقلىشىپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت. شۇنداق قىلىپ، ئازراق كۆپۈك چاچرىتىپ قويغاندىن كېيىن يازمامنى باشلىۋېتەي.

بىلگىنىمىزدەك، Iphone 4Sنىڭ چىققانلىقىغىمۇ خېلى بولدى ئالدىنقى كۈنلەردە تېخى بۇنىڭ تېلىگراف نۇسخىسىمۇ چىقتى. شۇنداق قىلىپ، ئۆزقانى بلوگىنىڭ ئاتامانى بولمىش ئاغام ماڭا مۇشۇ تېلىفوندىن بىرنى سېلىپ بىرىشىمنى ھاۋالە قىلغان ئىدى. كەمىنە بۇرۇن بىرقانچە دوستلىرىم ئۈچۈن تېلىفون، لەپتوپ قاتارلىقلارنى سېلىپ بېرىپ باققان، ئىككىلەنمەيلا ماقۇل بولدۇم، ئاندىن بىر شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، شەھىرىمىزگە جايلاشقان، داڭقى مەشھۇر بولغان ئېلىكترون سودا مەركىزى 华强北غا بېرىپ بازار ئەھۋالىنى ئۇقۇشۇپ كەلدىم.

华强北 بازىرى بولسا جۇڭگودىكى ئېلىكترون توپ مەھسۇلاتلىرى مەركەزلىرىنىڭ بىرى. بۇ جايدا كىچىك ئۆزەكدىن چوڭ زاپچاسلارغىچە ھەممە نەرسىنى ساتىدۇ، شېنجىندىكى ھالال كەسىپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىنمۇ خېلى كۆپ قىسىم كىشىلەر 华强北دىن ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرىنى توپ ئېلىپ، يۇرتىمىزغا ئەۋەتىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ. بىزمۇ بىر نەرسە ئالماقچى بولساق مۇشۇ جايغا كېلىمىز ئەلۋەتتە. شېنجىننىڭ ئېلىكترون بازىرى بەك قىززىيدۇ، بۇ يەرگە دۇنيانىڭ ھەممە جايىدىن كېلىدۇ كىشىلەر، تۈركلەر بىلەن ئەرەبلەرنى، پاكىستانلىقلارنى، ھىندىلارنى كۆپرەك ئۇچرىتىپ قالىمەن. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ كۆپرەك. ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچىم ماڭا :‹‹ ۋەتەنگە قايتسام دوستلىرىم جۇڭگونىڭ نەرىدە ئىشلەيسەن دەيدۇ، شېنجىندا دېسەم گاڭگىراپ قالىدۇ. ئاندىن ئۇلارغا ئۆيۈڭلاردىكى 10 تېلىفوننىڭ توققۇزى ئىشلەنگەن جايدا دەپ جاۋاب بېرىمەن›› دېگەنىدى، دېمىسىمۇ نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر ئوقەتلىرىنى شېنجىندا ئىشلەپ چىقىرىدۇ. مەكتىپىمىزنىڭ ئالدى تەرىپىدە Tencent، ئوڭ تەرىپىدە 中兴نىڭ بىناسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇزاقتا يەنە نۇرغۇنلىغان داڭلىق شىركەتلەر…

گىپىمىزگە كەلسەك، شۇنداق قىلىپ ئاۋۋال تاۋباۋدىكى بىر قانچە دۇكانلارنىڭ مۇقىم دۇكىنى(实体店)غا كەلمەكچى بولدۇم، نېمە دېگەن بىلەن پالانى پۇللۇق نەرسە بولغاندىكىن، بىخەتەر ۋە ئىشەنچىلىك جايدىن ئالاي دەپ كەلدىمدە. تاۋباۋنى ئېچىپ، ئاشۇ دۇكانلارنىڭ ئادرېسىنى ۋە تېلىفون نومۇرلىرىنى يېزىۋالدىم، شۇنداقلا سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ شۇ دۇكانلار جايلاشقان بىنانىڭ ئالدىغا كەلدىم، بىنالار 华强北 بازىرىنىڭ تۆۋىنىگەرەك جايلاشقان ئىكەن، بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ تېلىفون قىلدىم، بىرىنچىسى ئالمىدى؛ ئىككىنچىسى ئالدى، ئەمما ‹‹دۇكانغا كىرسەڭ توردىكى باھادىن 100 يۈئەن ئارتۇق خەجلەيسەن››دېدى، ئۈچۈنچىسىنىڭ تېلىفون نومۇرى يالغان چىقتى. قېنى، كەلگەندىكىن ئىچىگە كىرىپ كۆرۈپ باقاي دەپ ئىچىگە كىردىم. بىرىنچى قەۋىتى تاغتۇرا تېلىفونلار بىلەن توشۇقلۇق ئىكەن، ئىككىنچى قەۋەتكە دىققەت قىلمايلا، ئۈچۈنچى قەۋەتكە چىقتىم، يېزىۋالغان ئادرىس بۇيىچە تاۋباۋدىكى دۇكانلارنىڭ مۇقىم دۇكانلىرىنى تاپتىم، قىززىق، ئۇلارنىڭ ئالدىدا نە Iphone يوق، نە خېرىدار يوق، ھەممىسى AliWangwang بىلەن ئالدىراش، بەزى مۇلازىمەتچى قىزلار تۇرۇپ ئاستىغا يۈگۈرۈپ چۈشۈپ كېتەتتى، بىردەم تۇرۇپ قايتىپ چىقاتتى. خىيالىمدا يوق، باياتىن تېلىفوننى ئالغان ئىككىنچى سودىگەرگە قايتا تېلىفۇن قىلدىم، تېلىفوننى بېسىۋەتتى.

بولدىلا دېدىم، باشقا يەرنى كۆرۈپ باقاي دەپ چۈشۈپ كىتىشكە تەمشىلىپ ئىككىنچى قەۋەتكە چۈشتۈم، ھىم، باياتىن كۆرگەن تاۋباۋدىكى بىر دۇكاننىڭ مۇقىم دۇكىنىدا كۆرگەن بىر قىز يۈرەتتى، ئەمدى مونۇ قەۋەتتە پوچتىكەشلەرگە بىر نىمېلەرنى بىرىۋاتىدۇ، قارىسام شۇ يەردىن ئايفون سېلىۋاتىدۇ، ۋۇي دېدىم، قەدىمىمنى ئىككىنچى قەۋەتكە توختىتىپ، بۇ يەرنى ئارىلاپ باقتىم، ھەممە دۇكاننىڭ ئالدىدا ئايفون، HTC قاتارلىق ماركىلىق تېلىفونلارنىڭ شۇ كۈنلۈك باھا جەدۋىلى توشۇپ كېتىپتۇ، ئادەممۇ يامان كۆپ، مەنمۇ ئايفون ئالىدىغان بولغانكى شۇلاردىن بىرسىدىن سورىدىم، سودىگەرلەر تاۋباۋدىنمۇ ئەرزان باھانى دېدى، سۇغۇرتىسىنى سورىسام يوق دەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قاچاق ماللار(خەنچە 水货)كەن، يەنى خوڭكوڭ(شاڭگاڭ) تامۇژنىسىدىن ئوغۇرلۇقچە ئەكەلگەن ماللار ئىكەن، شۇڭا سۇغۇرتىسى يوقكەن، شۇڭلاشقا باھاسىمۇ 1000 سوملارچە ئەرزان بولىدىكەن(بۇ يەردىكى باھا Iphone 4s 32g 港版نى مەخسۇس دۇكانلاردىكى باھا سېلىشتۇرمىسى)، قاپلىرى ئېچىلغانلىرى تېخىمۇ ئەرزان ئىكەن. قارىسام، باياقى تاۋباۋ دۇكىنىنىڭ خادىمى مالنى مۇشۇ يەردىن سېلىۋاتىدۇ…

ئىككىنچى قەۋەتتىكى بىر سودىگەرنىڭ دىيىشىچە، بۇلارنىڭ ئۈچۈنچى قەۋەتتىكى نۇرغۇن دۇكانلار بىلەن مۇناسىۋىتى باركەن، يەنى، تاۋباۋدىكى ئاشۇ دۇكانلار مۇشۇ جايدىن قاچاق ماللاردىن ئېلىپ ساتىدىكەن، گەرچە ئۇلار سۇغۇرتىسى بار دېسىمۇ، نورمالدا Iphoneنىڭ قاتتىق دىتالىدا كاشىلا چىقىش نىسپىتى ناھايىتى تۆۋەن بولغاچقا، قورقماي تۇرۇپ ساتىدىكەن(ئاخشىمى ياتاققا قايتىپ تاۋباۋدىكى باشقا 10 نەچچە دۇكان بىلەن پاراڭلاشقان ئىدىم، بەزىلىرىنىڭ مۇقىم دۇكىنى يوقمىش، بارلىرىنىڭ ئورنىمۇ مۇشۇنداق جايدا بولىدىكەن). دېمەك، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تىلى بىركەن. تاۋباۋدىكى دۇكانلار تېخى ‹‹ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن قاپنى ئېچىشقا مەجبۇر بولىمىز›› دېگەن بىلەن ئاللىقاچان قېپىنى ئېچىپ بولغان ئايفوننى تېخىمۇ ئەرزان باھادا ئالىدىكەن…

بۇ يەردىن يالتىيىپ، ئۆزقانى ئاغامغا تېلىفون قىلىپ شېنجىندا ئەنگە ئالدۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان، مۇلازىمەت دائىرىسى ئۆلكە ئىچىگىچە كەڭرى يېيىتىلغان بىر مەخسۇس ئايفون سېتىش-مۇلازىمەت مەركىزىدىن بىر يىللىق قاتتىق دىتال سۇغۇرتىسى بولغان بىر ئايفوننى شۇ كۈنلۈك ئېتىبار باھاسىدا ئېلىپ ئەتىسىلا قەشقەرگە سېلىۋەتتىم.

گەپ بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى، مەن ئايفون دۇكانلىرىنى ئىزدەپ داۋامىدا قايتا قاپلانغان تېلىفون(翻新)ئىشلەپ چىقىرىدىغان بىر ‹‹بازا››غا ئۇقۇشماي كىرىپ قالدىم. پاھ…قايتا قاپلانغان تېلىفونلارنىڭ قانداقلىقىنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەر، بۇ دەل مۇشۇنداق تېلىفونلارنى ياساش بازىسى ئىكەن، كىچىك-كىچىك پوكەيلەردە ئالدىراش قوللار، قاراپ تۇرسام مېنىڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن تېلىفونۇم نوكىيا 6300نىمۇ قايتا ياساۋاتىدۇ، تاۋباۋدىكى دۇكانلاردا ئىشلەپ چىقىرىشنى توختاتقىلى مانچە يىل بولغان تېلىفونلارنىڭ ‹‹يېڭىسى››نى كۆرگەن ئىدىم، ئەسلى ئاشۇ ئاتالمىش ‹‹يېڭى››تېلىفونلار دەل مۇشۇنداق جايلاردىن چىقىدىكەن، ھەي…

خوش، مەن بۇ تاقا-تۇققا يازمامدا نېمە دېمەكچى، يازغانسىرى ئۇزىراپ كېتىۋاتىدۇ، قىسقارتىپ مانچە بۆلەككە بۆلۈپ باقاي ھە :

1. توردىن مال سېتىۋالغاندا، بولۇپمۇ تېلىفون قاتارلىقلارنى سېتىۋالغاندا مال قاچاق مال(水货)مۇ ياكى جىڭ مال(行货)مۇ ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىڭ، قاچاق مال بولسا چاتاق چىقسا ئىگە بۇلىدىغان ئادەم تاپالمايسىز. ئەرزانراق تېلىفون بولۇپ قالسا ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىن ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىن ئېلىڭ، چاتاق چىقسا بېرىپلا ياقىسىغا ئېسىلسىڭىز بولىدۇ.

2.توردىن ئايفون، لەپتوپ قاتارلىق قىممەترەك ماللارنى ئالماقچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى تاۋباۋدىكى دۇكانلاردىن ئالماڭ، Tmall ياكى جىڭ دوڭ(京东) قاتارلىق بېكەتلەردىن ئېلىڭ، ساختا-ناچار ماللار تاۋباۋغا قارىغاندا ئاز.

3. ناۋادا زادى تاۋباۋدىن ئالماقچى بولۇپ قالسىڭىز، پۇل تۆلەشتىن بۇرۇن سىزدىن بۇرۇن سېتىۋالغانلارنىڭ ئىنكاسىغا دىققەت قىلىڭ، ئەلۋەتتە، ئاشۇ دۇكاننىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىسىگە ھەم قارايسىز.

4.ئاتالمىش ‹‹يېڭى›› كونا زاماندىكى تېلىفونلارنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەڭ، بولۇپمۇ باتارىيىسىنى چىقارغىلى بولىدىغان تېلىفونلارنىڭ.

5. مانچە كۈن ئىچىدە مالنى شەرتسىز قايتۇرىپ بېرىمىز دېگەن گەپكە ئالدىراپ ئىشەنمەڭ، بەزىلىرى ياندۇرۇپ بېرىدۇ، بەزىلىرىنىڭكىنى چوقۇم ‹‹ پوسۇلكا ئېچىلمىغان بولۇشى››كېرەك، يەنى، سىز ئالغان مەھسۇلاتنىڭ پىچىتى بۇزۇلمىغان بولۇشى كېرەك.

6. ئايفون 4 ۋە ئايفون 4S قاتارلىقلارنىڭ ‹‹يېڭى››سىنى توردىن ئالغان بولسىڭىز دۇكانداردىن مەزكۇر تېلىفوننى ‹‹ئاكتىپلىغان››مۇ يوق سوراپ بېقىڭ، ئاكتىپلىغان بولسا تېلىفونىڭىز ‹‹يېڭى›› ئەمەس، گەرچە ھازىر نىمكەش ئايفونلارنىمۇ ‹‹ئاكتىپلانمىغان››ھالەتكە ئۆتكۈزۈش ناھايىتى ئوڭاي بولسىمۇ…

7. ئايفون ئالسىڭىز ئامال بار مەخسۇس دۇكانلاردىن ئېلىڭ، شارائىتىڭىز يار بەرسە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشدىن ياكى تېلىگراف قاتارلىقلاردىن ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ، كۆچمە خەۋەرلىشىشمۇ ئايفون بازىرى ئېچىشنىڭ پىلانىنى قىلىۋاتىدۇ، بەلكىم بۇلارمۇ بىر كۈنى ئېچىپ قالار…



无觅相关文章插件,快速提升流量


44 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • پۇرسەت | 2012.03.19 جاۋاب

    چوقۇم ‹‹ پوسۇلكا ئېچىلمىغان بولۇشى››كېرەك؟
    ماۋۇ بولمايدىكەن

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.20

      بەزى دۇكانلار شۇنداق تەلەپ قۇيىدىكەن :roll:

  • بۆرە | 2012.03.19 جاۋاب

    ھازىرقى نەرسىلەرگە بىر نىمە دىمەك تەس جۇمۇ.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.20

      ئىھتىياتچان بولغان ياخشى!

  • ئىزتىل | 2012.03.19 جاۋاب

    قالتىس يازما بوپتۇ ماۋۇ ،

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.20

      بىز قالتىس مەزمۇندا يازىمىزغۇ!

  • مەنمۇ ئىككى يىل بۇرۇن سېتىۋالغان نوكىيا5500 نى ئالغان ۋاقتىمدا،ساتارمەن «مەن ھەربى سەپتىن قايتقان پېشقەدەم جەڭچى، ماللىرىمنىڭ ھەممىسى يېپيىڭى… ساختا مال ساتمايمەن، ئەگەر مالدىن مەسلە چىقسا بىرگە 10 نى تۆلەيمەن! جېنىم بىلەن كاپالەتلىك قىلىمەن… دەپ بىر مۇنچە ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدى. كىيىن مالنى قولۇمغا يامان تەستە ئالدىم…10 كۈنلەردە ئاران قەشقەرگە كەلدى، كورۇپكىسىنى ئېچىپلا قارىسام ئىككىنچى قول يانفون… شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى، شۇ كۈنى بىر كۈن دەرس تاشلاپ ،ياتاققا كىرىپ ئۇ گۇي بىلەن تازا تىللاشتىم، ئۆزەم بىلىدىغان خەنچە گەپنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ تازا تىللاپتىمەن… كىيىن گەپكە چىدىماي«مالنى قايتۇر! پۇلۇڭنى ئال! سەندەك ئادەمنى كۆرمەپتىكەنمەن … »دەپ كەتتى … مەن قايتۇرمىدىم، نوكىيانىڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان كودلىرىدىن بىرنى سەپ باقسام، بۇ يانفوننى ئىشلەتكىنىگە ئاللىبۇرۇن 2 يىل بوپتىكەن… ھازىرغىچە ئىشلىتىۋاتىمەن، بىر قېتىم قېپىنى ئالماشتۇرغان بولدۇم، شۇ چاغدىلا تېلېفوننىڭ ئىچىگە قارىسام… ۋاي ئېسىت… زاپچاسلىرى داتلىشىپ كېتىپتۇ… ئەرگوتودىن بىرنى ئېلىپ، پاختا بىلەن ئۇپراپ كەتكۈچە سۈرتۈپ چىقتىم، ھازىر يامان ئەمەس ئىشلەۋاتىدۇ…
    تەتىلدە سامسۇڭنىڭ گەلەكسى s2 سىدىن بىرنى ئالغان، بۇ ئوقەتنىڭ ئېقىم مىقدارىنى يەپ كېتىدىغان خۇيىغا مەن كۆنۈپ بولالماي ئاستا ئالغان يەرگە ئاپىرىۋەتتىميۇ… ھازىرغىچە بىر كۆزۈم كەينىدە…
    بۇ قېتىم ئوقۇشنى بىر پۈتتۈرسەم ، قاراپ ئولتاغىدەك تېلېفون ئالىمەن زادى…

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.20

      توردىن قىممەت نەرسىنى ئالمىغان ياخشى.
      تېلىفون ئالماقچى بولۇپ قالسىڭىز ئىزدەرسىز ھە…

  • تىلەك | 2012.03.19 جاۋاب

    مەنمۇ Tmall دىن موتۇرولا ئېلىپ تاس قالدىم موتورولا بولاپ كەتكىلى. توردا قارىسام شۇنداق ئۇز تۇراتتى، قولغان كەلگەندە قارىسام شۇنداق كىسەكتەك بىر نىمە ئىكەن، كارتامنى سالسام ئۆزى windoswmobile دىگەن بىلەن تور سۈرئىتى شۇنداق ئاستا، ئۇچۇر يوللاپ باقتىم، لېكىن شۇ يارىمىدى. قايتۇرمەن دىسەم، تېل قىلمىغان بولساڭ قايتۇرساڭ بولىدۇ، ئاۋۋال ئەۋەتكىن تەكشۈرىمەن دەپتى ئەۋەتىپ بەرسەم قايتۇرۇپ بەرگەن. Tmall بولمىغان بولسا ھەرگىز قايتۇرپ بەرمەستى، شۇندىن كىيىن تاۋباۋغا يېقىن يولىمايدىغان بولدۇم. ھازىر بىركىم Iphone 4s ئالىمەن دىسە ئۇتتۇرلا بېرىپ ئالمىنىڭ دۇكىنىدىن ئېلىپ بېرىمەن.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.20

      سىز قايسى شەھەردە بولغىيتىڭىز…ئالما دۇكىنىغا بىر كىرگۈم بار ئىدى!

  • ھەۋەسكار | 2012.03.19 جاۋاب

    نەچچىگە ئادىڭىز شۇ iphone 4s نى ؟؟؟؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.20

      بىر تاغار موچەنگە :mrgreen:

    • تىلەك | 2012.03.20

      مۇشۇ ھازىر دىمىم سىقىلىپ، تەجىربىدىن زىرىكسەم، ئالمىنىڭ دۇكىنىغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ كىلىمەن. كەلسىڭىز ئۆزەم باشلاپ باراي…..
      بېيجىڭ. ھە راست خەنسو بەگ ، ماۋۇ 761250477 غا سازبىلوگ ئۇلۇنىشى توغۇرلۇق ئىلتىماس قىلسام سادا يوققا؟ :mrgreen:

  • ھەقىقەتەن بىلىپ قويۇشقا تېگىشلىك ئۇچۇر ئىكەن. مەنمۇ تاۋباۋ دىن HTC يانفۇنى ئالغانتىم. كىيىن قارىسام خېلى كۆپ چاتىقى چىقتى، ئەسلىدە تاغتۇرانىڭ ئىكەن. دۇكاندارنى ئىزدىسەم ئالى ۋاڭۋاڭدا يوق، دۇكانلىرىنى تاقاپ تىكىۋېتىپتۇ. ئامال يوق، ئىشلىتىپ تۇردۇم. :x :twisted:

    • ھەۋەسكار | 2012.03.19

      زەەەەەەپ قويۇۋىتىپتۇ سىزنى ؟؟؟
      ئەمدى ئامال يوقتە سۇكۇت قىلىمىز !!! :cool:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.20

      ۋاي ئانامەي..تاغتۇرا تېلىفون ئالدىم دەڭ…

  • ئۇزھال | 2012.03.19 جاۋاب

    بۇ توردىن مال سېتىۋېلىشمۇ بىر ھۈنەر زادى. دىققەت قىلمىسا قۇيۇلۇپ كېتىدىغان گەپ. يەنە بىرى يۇرتىمىزغا مالنىڭ كەلمىكى بەكلا ئاستىكەن. شاڭخەيدىكى چاغدا تاس قالاتتۇق پايپاقنىمۇ توردىن ئالغىلى، بۈگۈن ئالساق ئەتىسى بۇسۇغىغا ئەكەپ بىرەتتى. بۇ يۇرتىمىزدا توردىن مال سېتىۋالغاندا قاتتىق سەۋىرلىك بولمىسا بولمايدىغان گەپكەن.ئاكامغا بىر مامۇق چاپان ئېلىپ چاپان كەلگۈچە تاس قالدىم قىشنى چىقىرىپ قويغىلى. ئۇ بىچارىمۇ ھەرگىز توردىن نەرسە ئالماس بولدى.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.20

      ھازىر مەنمۇ ھۇرۇنلۇشۇپ كىتاپ ئارىيەتكە ئالماقچى بولسام ياكى كىتاپ ئالماقچى بولسام توردىنلا قىلىدىغان بولدۇم، ھازىر ئىسمى-جىسمىغا لايىق كەپەباز(宅男)بولدۇمغۇ مەن! :mrgreen:

  • ھەۋەسكار | 2012.03.20 جاۋاب

    خېلى ئىنكاس يېزىپ باقىمەن بولمىسا !! ئې ئاكتىپ ئىنكاسچىلار قاتارىدا كۆرۈنمەيدىيا مىنىڭ مۇبارەك نامىم !!! :grin: :grin:
    ما بىز يىڭىياچىلار نى چىقامايدىغان ئوخشىماملا بەگ موللام :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen: :lol: :lol: :lol:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.20

      ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ سانى ‹‹ئاكتىپ كېسەكچى››بولۇشقا يەتمەپتۇ، تېخىمۇ تىرىشىڭ!…

  • لوپنۇرى | 2012.03.20 جاۋاب

    مېنىڭ بىر تەكشى يۈزلۈك كومپىيوتىر سېتىۋالغۇم بار ئىدى. ئۇ تەرەپلەردە باھاسى قانداقراقتۇ؟ماۋۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ،توردىن سېتىۋىلىش نىيتىمدىن ياندىم جۇمۇڭ.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.20

      تاۋباۋدىكى دۇكانلاردىن قىممەت چىقىدۇ(يېڭىلىرى، ئىشەنچلىك دۇكاندىن ئالسا)، كونىلىرىنى ئالسا بەك ئەرزان، قايتا قاپلانغانلىرى تېخىمۇ ئەرزان…

  • رىنات | 2012.03.20 جاۋاب

    ھەي…مۇشۇ iphone دېگەن ئوقەتنى چەتئەلدە تونۇشى بولسا شۇلاردىن سالدۇرۇپ بەرسە ئەڭ ئىشەنچىلىكمۇ نېمە. بۇ جۇڭگوچىلىقتا ساختا نەرسىلەردىن ساقلىنىش تەس جۇمۇ.

  • مەن تېخى ما قارىۋاي ماڭا ئۇقتۇرۇپ قويماي ipoone-4S ئېلىۋالغان ئوخشايدۇ ، دەپتىمەن . غەزەپ بىلەن ئاچچىقىم كەپتى ما يازمىنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپ . مۇنداق ئىشمىتى ؟! …

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.20

      ئوقۇش پۇلۇمنى تۆلىيەلمەيۋاتسام 4sنى ئېلىشقا پۇل نەدە ئاكىجانىم! :mrgreen:

  • زادى قىممەت نەرسىنى توردىن سېتىۋالىمەن دىمەي ئۆزىمىز قولىمىزدا تۇتۇپ ، كۆرۈپ تۇرۇپ سېتىۋالغان ياخشى…

  • سەردار | 2012.03.20 جاۋاب

    سناپ باقاي ھە ”

  • مۇز | 2012.03.21 جاۋاب

    ھەي مەنمۇ Galaxy Nexus 港版 دىن بىرنى ئالغان تاۋباۋدىن ، *#06# دىكى IMEI نۇمۇرى بىلەن تىلفۇننىڭ كەينى تەرپىدىكى IMEI سى ئوخشىمايدىغان چىقىپ قالدى . دۇكاننىڭ ئىگىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ يۇرۇپ ئاران 14 – چىسلا ياندۇرۋاتقان تا ھازىرغىچە تېخى شىنجېنغا بېرىپ بۇلالمايۋاتىدۇ .

  • wiros | 2012.03.21 جاۋاب

    8- توردىنمۇ ئالماڭ ، مەخسۇس سېتىش دۇككىنىغا بېرىپمۇ ئاۋارا بولماڭ . بىۋاستىلا ئۇيغۇربەگنى ئىزدەڭ (ئەلۋەتتە ئاز تولا چاي پۇلى بېرىسىزدە) . بۇ بالىنىڭ بىراۋنى قويۇپ كېتىدىغىنىغا مەن ئىشەنمەيمەن . ئوزى قويۇلۇپ كەتمىسىلا !!!!!

  • ھەۋەسكار | 2012.03.21 جاۋاب

    شۇ بىر تاغار موچەن نى يۈدۈپ مۇ ئاۋارە بولدىڭىز ھەقاچان !!!
    ئەمدى شۇ بىر تاغار موچەننى ساناپمۇ باققانسىز ؟؟؟
    نەچچە ياۋرەغا ئالدىكىن دىۋىدىم . ئەرزانراق بولسا شۇ :grin: :grin: :grin: :grin: :grin:

  • ھەۋەسكار | 2012.03.21 جاۋاب

    مەن مۇنبەردە ئىنكاس يازالمىدىم . باش سۆرەت بەلگىلەي دىسەم ئېنگىلىز ئەپەندىنىڭ قول يازمىلىرى چىقىۋىلىپ بەك بىئاراپ قىلدى قانداق قىلىشىم . كېرەك . مۇنبەردىكى نامىم uygurum ئېدى . :arrow: :arrow: :arrow:

  • قاينام69 | 2012.03.24 جاۋاب

    زادى شۇ قولدا تۇتۇپ ،ئەسلى دۇكىنىدىن ئالغانقا يەتمەيدۇ بۇ ئوقەتنى . :cool:

  • boghlan | 2012.03.25 جاۋاب

    مەن توردىن لەپتوپ، شىياۋمى سېتىۋېلىپ باقتىم، ئۆتكەندە تېل ئۇرغىلى بولىدىغان تاختا كومپيۇتېردىن بىرنى ئالغان، بەك داڭلىغانتى، ئەمما ئالغىنىم ھەقىقىي تاختا كومپيۇتېر ئەمەس، بەلكى IDM چىقىپ قالدى، Root ھوقۇقى ئالالماي جىلى بوپ يۈردۇم. توردىن مال سېتىۋالغاندا بەك ئېھتىياتچان بولمىساق بولمىغۇدەك

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.29

      دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ زادى!

  • ئۆزقان | 2012.03.26 جاۋاب

    ھې،ھې،ھې…! ماۋۇ بەگ ئىنىمىز بۇنىمۇ بىر ئەپچىل يازما قىلىۋېتىپتىغۇ! خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا بەگنىڭ بۇ تۇراسىغىلا ئەمەس، ئۆزمنىڭ بىلوگىغىمۇ كىرگۈدەك ۋاقىت بولمىغاچقا، بۇ يازمىنى كېيىنرەك كۆرۈپ قاپتىمەن.
    ئەلقىسسە، ئالمىخاندىن تۇتاشقان بۇ ئوتنىڭ تەپتىگە تۇرۇپ بولغىلى بولمىدى، شۇ بىر دوستىمىزنىڭ قولىدىكى ئالمىغاننىڭ 4-ئەۋلادىنىڭ مەڭىزلىرىنى شۇنداق بىر-ئكككىنى سىيلىغان بار، بۇ ئوت بلەكتىن ئۆتۈپ يۈرەككە بېرىۋالدىمۇ، ئۇقمايلا قالدىم، ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپلا يۈردۈم، خىزمەت ئالدىراش، بازار ئارىلىغۇدەك ۋاقىت تېخى يوق! توردىن ئىزدەپ باقىمەن، تاۋباۋنىڭ دۇكانلىرىنى كېزىپ باقىمەن، لېكىن كۆڭۈل توختىتالمايمەن. ئاخىر بىر كۈنى قارىسام ئۇشبۇ بەگ ئىنىمىزنىڭ مۇڭداشقۇسىدىن ئالمىىاننىڭ سىيماسىنى كۆرۈپ قالدىم-دە، ئۇنىڭدىن ئاسماقچىلاپ گەپ ئالدىم:

    ___ ئالمىنى ئۆزىڭىزلا تۇتىۋەرمەي، بىزگىمۇ بىرەرنى ئېپ بەرسىڭىز بولماسمۇ، بەگ ئىنىم؟
    ___بولىدۇ…

    شۇنداق پاراڭلار بولۇپ، ئەتىسى پۇل سالماقچى بولدۇم. ئەتىسىمۇ بولدى، ئىككىلىنىپ قالدىم:بەگ ئىنىمنى خېلى ئۇزۇندىن بۇيان تونۇيمەن، ئۆزى ئاقكۆڭۈل بالا، لەۋزى ھالال يىگىت؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرىدىن ماڭا كۆپ ياردەملەرنى قىلىپ كەلگەن. ئىسمىمۇ يېقىشلىق ئاڭلىنىدۇ، ئىككى ئوغلۇمنىڭ ئىسمىدىمۇ بۇ «بەگ» سۈپەتلىگۈچىسى بار(ئېھسانبەگ ۋە ئېرلانبەگ). شۇڭىمۇ بۇ ئىنىمىز بىر خىل يېقىن بىلىنىدۇ…،
    ئەلقىسسە، ئاخىرى ئۆگىنىسى دەم ئېلىش كۈنىدە خەخ:«شۇنچە پۇلغىمۇ بىر تېلېفون ئالامدۇ…» دەيدىغان پۇلنى كۆزنى يۇمۇپلا بۇ ئىنىمنىڭ كارتىسىغا ئاغدۇرىۋەتتىم…
    تېلېفوننىڭ سېتىۋېلىنىش، يولغا سېلىنىش جەرىيانى يۇقۇرىقى يازمىدىكىدەك…، شۇنداق قىلىپ ئالمىخان بىلەن 4كۈندە يۈز كۆرۈشتۇق. شۇنچە قىممەت تېلېفون، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەگ ئىنىممۇ تېلېفوننىڭ ىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئاتايىتەن سۇغۇرتا كاپالەت پۇلى بىلەن ماڭدۇرغان تېلېفوننىڭ ئەڭ ئاخىرقى قولۇمغا تېگىش باسقۇچىدىكى بىپەرۋالىققا يا كۈلۈشنى، يا ئاچچىقلىنىشنى بىلەلمەيلا قالدىم: تېلېفوننى ۋىلايەتلىك پوچتا تېز يوللانما مەركىزى ئورنىمىز شەھەر ئەتراپىدىكى بىر يېزىدا بولغاچقا، يېزىلىق پوچتا پونكىتىغا ئۆتۈكۈزىۋېتىپتۇ، ئۇ يەردىكى گېزىت-ژۇرنال يەتكۈزگۈچى خادىم دەرۋازىۋەن بالىغا بېرىپ كېتىپ قاپتۇ، بۇ بالا ئۇنى بىر قىز ئوقۇغۇچىدىن چىقارتىپتۇ! ھەنىم بولسا، بۇ بالا مېنى تونۇيدىكەن(مەن ئىشخانا خىزمىتى بىلەن دەرس ئۆتمىگەچكە، يەنە بىر تەرەپتىن مەكتىپىمىزدە 1-يىللىقتىن9-يىللىققىچە بالىلار ئوقۇغاچقا مۇئەللىملەرمۇ كۆپ، بالىلار كۆپىنچە مۇئەللىملەرنى تونۇپ كېتەلمەيتتى) ئالدىراش ئىشلەۋاتساق ئەكىرىپتۇ، ئىشنىڭ ئالدىرىشادا قارىغۇدەكمۇ چولا يوق، ئىچىدە بارمىدۇ-يوقمىدۇ دەيمەن…
    شۇنداق قىلىپ، مانا بىزمۇ ئايفون دېگەن نرسىگە باغلاندۇق، ئۆزى ياخشىكەن، ئانچە-مۇنچە پۇلمۇ خەجلەپ تۇردۇق، ئەپ دەپ قويىدىكەن، ئۆزى ئەپلىك نەرسىكەن، ھەم بىزنىمۇ ئانچە-مۇنچە ئەپلەپ تۇرىدىكەن…، ئالمىخانغا مۇناسىۋەتلىك تور بېكەت، بىلوگ، مۇڭداشقۇ توپلىرىدا يۈرۈپ بىلوگ يېزىشمۇ قالدى…، ئەمدى ئۇنىمۇ قولغا ئالمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى. ئەمدى ئۇيغۇرچە قىلىپ بىلوگنى شۇنىڭدا يېزىپ كېتىمىزمۇ تېخى! ئاللاھ ئامان قىلسا ئۇمۇ بوپ قالار دەيمەن. بىرلا گەپ: ئادەتتە باشقا ھەۋەسلىرىڭىز كۆپ بولمىسا مۇشۇ ئالمىغا ھەۋەس قىپ قويسىڭىز بوپ قالىدىكەن!

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.29

      مېنىڭ ئايفونۇمدا ھازىر لۇغەت، يول باشلاش، پىلان، قوڭغۇراق، سائەت، مال سېتىۋېلىش، بلوگ كۆرۈش، ئىنكاس يېزىش، ناخشا ئاڭلاش، كىتاب ئوقۇش، ئېلخەت يوللاش…قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، راست، ئايفوننى ئويۇنچۇق ئۈچۈنلا ئەمەس، قوللىنىپ ئەپلىك قىلىش ئۈچۈنمۇ ئالسا بولغۇدەك!

  • ئۆزقان | 2012.03.26 جاۋاب

    بەگ ئىنىم، ئىنكاس يازغاندا خەتنى تۈزىتىپ ماڭساق ئۆچۈرۈپ مېڭىشى تازا مۇۋاپىق بولماي قالدىمۇ-نېمە؟!( ئىنكاس يازغاندا 写改 ھالىتىگە ئۆتۈپ قالغاندەك قىلامدۇ…

  • مەرگەن | 2012.04.1 جاۋاب

    مەنمۇ مۇشۇ ئالما 4س تىن بىرنى ئالاي دىگەنتىم ..يۇقۇردىكى مەزمونلارنى ئوقۇپ ئوزلىردىن بىر ياردەم سورايمىكىن دەپ يېزۋاتمەنغۇ بۇ ئىنكاسنى .. ماڭمۇ بىرنى ئېۋەتىپ بېرەملا يا ……..پۇلنى ئۇرۋاتسام

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.04.1

      761250477 بىلەن ئالاقە قىلسىلا…

  • زىلتار | 2012.04.1 جاۋاب

    ئۈرۈمچى قىزىل بايراق كومپىيۇتېر بازىرىدىمۇ ئالمىنىڭ مەخسۇس سىتىش دۇكىنى بار..

  • Geek | 2012.04.4 جاۋاب

    شۇنداق قىلىپ Iphone 4s 32g 港版 نى قانچە سومغا سىتىۋالغان بولدىڭىز ؟ :?:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.04.6

      بەش مىڭ مانچىگە…

  • زادى قانچە پۇللۇق نەرسىدۇ بۇ ھە، بىر تاغار موچەن ( ئەلۋەتتە تاغارنىڭمۇ چوڭ-كىچىكى بار) بولسا قانچە موچەن بولار ھە؟؟؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.04.6

      بىر تاغارغا سولاپ بېقىڭە، قانچىلىك بولىدىكىن؟

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif