- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:11
- | زىيارەت: 989 قېتىم ئوقۇلدى
- | ئاپتور: ئۇيغۇربەگ
- | 2012.10.17
«قەيسەر ئات» ناملىق مەزكۇر كارتون فىلىم ناھايىتى ئامېرىكىستان كارتونچىلىرى مەنىلىك قىلىپ ئىشلىگەن نادىر كارتونلارنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيادا خېلى ئالقىشقا ئېرىشكەن. فىلىمدە ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى ئەركىن، پايانسىز كەتكەن بىر يايلاقتا شۇنداق شاش ۋە ئوماق بىر تايچاق ئاپىرىدە بوپتۇ. ئۇ ئۆز توپىنىڭ ئاتامانىغا ئايلىنىپ، توپىنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدىگە قۇماندانلىق قىلىشنى ئارزۇ قىپتۇ، ئۆزى ھەم ئەركىنلىكنىڭ شۇنداقلا بويسۇنماسلىقنىڭ سىموۋولى بوپتۇ. ئەپسۇسكى، ئۇ شۇنداق يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۇنى ئىنسانلار تۇتۇپ ئەكىتىپتۇ ھەمدە زورلۇق بىلەن كۆندۈرمەكچى بوپتۇ، ئەمما ئەركىنلىككە كۆنۈپ قالغان بۇ ئات نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى چەكسىمۇ باش ئەگمەي ئۆزىنىڭ ئەركىن دالاسىنى سېغىنىپتۇ ھەمدە ئاشۇ يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپتۇ. مەزكۇر كارتون فىلىمنى مەكتەپداش ئىنى بۇرادەر ئابدۇكېرەم ئەپەندى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەييارلاپ چىقتى ھەمدە كارتوننىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىدى. ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…