- سەھىپە:بلوگشۇناسلىق تەتقىقاتى
- | باھا:19
- | زىيارەت: 1,452 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، Wordpress, ئۇيغۇربەگ, بلوگ
مۇشۇ WordPress سۇپىسىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە ئازراق بىر نەرسە ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ بىلگىنىنى تونۇيدىغان-تونۇمايدىغان بلوگداشلاردىن ئايىماي كېلىۋاتىمەن، ھەتتا بىر قىسىم بلوگداشلارغا بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلەپ بىرىۋاتىمەن. شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن يېڭى بلوگداشلارنىڭ ئوخشاش سۇئالنى قايتا-قايتا سورايدىغان ئەھۋالغا تولا ئۇچراپ كەتتىم. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە يۈرۈشلۈك تېمىلىرىمدا مەندىن كۆپ سورايدىغان بىر قانچە سۇئاللارنى ۋە ئۇنىڭ جاۋابىنى يېزىشنى ئويلاشتىم، ئىلاھىم، يازغان نەرسىلىرىم تېتىملىق چىققىيدى…
1. سۇئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇيغۇربەگ ئەپەندى، WordPress دېگەن نېمە؟ ئۇ بىر بوشلۇقمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تۆۋەندىكى مەنزىلدىكى يازمىدا WordPress ھەققىدە خېلى تەپسىلىي توختالغان ئىدىم، كۆرۈپ باققان بولسىڭىز، مەنزىل: http://www.uyghurbeg.net/785.html
2. سۇئال: مېنىڭ بلوگ قۇرغۇم بار ئىدى، ئەمما پروگرامما تىلىنىمۇ بىلمەيمەن، قانداق قىلسام بولا؟
جاۋاب: سىز بلوگ يازماقچى بولسىڭىز شۇنداقلا يېزىش ئىرادىڭىز كۈچلۈك بولسىلا WordPressكە بىر ھەپتە ئىچىدە كۆنۈپ، بىر ئاي ئىچىدە ئۇستا بولۇپ كېتىسىز. ناۋادا سىز بلوگ ئوينىماقچى بولسىڭىز كەچۈرۈڭ، ھېچ بولمىسا HTML،CSS تىللىرىدىن ئازراق ئاساس چىقىرىپ كېلىڭ.
3. سۇئال: ئۇيغۇربەگ ئەپەندى، بلوگىمنىڭ خېتى ئەرەپچىدەك چىقىۋالدى، قانداق قىلىمەن؟
جاۋاب: قاراپ باقاي…ھىم، بلوگىڭىز eot تونىماپتۇ، تۇرايىمىزدىكى تۆۋەندىكى يازمىلار بۇيىچە مەشخۇلات قىلسىڭىز نورمال تونىتالايسىز:
بىرىنچى:
WordPressدە EOT تونۇتۇش (1) : CreateMyEot قورالى ئارقىلىق EOT تەييارلاش
ئىككىنچى:
WordPressدە EOT تونۇتۇش (1) : تەييارلانغان EOT ھۆججىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇش
ئۈچۈنچى:
WordPressدە EOT تونۇتۇش ( 2) :Microsoft Weft ئارقىلىق eot ھۆججىتى ياساش
4. سۇئال: ئۇسلۇب ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، بلوگىمنىڭ ئالدى بېتى ئاپئاق بولۇپ قالدى
جاۋاب: قارىغاندا ئۇسلۇبىڭىز بىرەر قىستۇرما بىلەن ۋە ياكى سېستىمىنىڭ بىرەر فۇنكىسىيىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان ئوخشايدۇ. خاتالىق ئۇچۇرىغا ئاساسەن مەشخۇلات ئېلىپ بېقىڭ، قىستۇرمىلارنى توختىتىپ سىناپ بېقىڭ، يەنە ئوڭشالمىسا ئارقا سۇپىغا كىرىپ باشقا ئۇسلۇبلارنى يۇيۇۋېتىپ ئۇسلۇبنى يېڭىدىن قاچىلاپ بېقىڭ، يەنە ئوڭشالمىسا ئۇسلۇبىڭىز چاتاق ئوخشايدۇ، باشقا ئۇسلۇبنى قوزغىتىپ بېقىڭ.
5. سۇئال: ئۇسلۇب ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، بلوگىمنىڭ ئارقا بېتى ئاپئاق بولۇپ قالدى
جاۋاب: FTP قورالى بىلەن بوشلۇققا كېرىپ قوزغاتقان يېڭى ئۇسلۇبىڭىز يۇيۇۋېتىڭ. ئۇسلۇبنىڭ بوشلۇقتىكى ئادرېسى نورمالدا تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
wwwroot/wp-content/themes/uslubnami
6. سۇئال: مەنمۇ ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈپ باقاي دېگەن ئىدىم، قانداق قىلسام بولا؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئەمما، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن، HTML،CSS تىللىرىدىن ئازراق ئاساسىڭىز بولسىلا بولىدۇ. ئاساسىڭىز بولمىسىمۇ ھېچۋەقەسى يوق، سىزگە بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ بىرەي، مەن ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنى باشلىغاندا HTML،CSS تىللىرىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتىم، ئەمما ئىنگىلىزتىلى بىلەتتىم.
7. سۇئال: ئۇيغۇربەگ ئەپەندىم، سوراپ باقسام، سىز بلوگدىن ئېيىغا قانچىلىك كىرىم قىلىسىز؟
جاۋاب: نورمالدا 300000، ياخشى بولۇپ قالسا بىرەر يېرىم مىليون كىرىم قىلىمەن.
8. سۇئال: پرېستان يوقاپ كەتتىغۇ؟
جاۋاب: كىم دەيدۇ؟ ئۇيغۇربەگ نامىدا يازما يوللاپ، ئىنكاسلارغا جاۋاب بىرىۋاتقان كىمۇ ئەمىسە؟
9. سۇئال: سىز قاچان توي قىلىسىز ئەمىسە؟
جاۋاب: قاچان توي قىلىدىغانلىقىمنى تېخى بىلمىدىم، ئەمما شۇنى ئېنىق بىلىمەنكى تورخۇمارنىڭ ئاپتورى تەدبىركار توي قىلىشتىن بۇرۇن توي قىلىمەن…
بۈگۈن سورالغان سۇئاللار مۇشۇنچىلىك ئىكەن، شۇڭا مەنمۇ مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي، بلوگداشلار يەنە سۇئال سوراپ قالسا ئەتە-ئۆگۈن يېڭى تىما قىلىپ يوللايمەن…

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [بلوگباس ئۇسلۇب]‹‹خانتەڭرى››تارقىتىلدى (5)
- [ئايفونداشلارغا خۇشخەۋەر] ئامراق تور كۆرگۈچ Google Chromeنىڭ IOS نەشىرى ئېلان قىلىندى! (8)
- [WordPress ئۇسلۇبى] ‹‹بىرتامچە››ئۇسلۇبى تارقىتىلدى (40)
- ئەمدى ھۆججەتلىرىڭىز يۇيۇلۇپ كەتسە غەم يىمەيسىز (9)
- WordPress بلوگىغا Favicon رەسىم قوشۇش تەدبىرى (12)
- WordPressدە بلوگ ئۈچۈن چىرايلىق رەڭدار خەتكۈچ بېتى قۇرۇشنىڭ تەدبىرى (16)
- WordPress نىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشدىن ئېرىشكەن تەجرىبەم (10)
- بلوگ باشبىتىگە ئارقا سۇپىغا كىرىش رايونى ياساش (8)
- ئايفونچى بلوگداشلارغا تەۋسىيە ئەپ – WordPress for IOS (6)
- wordpress پارولى توغرا تۇرۇپمۇ باشقۇرۇش بېتىگە كىرگىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش (6)
- يېڭى بلوگداشلارنىڭ ئۇيغۇربەگدىن كۆپ سورايدىغان سۇئاللىرى ۋە جاۋابلىرى (19)
- WordPressنىڭ يازما تەھرىرلىگۈچىنى قىستۇرمىسىز ئىقتىدار كېڭەيتىش تەدبىرى (7)