ئەمدى ھۆججەتلىرىڭىز يۇيۇلۇپ كەتسە غەم يىمەيسىز

screenshot01_data_recovery_conew1

ئەمدى ھۆججەتلىرىڭىز يۇيۇلۇپ كەتسە غەم يىمەيسىز،چۈنكى WinMend Data Recovery بار!

WinMend Data Recovery دىتالى بولسا،Windows مۇھىتىغا ئاساسەن ياسالغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يۇمتالى بولۇپ،ئۇ Windows مەشخۇلات سېستىمىسى FAT12/FAT16/FAT32/NTFS/NTFS5  رايونلىرىدىكى ئۆچۈرۈلگەن،يوقالغان ياكى فورماتلانغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئىزدەپ تېپىپ، زۆرۈز بولسا ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.مەزكۇر يۇمتالنىڭ ئۆزىگە خاس ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ،بۇ جەرياندا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئاساسدا،سېستىمىغا ھىچقانداق ئەكىس تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:

1.تېز سكاننېرلاش
بۇ يۇمتالنىڭ مەزكۇر ئىقتىدارى ئارقىلىق،سىز ئۈچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىدىگە يېتىسىز.

2.تولۇق(ئۇمۇميۈزلۈك)سكاننېرلاش
تېز سكاننېرلاش ئۈنۈمى ياخشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا،تولۇق(ئۇمۇميۈزلۈك)سكاننېرلاش ئىقتىدارى ئارقىلىق ھۆججەت ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشخۇلاتى ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدۇ،ئەلۋەتتە،بۇ ئىقتىدار ۋاقىت جەھەتتىن ئازراق كەمچىللىككە ئىگە،ئەمما،ئۈنۈمى ھەقىقەتەن كۆرۈنەرلىك(ئادەتتە،بۇ ئىقتىدارنى فورماتلانغان رايوننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلىتىمىز).

3.فورماتلىنىشقا قارشى سكاننېرلاش
ناۋادا،سىز ئىھتىياتسىزلىقدىن قاتتىق دىسكىنى فورماتلىۋەتكەن بولسىڭىز،مەزكۇر يۇمتالنىڭ فورماتلىنىشقا قارشى سكاننېرلاش ئىقتىدارىنى سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

4.ھۆججەتلەرنى بىخەتەر ئەسلىگە كەلتۈرۈش
WinMend Data Recovery يۇمتالى ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋامىدا،نۆۋەتتە بار بولغان ھۆججەتلەرنى باستۇرۇۋەتمەيدۇ.ناۋادا،ئۆچۈرۈلمىگەن،ئەمما زىيارەت قىلىشقا بولمايدىغان ھۆججەتلەر سېستىما ياكى باشقا يۇمتاللار تەرىپىدىن بەلگىلىۋېلىنغان بولغاچقا،WinMend Data Recovery مۇنداق ھۆججەتلەرنى باشقا رايۇنغا ساقلاپ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.يۇقارقى ئىقتىدارلاردىكى بارلىق مەشخۇلات ناھايىتى بىخەتەر بولۇپ،ھۆججەتلەر بۇزۇۋېتىلمىگەن ئاساسدا ئەسلىگە كېلىدۇ.

بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ ، چاققان چۈشۈرۈۋېلىڭ جۇمۇ،بۇ تىزىملىتىلغان نۇسقىسى،بازاردىن ئالسىڭىز 2000سوم! :shock:



无觅相关文章插件,快速提升流量


9 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • muellim | 2010.08.12 جاۋاب

    مەندە بۇ خىل دېتالدىن 20خىل بار ئىدى ،ئەمدى 21-خىلىنى تاپتىم ، بۇلارنى جەم قىلىپ قوياي .تەشەككۇر ئۇيغۇربەگ.

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.13

      پاھ…شۇ 20 دېتالىڭىزنى ئورتاقلاشمامسىز؟بىزمۇ ئىشلىتىپ كۆرسە… :roll:

    • muellim | 2010.08.13

      بولىدۇ ، مەن بوشلۇققا چىقىرىپ قوياي ئەمىسە

    • ئالما | 2012.03.14

      ئەسسالام دوستلار مىنىڭمۇ بىر دىسكامدا ناھايتى مۇھىم ۋورد ئىكىسىل ھۆججەتلىرى باتتى شۇ دىسكىغا س دىسكىدىكى ھۆججەتلەر گوسلىنىپ كىتىپ دىسكىدىكى بارلىق ماتىرىياللار يۇقاپ كەتتى. باشقا دىتاللاردا ياندۇرسام ھەممىنى بىر ھۆججەتكە يىغىپ ياندۇردى مەن بۇلارنى ئايرىپ بولالمىدىم. سىلەرنىڭ ياخشىراق ئۇسۇللىرىڭلار بولسا ئاللا رىزالىقى ئۈچۈن ماڭا بىلدۈرگەن بولساڭلار سىلەردىن ناھاىيتى خۇرسەن بولغان بۇلاتتىم. ياردەمىڭلارغا ئاللا ئەجىر قىلسۇن جاۋابىنى چ چ ياكى چ چ نىڭ خەت ساندۇقىغا يوللاپ قويغان بولساڭلار چ چ نۇمۇرۇم 1498715396

  • يۈكسەل | 2010.08.13 جاۋاب

    مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە قايتۇرىدىغان دېتاللارنىڭ ئىقتىدارىدا ۋاقىت چەكلىمىسى بارمۇ يوق ؟ مەسىلەن، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا قانچىلىك بۇرۇن ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟! …

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.13

      بىلىشىمچە،ۋاقىت چەكلىمىسى يوق.ئەمما،بۇ يۇمتاللار فىزىكىلىك قانۇنىيەت بۇيىچە مەشخۇلات ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، ھۆججەتنىڭ ئۆچۈرۈلگەن ۋاقتى قانچە ئۇزاق بولغانسىرى،ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ.

  • ئەرۋاھ | 2010.10.21 جاۋاب

    提取码 تەلەپ قىلىۋاتىدۇ چۈشۈرەي دىسەم،قالدۇرۇپ قويامسىز ئۇ نومۇرنى…رەھمەت.

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.10.21

      بۇ تىمىنى خېلى بۇرۇنلا يوللاپ قويغان بولغاچقا،ئەينى چاغدا ئۇنداق نەرسىلەر يوق ئىدى،ئەمدىلەتىن قانداق پەيدا بولدى،مەنمۇ ھىچ بىلمىدىم،تولىمۇ خىجىلمەن…

  • كۈلكە | 2011.03.19 جاۋاب

    ھۆججەت ئەسلىگەكەلتۆرىدىغان دىتالنى چۈشۈرەلمىدىم

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif