WordPressتە مەلۇم مەزمۇننى ئىنكاس يازغاندىن كېيىن كۆرۈنىدىغان قىلىشنىڭ تەدبىرى

كۆپىنچە مۇنبەرلەردە «سىز كۆرمەكچى بولغان مەزمۇن ئىنكاس يازغاندىن كېيىن كۆرۈنىدۇ» دېگەندەك خەتلەرنى ئۇچرىتىمىز، زىيارەتچىلەر ئىنكاس يېزىپ بولغاندىن كېيىن يۇشۇرۇن مەزمۇن كۆرۈنىدۇ. ئىزدەپ باقسام WordPressكىمۇ شۇنداق ئىقتىدارنى قوشقىلى بولىدىكەن، ئەگەر سىزمۇ شۇنداق ئىقتىدارغا مۇھتاج بولسىڭىز  تۇرايىمىزدىكى «WordPress تە مەلۇم مەزمۇننى ئىنكاس يازغاندىن كېيىن كۆرۈنىدىغان قىلىشنىڭ تەدبىرى»ناملىق يازمىدا ھەممىنى دەۋەتتۇق، ئىشەنمەمسىز، ئەمىسە يازمىغا مەرھەمەت...

سىز كۆرمەكچى بولغان مەزمۇن ئىنكاس يازغاندىن كېيىن كۆرۈنىدۇ

ئۈنىمى يۇقۇرقىدەك، سىز ئىنكاس يازغاندىن كېيىن يۇشۇرۇنغان مەزمۇننى كۆرەلەيسىز.

تەدبىرنىڭ بايانى ۋە پايانى

يازما يېزىش رايونىنى HTML ھالىتىگە تەڭشەپ، تۆۋەندىكىدەك يازسىڭىزلا بولىدۇ.

يازما ئاپتورىمۇ ئىنكاس يازمىغىچە كۆرەلمەسلىك ھادىسىسى كېلىپ چىقتى، ئۇنى تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ fonction.php ھۆججىتىنى ئېچىپ ئەڭ ئاستىدىكى < ? بەلگىسىنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ بولۇپ، تۆۋەندىكى كود ئارىسىدىن xxx@aaa.com نى تېپىپ ئۆزىڭىزنىڭ Email ئادرېسىڭىزغا ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىز ھەل بولىدۇ.

function reply_to_read($atts, $content=null) {

 

extract(shortcode_atts(array("notice" => '

سىز كۆرمەكچى بولغان مەزمۇن ئىنكاس يازغاندىن كېيىن كۆرۈنىدۇ

'
), $atts));

 

$email = null;

 

$user_ID = (int) wp_get_current_user()->ID;

 

if ($user_ID > 0) {

 

$email = get_userdata($user_ID)->user_email;

 

//对博主直接显示内容

 

$admin_email = "xxx@aaa.com"; //博主Email

 

if ($email == $admin_email) {

 

return $content;

 

}

 

} else if (isset($_COOKIE['comment_author_email_' . COOKIEHASH])) {

 

$email = str_replace('%40', '@', $_COOKIE['comment_author_email_' . COOKIEHASH]);

 

} else {

 

return $notice;

 

}

 

if (empty($email)) {

 

return $notice;

 

}

 

global $wpdb;

 

$post_id = get_the_ID();

 

$query = "SELECT `comment_ID` FROM {$wpdb->comments} WHERE `comment_post_ID`={$post_id} and `comment_approved`='1' and `comment_author_email`='{$email}' LIMIT 1";

 

if ($wpdb->get_results($query)) {

 

return do_shortcode($content);

 

} else {

 

return $notice;

 

}

 

}add_shortcode('reply', 'reply_to_read');

 

ئىش پۈتتى، ئەمدى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ style.css ھۆججىتىنى ئېچىپ، تۆۋەندىكى كودنى ئەڭ ئاستىغا چاپلاپ قويسىڭىزلا كۇپايە، چاپلىماقچى بولغان بۇ كود دەل «سىز كۆرمەكچى بولغان مەزمۇن ئىنكاس يازغاندىن كېيىن كۆرۈنىدۇ» دېگەندەك خەتنىڭ چۆرىسىگە سىزىق چىقىرش كودى، قوشقۇم يوق دېسىڭىز قوشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ ھېچنىېمىگە تاقاشمايدۇ.

.reply-to-read{ border: #F30 1px dashed; padding:5px;}

 

تامام.

ئاخىرقىسى تۇرايىمىزنىڭ شۇئارى : مەن قىلغاننى سىز نېمىشقا قىلالمايدىكەنسىز، قىلالماسلىققا نېمە ھەددىڭىز بار؟

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


39 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ماۋۇ ئۇسۇلمۇ بولىدىكەن لىكىن مىنىڭچە بولغاندا ئوقورمەنلەر يازمىنى ئوقوپ بولوپ ئۇنىڭدىن كىيىن ئىنكاس يازغىنى ياخشى

  • ئەمدى تىما ئوقۇۋىلىپ ئىنكاس يازماي قىچىپ كىتىدىغانلارنىڭ قىيامىتى قايىم بولىدىغان بولدى

  • تۇنجى ئىنكاسىنى ئۆزەم باشلاي.

  • ۋاي ۋۇي ،تۇنجىسىمىكى دىسەم بالدۇر كەپتۇ

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.11

      ئۈچۈنچى، تۆتىنچىسى بوپسىز…

  • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.11 جاۋاب

    ئەمدى بۇنى پات-پات ئىشلىتىپ ئىنكاس يازغۇزۇش كېرەك!….

  • توۋا ئۇيغۇربەگە بىلوگىدىمۇ دىۋانغا ئىرىىغان كۇنلەر كىلىدىكەن :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.11

      باللا، ماۋۇ بلوگگېرنىڭ كاللىسىنى ئالامدۇق ياكى نەيزىلەپ ئۆلتۈرەمدۇق؟ :o

    • ئو.تۇرپان | 2012.03.11

      دىۋان سۆزىنى سۈزۈۋېتىش كېرەك.
      يەنە مۇشۇنداق ھۈنەرنى ئىشلىتىپ كۆپچىلىكنى ئىنكاس يېزىشقا قىزىقتۇرسىمۇ بولغۇدەك.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.12

      دىۋان سۆزىنى سۈزۈۋەتسەك بىز قانداق جان باقامىز؟ ھاھاھا،،،

  • تاتلىق | 2012.03.11 جاۋاب

    ياخشى يازما!

  • تاتلىق | 2012.03.11 جاۋاب

    رەھمەت سىزگە ئۇيغۇربەگ مەن مۇۋاپىقىيەتلىك ئورنىتىۋالدىم

    • uybbj | 2012.03.11

      ۋوي ۋوي ماۋۇ تىمىنىڭ ئىگىسى پىرىستان جۇما :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.12

      رەھمەت ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى دەۋاتقان بولسا كېرەك، ھاھاھا…

  • uybbj | 2012.03.11 جاۋاب

    پىرىستان ئۇيقۇدىن ئويغاندى، ئەمدى بلوگلار تىخىمۇ ئىلغار سەرخىللىشىدۇ

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.12

      پرېستان ئەزەلدىن ئويغاق، پەقەت سىز ئۇچرىتالماي قالدىڭىزلا خالاس…

  • ۋەتەن | 2012.03.11 جاۋاب

    ياخشى ، بۇ ھەممە يازمىدا ئىشلىنىپ كەتمىسىمۇ، بەزى يازمىلاردا بەك ئەسقاتىدۇ. مەسىلەن، مېنىڭ بلوگىمدىكى پىسخىكىلىق سىناق يازمىلرىدا،سىناققا قاتناشماي تۇرۇپ جاۋابىنى كۆرىۋالىدىغانلار كۆپ..مانا ئەمدى بۇنىڭدىن پايدىلىنىمىز :smile:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.12

      يولداش ۋەتەن توغرا دەيدۇ….

  • پرېستان، يازما مەزمۇنى ئوقۇردىن قاچقان موزايدەك يۈرىدا :mrgreen: …سەل قاشالاپ قويىلى ماندا…بولمىسا ۋىروس يۇقۇپ قالمىسۇن يەنە :lol:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.12

      قانداق دەيسىز ھوي ؟

  • ئاۋۇ ئاكتىپ 砖家 لارنىڭ رەسىمىنىڭ تېگىدا دەرىجىسى تۇرىدا :roll: ماۋۇ ئۇسۇلنىمۇ ئاشكارلايلى :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.12

      ئۇنىمۇ ئاشكارا قىلىۋەتسەك بىز قانداق جان باقىمىز؟ ھاھاھاھا….

  • بۆرە | 2012.03.12 جاۋاب

    ياخشى يازما!

  • ئۇدۇن | 2012.03.12 جاۋاب

    ھىم، ئەمدى ئىنكاسچىكار بازار تاپامدۇ ھە :lol:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.12

      ئىنكاسچىلاردىن بەكرەك بلوگگېرلار پايدا ئالامىكىن دەيمەن…

  • مۇزات | 2012.03.12 جاۋاب

    IE6 دا ئاچقان،سول تەرەپ ياندىكى ھەممە نەرسە پەسكە چۇشۇپ كېتىپتۇ. :?:

    • پرېستان | 2012.03.12

      ئۇيغۇربەگ تور تۇرسى IE6 نى قوللىمايدۇ.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.12

      نەق جاۋاب…

  • ajrim | 2012.03.12 جاۋاب

    مەن دۆتمۇ يا.. ئىشلىتەلمىدىم ماۋۇ كودنى. رەسىم ھالىتىدە قويماي كود ھالىتىدە بىر قالدۇرۇپ قويىڭە نەۋرەم.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.03.13

      ھەممىسى قىلالاپتۇ، سىزلا قىلالمايدىكەنسىز، ھەي قېرىلىق!…

  • ئەركە | 2012.03.13 جاۋاب

    بۇ ئۇسۇلمۇ خېلى كۆپ جايلاردا ئەسقېتىپ قالىدۇ دەيمە…
    رەھمەت بىگىم… :razz:

  • ئەركە | 2012.03.13 جاۋاب

    مەن سىناپ باقسام بولمىدىيا..؟ ھېلىقى reply دىگەن كود بەت يۈزىدىكى مەزمۇندا ئۆز پېتى چىقىۋالدى… :roll:

  • تېمىلار بارغانچە سەرخىللىشىپ كىتىپ بارىدۇ جۇمۇ! شۇنداق تەپسىلى، يەنە بىلمىدىم دىيىشكە نىمە ھەددىمىز بار ئەمدى؟! مەنمۇ سىناپ باقاي.

    • ئەلشات | 2012.03.15

      ئالىمكا قىلالمىغان بولسىلىرى ھايىت دىسلە بىز با جۇما، ۋىشىتتىدە بىر تەرەپ قىلىۋىتىمىز :|

  • ش.ئە.ئۇيغۇرى | 2012.03.14 جاۋاب

    مەنمۇ سىناپ كۆرەي ئەمىسە ;-) :|

  • ھەۋەسكار | 2012.03.14 جاۋاب

    بۇنى مەن ئۇندا سىنا بىلوگلىرىدا ئىشلىتىپ يۇمەي . مۇقىمراق بىلوگ ئاچقاندا ھېچكىمگە دىمەي قىلۋالاي ھە !!!

  • گۈللەن | 2012.04.2 جاۋاب

    مەن ھىچ قىلالمىدىمغۇ بىر ياردەم قىلسىڭىز چچ 780692919

  • ئوربېتا | 2012.04.10 جاۋاب

    مەن تازا قاملاشتۇرالمىدۇممۇ نىمە :cool:

  • يارۇق | 2012.05.22 جاۋاب

    مەنمۇ تازا قاملاشتۇرالمىدىميا بۇ كودنى…

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif