خوش، ئالدىنقى قېتىملىق ھەقسىز لېكسىيىمىزدىن ئىلھاملانغان بلوگگېرلار ھەدەپ Google Adsenseغا ئۆتۈپ ئاز تولا بولسىمۇ كىرىم قىلىشقا كىرىشىشتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بىر قىسىم بلوگگېرلار تېخى تاپقان دوللىرىنىڭ راھىتىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەستىن، ھېساباتىنىڭ مۇسىبىتىگە ئۈلگۈردى. تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۆركەش بلوگىدەك بىر بلوگگېرنىڭ ھېساباتى 100$غا تۇشاي دېگەندە قەتلىئام قىلىندى. ئەپسۇس، مىڭ قاقشىغان بىلەن ئۆلگەن ھېساباتنىڭ ئەسلىگە كېلىش نىسپىتى يوقنىڭ ئورنىدا. ئۇنىڭ ئورنىغا، ھېساباتىمىزنىڭ قانداق قەتلىئام قىلىنغانلىقى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىپ باقساق، كېلەر قېتىملىق ھېساباتىمىزنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن <<ئۆمۈر كۆرۈش>>ىگە ئاساس سالالايمىز دەپ ئويلايمەن، چۈنكى، گۇگېل قارى كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇنىڭغا خەقلەر ئىشىنىپ پۇل تاپشۇرغان ئىكەن، ئۇمۇ پۇل تاپشۇرغانلارنىڭ ئۈنۈم كۆرۈشى ئۈچۈن چوقۇم ئادىل ھەمدە سەزگۈر بولۇشى كېرەك. قىسقىسى، بىز تاش سانىغۇچە، گۇگېل قۇم سانايدۇ، بولمىسا ئاشۇنچىۋالا پۇلنى قانداق تاپىدۇ(كۈلكە)، خوش، بۇ قېتىملىق يازمىمىزدا مەن بىر قىسىم تەجرىبىلىرىم ۋە ئاڭلىغانلىرىم ئاساسىدا Google Adsense ھېساباتىمىزنىڭ قانداق ئۆلىدىغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە بىر مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكچى بولىمەن، ئالاھىدە ئەسكەرتەيكى بۇ يازما پەقەت ئوقۇپ، ئويلىنىشقىلا بولىدۇ، Google Adsenseنىڭ ھەقىقىي پىرىنسىپى ياكى قائىدىسى ئەمەس. خوش، ئەمىسە دەرسخانىغا كىرىپ يازمىنىڭ داۋامىغا دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرغايسىز…
1. ئۆزىنىڭ ئېلانىنى ئۆزى چىكىش ( ئۆلۈش سەۋەبى – دورا ئىچىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش )
مەيلى سىز قانداق باھانە تېپىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئېلانىنى چەكتىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ھېساباتىنى ئۆزىڭىز قەتلىئام قىلدىڭىز دېگەن گەپ. خاتا چىكىپ قويۇپتىمەن، ئۇقماي چىكىپ قۇيۇپتىمەن دەپ باھانە قىلماڭ، Google Adsense گۇرۇپپىسى بۇ باھانىلەرنى <<يالغان>>دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئۆزىنىڭ ئېلانىنى ئۆزى چىكىش Google Adsenseنىڭ پىرىنسىپىغا خىلاپ بولغان چوڭ ئىش.
ئەسكەرتىش: ئورتاق IPنى ئىشلىتىۋاتقان باشقا تورداشلىرىڭىز، خىزمەتدىشىڭىز، تۇققىنىڭىز، دوستىڭىز، ھەتتا سۆيگۈنىڭىزنىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئېلانىنى چىكىشكە دەۋەت قىلماڭ. ناۋادا، مائۇسىڭىز <<ئۇقۇشماي ئېلانىڭىزنى چىكىپ سالغان ئەھۋالدا>> دەرھال ئېچىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن ئاشۇ ئېلاننى ئۆچۈرۈپ ئۈلگۈرۈڭ.
2. ئالدامچىلىق قىلىپ چىكىش ( ئۆلۈش سەۋەبى –ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش )
ئالدامچىلىق قىلىپ چىكىش دېگىنىمىز ئېلان چىكىش قوراللىرى، مەسىلەن: CACA، PTC دېگەندەك ئالدامچىلىق قىلىپ ئېلان چىكىش قوراللىرىنى ئىشلىتىپ ئېلان چىكىش دېمەكلىكتۇر. ئەلۋەتتە، ئېلان ئالغان دەسلەپكى مەزگىلدە ھەممەيلەن مۇشۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىشقا قىزىقىدۇ، تولىمۇ ئەپسۇسكى بۇ ئۇسۇلنى سىنىغانلىق ئۆزىنى ئۆزى قېيناپ ئۆلتۈرگەنگە باراۋەر.
ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەكالەتچى مۇلازىمىتىرنى ئىشلىتىپ ئېلان چىكىش خىيالىدا بولماڭ، مۇشۇ خىيالدا بولدىڭىز، Google Adsense ئوينايمەن دېمەي ئەڭ ياخشىسى 890 ئېلان سۇپىسىنى ئويناڭ.
3.باشقىلارنى كۈشكۈرتۈپ ئېلان چىكىش (ئۆلۈش سەۋەبى – تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسى)
دېمىسىمۇ شۇ، ئېلانىمىزنى بىزنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرىمىز چەكمىسە كىم چىكىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلارنى ئېلان چىكىپ تۇرۇشقا ئەسكەرتىش ئۈچۈن بلوگىمىزنىڭ خالىي يىرىدە <<بىزنى قوللىسىڭىز ئېلان چىكىڭ>>، <<ئېلان چەكسىڭىز گۈزەل بۇلىسىز>>،<<فىلىمنى كۆرەي دېسىڭىز ئېلان چىكىڭ>>، <<ئېلان چەكمىسىڭىز ئەتە ئۆلىسىز>>دېگەندەك بىر قاتار كۈشكۈرتىدىغان سۆزلەرنى يىزىپ، زىيارەتچىلەرنى ئېلان چىكىشكە كۈشكۈرتىسىز. بەزى بېكەتلەردە ھەتتا ئېلان چەكمىسە بېكەتتىكى مەزمۇنلارنى كۆرەلمەيدۇ، تىزىملىتالمايدۇ، سۆز يازالمايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئەھۋالدا نورمالدا، ئېلان چەككۈچى ئاق كۆڭۈل بولۇپ، ئېلاننى توغرا، ئۈنۈملۈك چىكەلىسە ياخشى. ئەمما، ھەممىلا ئادەم ئېلان چىكىشكە خۇشتار ئەمەستە، بەزىلەر ئېلانغا ئۆچلۈكىدە مانا ئەمىسە دەپ…Google Adsenseنى <<قاتناش ھادىسىسى>>گە دۇچار قىلسا ئۇنىڭغىمۇ ئامالسىزسىز.
ھە راست، ئامال بار، توپقا ئادرىس يوللاپ ئاداشلىرىڭىزنى ئېلان چىكىشكە كۈشكۈرتمەڭ، تۇيۇقسىز ئېشىپ كەتكەن ئېلان كىرىمى گۇگېلنىڭ دىققىتىنى قوزغان قويۇشى ئېنىق.
4. چىكىلىش پىرسەنتى ئالاھىدە يۇقۇرى بولۇپ كېتىش ( ئۆلۈش سەۋەبى – جىددىي خاراكتىردىكى كېسىلى قوزغۇلۇش)
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، Google Adsenseنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق چىكىلىش پىرسەنتى 2%مىش، زادى قانچىلىك، بۇنىسى ماڭىمۇ نامەلۇم. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، ئېلانىڭىزنىڭ چىكىلىش پىرسەنتى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ كەتسە Google Adsense ھېساباتىڭىز خەتەر ئىچىدە قالغىنى ئېنىق. مەسىلەنگە: سىزنىڭ ئېلانىڭىزنىڭ چىكىلىش نىسپىتى 50% دەيلۇق، دېمەك، بلوگىڭىزغا 100 ئادەم كىرسە 50 ئادەم ئېلان چەكتى دېگەن گەپ، نەزەرىيىگە قارىغاندا بۇنداق ئەھۋالغا ئىشىنىش بىر ساراڭلىق، بۇنىمۇ گۇگېل قارىم ئوبدان بىلىدۇ. ئەمما، گۇگېلنىڭ ھەممە ئېلانلارنى بىردىن-بىردىن تەكشۈرۈپ كېتىشىگە نەدىكى چولىسى. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئىختىيارىي تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان بىر ماشىنىسى بارمىش، يەنى چىكىلىش نىسپىتى زىيادە يۇقىرى بولغان ھېساباتلارنى قەرەللىك ھەمدە ئىختىيارىي ھالدا تارتىپ چىقىپ تەكشۈرۈپ تۇرارمىش، ئاشۇنداق ۋاقىتلارنىڭ بىرىدە، سىزنىڭ بىچارە ھېساباتىڭىز تۇتۇلۇپ قالغان بولسىچۇ؟
شۇڭا، ۋاقتىدا ھېساباتىڭىزدىكى ئېلانلارنىڭ چىكىلىشىگە دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ، پىرسەنتى يۇقىرى بولغان ھامان ئىدىيىۋىي تەييارلىقلارنى ئىشلىگەچ، ئېلان قويۇلغان ئورۇندىكى ئېلانلارنى ئېلىۋېتىپ <<خۇش خەۋەر>>كۈتۈڭ…
5.ئېلانچىلار ئۆز-ئارا ئېلان چىكىش ( ئۆلۈش سەۋەبى – جاھىل خاراكتىرلىك بىر نېمە راكى )
بۇنىڭغا ئارتۇق بىر نېمە دېمەي، ئالدىدىكى 4 قىلمىشلارنى يەكۈنلىسىڭىزلا بۇ خىل خاتالىقنىڭ سەۋەبىنى چۈشۈنۈپ قالىسىز.
6. كۆرۈلۈش نىسپىتىنى ئاشۇرۇش ( ئۆلۈش سەۋەبى – نامەلۇم )
كۆرۈلۈش نىسپىتىنى ئاشۇرۇش دېگىنىم، ئۆزىنىڭ بلوگىنى ئۆزىڭىزنىڭ IPسىدا بلوگىڭىزنى يېنىشلاپ ئېچىپ، زىيارەتچى سانىنى ئاشۇرۇش(مەيلى، يازمىنىڭ كۆرۈش سانى بولسۇن ياكى باشقا…)ئارقىلىق، ئېلاننىڭ كۆرۈلۈش نىسپىتىنى ئاشۇرۇش دېمەكلىكتۇر. بۇ بىر تولىمۇ ئەخمىقانىلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئۆزىڭىزمۇ ھىس قىلالايسىز.
7. ھېسابات ئالغىلى بىر يىلدىن ئېشىپ پۇل ئېلىپ باقماسلىق( ئۆلۈش سەۋەبى – تەبىئىي قېرىپ ئۆلۈش)
ناۋادا، سىز Google Adsenseنىڭ ئاددىي پىرىنسىپلىرىنى بىلىۋالسىڭىز، ئادەتتە ھەرقانچە بولسىمۇ بىر يىلدا 100$نى تاپالايسىز، بۇنىسى ئېنىق. ئېلاننى قويغان تۇرۇقلۇق يىلىغا يۈز دوللارمۇ تاپالمىسىڭىز، مەن بولساممۇ تاقىۋېتىمەن ھېساباتىڭىزنى، ئېلان قويغاندىن بېرىپ قوي باققان ياخشى(چاقچاق).
ئۇنىڭدىن باشقا، ھېسابات ئېلىپ قويۇپ، ئېلان قويماسلىقمۇ ناھايىتى خەتەرلىك.
خوش، يۇقارقىلىرى ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئېرىشكەن ئاددىيغىنا خۇلاسەم، خوش، ھېساباتى قەتلىئام قىلىنغان بلوگگېر، يازمىنى ئوقۇپ بولغان بولسىڭىز دەڭچۇ، سىزنىڭ Google Adsense ھېساباتىڭىزنىڭ قانداق قەتلىئام قىلىنىپتۇ؟…
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- WordPressدە يېقىنقى 30 كۈن ئىچىدىكى ئاۋات يازمىلارنى چىقىرىشنىڭ تەدبىرى (11)
- [WordPress تېخنىكىسى]ئاكتىپ ئىنكاسچى تېمى قوپۇرۇش تېخنىكىسى
- [WordPress دەرسلىكى] ئاكتىپ ئىنكاسچى تېمى قوپۇرۇش تېخنىكىسى(سىنلىق) (1)
- [تەۋسىيە قىسقا فىلىم]بىر مېنۇتلۇق ھايات(One Minute Fly)
- [wordpress قىستۇرمىسى] Comment Info Detector (ئىنكاسچىلار ئۇچۇرى) (8)
- [قىززىق نۇقتا] بلوگباسدا يەنە نورمالسىزلىق كۆرۈلدى
- wordpress تە ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكى ئارقىلىق يازمىغا خەت قوشۇش (6)
- [يەرلىك قىستۇرما] WP-beFont – ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى (8)
- نېمىشقا سىزنىڭ wordpress بلوگىڭىز E-mail ئەۋەتەلمەيدۇ (3)
- بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (2-باب: خاككېر ئېمپىرىيىسى) (3)
- Prestan Simple 3 نەشىرىنى جىددي ياساۋاتىمەن، تەكلىپ پىكىر بارمۇ؟ (27)
- js ئارقىلىق بلوگ ئۈستىگە ئۇچۇر(ئېلان) چىقىرىش (2)