[wordpress قىستۇرمىسى] Comment Info Detector (ئىنكاسچىلار ئۇچۇرى)

bayrakuchur

‹‹WordPress ئىنكاس رايونىنى بىزەش››ناملىق يازمامنى تەييارلاش داۋامىدا، بىر يەردە بىر ئالاھىدە قىستۇرمىنى غىل-پال كۆرۈپ قالغانىدىم،كىيىن نىمە شەيتان ئازدۇردى بۇ قىستۇرمىنى ئۇنتۇپلا كېتىپتىمەن.بۈگۈن،خوشنا بلوگلارنى ئارىلاۋېتىپ ئۇ قىستۇرمىنى خۇددىي 8-قىتئەنى بايقىغاندىكى ئىلھامدا بايقاپ ئاندىن قېدىرىپ چىقتىم،بۇ زادى قانداق قىستۇرما؟دىققىتىڭىز مەزكۇر يازمىدا بولسۇن!
قىستۇرما نامى: Comment Info Detector (ئىنكاسچىلار ئۇچۇرى)
قىستۇرما ئاپتورى:نامەلۇم
ئاپتور ياكى ئۇسلۇبقا ئالاقىدار مەنزىل:

http://hieudt.info/wp-plugins/comment-info-detector

ئۆزلەشتۈرگۈچى:ئۇيغۇربەگ
سىناق قىلىنغان ۋاقتى:2010-08-31
سىناق قىلىنغان تور كۆرگۈچ:  Firefox,IE6,IE7,IE8,Safari,Opera,世界之窗,360游览器
سىناق قىلىنغان سېستىما نەشىرى: WordPress 2.8.9

قىستۇرما ئىقتىدارلىرى ھەققىدە:
بۇ قىستۇرما ئىنكاس قالدۇرغۇچىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى،ئىشلەتكەن جاھاننامە تۈرى،ئىشلەتكەن مەشخۇلات سېستىمىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى چىقىرىپ بىرىدىغان ئېسىل قىستۇرما بولۇپ،سىغىمى كىچىك،ئىشلىتىشكە ئەپلىك.ئۈنۈمى تۆۋەندىكى سۆرەتتىكىدەك:

bayrakuchur2

كۆرۈش مەنزىلى: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى ئىنكاس رايونلىرى

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1.قىستۇرمىنى ئادەتتىكى قىستۇرمىنى ئىشلەتكەندەك،بوشلۇققا يوللاپ، قاچىلاپ قوزغىتىمىز.
2.ئۇسلۇبدىكى comments.php ھۆججىتىنىڭ مۇۋاپىق يېرىگە تۆۋەندىكى كودنى قۇيىمىز.

if (function_exists(”CID_init“)) { CID_print_comment_flag(); echo ‘ ‘; CID_print_comment_browser(); } ?>

قۇشۇمچە: ناۋادا كودنى قۇيۇشدا قېيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز،ئارقا سۇپىدىكى تەڭشەكلەر قاتارىدىن Comment Info Detector تەڭشىكىگە كېرىپ،باشقا يەرلەرنى ئۆزگەرتمەي،ئاستىدىكى ئىككى تاللاشنى Yes قىلىپ تەڭشەپ يېڭىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
قىستۇرمىنى ئىشلىتىش داۋامىدا بايقىدىمكى،مەزكۇر قىستۇرمىنىڭ بلوگ سۈرئىتىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭكەن،يەنى بلوگ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ قۇيىدىكەن،ئالاقىدار بلوگلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ بۇ تەسىرنى يوقىتىشنىڭ ئىككى ئامالىنى تېپىپ چىقتىم.
بىرىنچى ئۇسۇل:
قىستۇرما ھۆججەتلىرى قاتارىدىن comment-info-detector.css ھۆججىتىنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ.
ئىككىنچى ئۇسۇل:
comment-info-detector.php ھۆججىتىنى ئېچىپ،تەخمىنەن 60-68 قۇرلاردىن تۆۋەندىكى كودلارنى تېپىپ ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز ئىش تامام.

function CID_css() {
echo ”n“.’’.“n“;
if(@file_exists(TEMPLATEPATH.’/comment-info-detector.css’)) {
echo ‘’.“n“;
} else {
echo ‘’.“n“;
}
}
add_action(‘wp_head’, ‘CID_css’);

قىستۇرمىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.



无觅相关文章插件,快速提升流量

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


8 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • يۈكسەل | 2010.09.4 جاۋاب

    بۇ قىستۇرما ھەقىقەتەن ئۆزگىچە قىستۇرما ئىكەن.
    ئەمما، مېنىڭچە، قىستۇرما بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بلوگ سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سۈرئىتى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ. شۇڭا، بىزۆرۈر قىستۇرمىلارنى يەنىلا ئىشلەتمىگەن تۈزۈك …

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.09.4

      شۇنداق،بۇ قىستۇرمىنى پەقەت بلوگىنى كۆركەم قىلىشنى ئىستەيدىغان تورداشلىرىم ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىپ چىقتىم.

  • بۇلىدىغان قىستۇرما ئىكەن . شۇنداق قىلىپ wordpressچى بۇلۇپ كەتىڭىز ، يارايسىز . غەلبە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىزدىنىش كېرەك :-D

  • DingoDogg | 2010.09.17 جاۋاب

    Hola, No estб seguro de que esto es verdad:), pero gracias a un cargo.

    DingoDogg

  • ئۆزگىچە قىستۇرما ئىكەن. مەنمۇ يۈكسەل ئەپەندىنڭ كۆز قارشىغا قۇشۇلىمەن… داۋاملىق تىرىشىپ مۇشۇنداق ياخشى نەرسىلەرنى كۆپرەك تەۋسىيە قىلغايسىز…

  • روھچىن | 2011.02.11 جاۋاب

    بۇ تىمىنى ئىلگىرىمۇ بىركۆرگەندەك …چۈشۈمدە كۆردۈممۇ يا ؟ :?:

    • ئۇيغۇربەگ | 2011.02.11

      كونا بولسىمۇ،بىلمىگەنلەر بېلىۋالسۇن دەپ چۈشىڭىزدىن سۇغۇرۇپ ئەپچىقتىم زادى!

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif