WPtouch قىستۇرمىسى ئۇيغۇرچىلاشتى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى!

camera-lens-520x245

ئېسىمدە قېلىشىچە، ئالما مەھسۇلاتلىرى ئۇچۇرلىرى، ھەر خىل ئەپ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئانچە-مۇنچە ئايفون ۋە فوتوگراپچىلىق تېخنىكىسى بىلەن ھەپىلىشىدىغان پاسىبان ئاغامنىڭ بلوگىنى ئايفوندا زىيارەت قىلسا شۇنداق پەچچەت چىقاتتى، ئىچىم قىزىغانتى دېسە. ئەمدى بىلسەم، بۇنىمۇ قىستۇرما ئارقىلىق جايلايدىكەنمىز. خوش، بىر قانچە سائەت ئىزدىنىشىم ئاستىدا ئەقلىيفونلاردا بلوگنى رەتلەپ چىقىرىپ بېرىدىغان قىستۇرما WPtouchنىڭ كۆرۈنمە يۆزىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم، ماڭا ئىشىنىڭكى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى!…


قىستۇرما ھەققىدە

يىقىندا سەزمە ئىكرانلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ جاھاننامە ئىقتىدارى قوللىنىشمچانلىققا قاراپ يۈزلەنگەن بولسىمۇ ، كىچىك ئىكرانلىق ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ توربەتنى زىيارەت قىلغاندىكى ئۈنۈمى ئادەمنى قانائەتلەندۈرەلمىگەچ ، بلوگگېرلارنى يېڭىچە ئۇسۇلدا بلوگنى تېلىفوندا ئەپلىك، ئاز ھەجىم ئىگەللەيدىغان قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەلۋەتتە، بۇنداق قىستۇرمىلار WordPress ساھەسىدە ناھايىتى كۆپ، بۈگۈن بلوگگېر تورداشلارغا تونۇشتۇرغان بۇ قىستۇرما بولسا دەل مۇشۇ قىستۇرمىلار ئىچىدە ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ ئىقتىدارلىق بولغان بىرى بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى بۇ قىستۇرمىنىڭ تېلىفون كۆرۈنمە يۆزىدىكى ھالىتى – ئۇيغۇرچە!…

قىستۇرما ئالاھىدىلىكى

WPtouchقىستۇرمىسى -  iPod, iPhone, iPad, Android, 黑莓, Palm OSقاتارلىق كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سەزمە ئۈسكۈنىلەردە ۋوردپرېسدە قۇرۇلغان بېكەت ياكى بلوگنى باشقىچە ئۈنۈمدە زىيارەت قىلىنىشنى قوللايدۇ. خالىسىڭىز ئاشۇ ئۈسكۈنىلەردىكى كۆرۈنۈش شەكىللىرى ياكى پاسونلىرىنىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ خاھىشىدا تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ قىستۇرمىنىڭ ھەقلىق نەشىرىدە قىلالايسىز. ئەمما بىز ئىشلىتىۋاتقان ھەقسىز نۇسخىسىمۇ بولاپ قويىدۇ. سىزگە دېسەم، ھەقسىز نەشىرىنىڭمۇ ئىقتىدارى ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ ، مەنچە ھەقلىق نەشىرىنى ئىشلىتشنىڭمۇ ھاجىتى يوق . ئەگەر ئۇسلۇبقا ئېنىقلىما بىرىشكە توغرا كەلسە ، پەقەت defaultنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ . قىستۇرما تەمىنلىگەن ئاشۇ كۈچلۈك ئۆزى ئېنىقلىما بىرىش ئىقتىدارىنىڭ شەخسى بىلوگلارغا نېسبەتەن ھىچقانچە پايدىسى بولمىسىمۇ ، ئەمما تەكشى ئىكرانلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىكران چوڭ ، تور بەت سىغدۇرمىچانلىقىنى ئاشۇرۇشتا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك بولسا كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، قىستۇرما تەمىنلىگەن سۈكۈتتىكى ئۇسلۇپ ئىقتىدارى ناھايتىمۇ كۈچلۈك بولۇپ ، ھەتتا AJAXنىڭ يازما يوللاش ئىقتىدارىمۇ بار . ئەمما بەت يۈزى قۇرۇلمىسى ياخشى بولمايلا قالماي ، قول تىقىپ ئشلەشنى خالايدىغان ساۋاقداشلارنىڭ ئۆزگەرتىشىگە ۋە ئەلالاشتۇرۇشىغا قالدۇرۇلدى .

قىستۇرمىنىڭ ئۈنۈمىدىن كۆرۈنۈشلەر

 

100APPLE_IMG_0844100APPLE_IMG_0835100APPLE_IMG_0836100APPLE_IMG_0837100APPLE_IMG_0838100APPLE_IMG_0839100APPLE_IMG_0840100APPLE_IMG_0841100APPLE_IMG_0842100APPLE_IMG_0843

يۇقارقىسى كەمىنىنىڭ Iphone 3GS قورالىدا ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىنى زىيارەت قىلغاندىكى كۆرۈنۈشلەر.

قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش & چۈشۈرۈش

 

ئەسكەرتىش: مەزكۇر قىستۇرمىنى تارقىتىپ بولغۇچە، ئورگان تەرەپتىن يېڭى نەشىرىنى تارقىتىپ بوپتۇ، قاچىلاپ ئىشلەتكەن تورداشلارنىڭ ئالدىراپ يېڭىلىۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى قىستۇرمىدىكى خاتالىق ياكى كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئوڭشاش پىلانىمىز يوق، ئۆزىمىزمۇ كۆپ قېتىم سىناپ ئاندىن تارقاتقان ئىدۇق، قىستۇرمىنى قاچىلاپ قوزغىتىپ قويساڭلارلا بولىدۇ.


23 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • شۇڭقارى | 2012.04.24 جاۋاب

    دىۋان

  • ئىقبال | 2012.04.24 جاۋاب

    ئاخىرى روياپقا چىقىپتۇ ھە بۇ …..مەنمۇ چۈشۈرۋالدىم
    بۇ قىستۇرمىنى قاچىلاپ قوزغىتىپ قويساقلا ، باشقىلار بىلوگىمىزنى تىلىفۇندىمۇ زىيارەت قىلالايدۇ ، دېگەن گەپقۇ بۇ ئۆزى ؟؟؟

  • ئۆزقان | 2012.04.24 جاۋاب

    ئەمدى تېلېفوندا بىمالال كۆرەلەيدىغان بوپتۇق-تە…

  • ئىزتىل | 2012.04.24 جاۋاب

    ۋاھ … ئاجايىپ ئېسىل ئىشتىن بىرسى ۋۇجۇدقا چىقىپتۇ ئەمدى مانا !!! ئەپسۇس ، مەن نە قىلىپمۇ تېلفۇنۇمنى ئۇيغۇرچىنى نورمال تۇنۇيدىغان قىلالمايۋاتىمەن دېسە ،

  • torbajin | 2012.04.24 جاۋاب

    بۇنداق بولسا مۆجىزە خاراكتىرلىك ئىش بولغىدەك. ئەجرىڭىزدىن دىللار سۆيۈنسۇن.
    ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • torbajin | 2012.04.24 جاۋاب

    android سۇپىسىدىمۇ نورمال يۈرۈشەمدۇ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.04.26

      شۇنداق، ئەنجۇردىمۇ شۇنداق چىرايلىق، بولسا تېلىفونىڭىزنى ئۇيغۇرچە تونۇتۇۋېلىڭە، ھاي ھاي…

  • ھەۋەسكار | 2012.04.24 جاۋاب

    پەچچەت ئىشتىن بىرسى بوپتۇ مانا !!رەھمەت !!

  • ئوربېتا | 2012.04.24 جاۋاب

    ياخشى داۋاملىق تىرشىڭلار …. :evil:

  • ۋەيرانى | 2012.04.25 جاۋاب

    ئۇيغۇربەگ،مۇمكىن بولسا تورخۇمار ياكى يۈكسەل بلوگىدەك قىلغان بولساڭلار.نىمىشقە دىگەندەfirefoxنى قاچىلىغاندا androidتېلفۇنمۇ نۇرمال كۇرۇنىدۇ..سىلىە شۇنداق سىناپ بېقڭلار..قۇتيارمۇ شۇنداق نۇرمال كۇرۇنىدۇ..بۇنداق بولغاندا سىلە بىر ھەم بۇ قىستۇرمىنى قاچىلايسىلە،ھەم ئاۋۇ بىكەتتەك قىلىپ قويساڭلار بىر چالمىدا قوش ھۆپۆپ سوققىلى بولىدۇ.. :grin:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.04.26

      تازا چۈشەنمىدىما بۇرادەر ۋەيرانى ئىنكاسىڭىزنى، مەن بەك دۆت دەڭە :cry:

  • يارقىن | 2012.04.25 جاۋاب

    مىنىڭ 黑莓تېلېفۇنۇمدا نۇرمال چىقتى ….

  • ھەق يول | 2012.04.25 جاۋاب

    ئۇ قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش توختۇتۇلغان ئوخشايدۇ، قاراپ باقسىڭىز.

  • ھەق يول | 2012.04.25 جاۋاب

    ياكى بولمىسا بۇ heqyol@hotmail.com غا يوللاپ بەرسىڭىزمۇ بولاتتى

  • روسلان | 2012.04.26 جاۋاب

    تىلفۇنۇم ئۇيغۇرچىنى فەچەت قۇللايدۇ,تىلفوندا يىزىۋاتىمەن مانى

  • ئەركە | 2012.04.26 جاۋاب

    ئوخخو بىگىم…. ماڭا كۆپ رەھمەت ئېيتسىلا جۇمۇ ئەمدى… ماۋۇ قىستۇرمىنى مەن تەمىنلىگەن جۇما ( دەپ تۇرىۋالسام ) :grin: :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.2

      سىلىگە كىم دەپ بەگەن دەپ تۇرۇۋالسام تازا…

  • پەقەت ئەقلىيفوندىلا چىقامدا بۇ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.2

      ئېيتىشلارغا قارىغاندا رەڭسىز نوكىيالاردىمۇ ئىشلەيدىكەن…

  • ئۆزقان | 2012.04.30 جاۋاب

    مەن بۇ قىستۇرمىنى قاچىلىمىساممۇ بىلوگىم تېلېفونۇمدا نورمال تۇرىدىيا…

  • قايسى بىر بىلوگدىن ئىلگىرى چۈشۈرگەندەك قىلغان. كىيىن ھېچ بىر ئۆزگۈرۈش بولاماپتۇ دەپ يۇيىۋەتكەن ئىدىم. ئەمدى قايتا قاچىلاپ سىناپ باقاي.

  • تاشقىن | 2012.05.17 جاۋاب

    بۇ ئۇسلۇبقا ئۇيغۇرچە نورمال تونۇتالمايمەنغۇ؟ eotقاچىلىسام بولامۇ يا ئۇسلۇبقا ..قىستۇرمىسىز ئېچىلسا خەت نورمال بولمىسا

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif