wordpress بلوگىغا google ستاتىستىكا كودنى قوشۇش


google نىڭ ستاتىستىكىسى مەن ھازىرغىچە ئىشلىتىپ باققان ستاتىستىكا قىلغۇچنىڭ ئەڭ نوچىسى، ئەلۋەتتە نوچى بولغاندىكى ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق كەمچىلىكى بولىدۇ، كەمچىلىكى نېمە دېگەندە ئارقا سۇپىسى مۇرەككەپ، تۇلۇق چۈشىنىشكە خېلە بىر مەزگىل كېتىدۇ. ئارتۇقچىلىقىچۇ؟ مەنچە ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى باشقا ستاتىستىكا تور بەتلىرىدەك بلوگىڭىزنىڭ ئاستىدا بېكەت نامى چىقىۋالمايدۇ. بېكىتىڭىزنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە تەسىرى بولمايدۇ.

ئەگەر سىز google analytics نى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مېنى بېسىپ ئىلتىماس قىلىڭ، ئەگەر ئىلتىماس قىلىپ بولۇپ كودنى قەيەرگە قويۇشنى بىلەلمىسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە قىلسىڭىز بولىدۇ.

كود قىسىمى:


add_action('wp_footer', 'add_googleanalytics');
function add_googleanalytics() { ?>
// 把Google 统计代码复制到这里
} ?>

يۇقۇردىكى كودنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ fonction.php ھۆججىتىنى ئېچىپ ئەڭ ئاستىغا چاپلاپ بولۇپ، // 把Google 统计代码复制到这里 دېگەن خەتنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزنىڭ ستاتىستىكا كودىنى قويسىڭىز بولىدۇ.


15 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • Geek | 2012.05.1 جاۋاب

    دىۋاننى ئىگەللىۋىلىپ ئاندىن ئوقاي جۇما :mrgreen:

  • Geek | 2012.05.1 جاۋاب

    مەن cnzz نىڭ سىتاستىكىسىغا كۆنۈپ قاپتىمەنكەن …. كەچۈرۈڭلار :lol:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.1

      سەت ئەسكىكەنسىز :sad:

    • Geek | 2012.05.1

      قانداقسىگە دەيسىز ….. نەچچە يىل بولدى شۇنىڭغا كۆنگىلى :x

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.2

      ئاران تەستە بىر يازما يازساق… :cry:

  • ghenibay | 2012.05.1 جاۋاب

    شۇنداق بىر ياخشى تېخنىكىدىن بىرسى بار … :grin: ،ھې ھې ھې …
    كودنى ئەلالاشتۇرۇپ مەن ئېلان قىلايمىكى … :idea: :lol:

  • گوگىل ئېلانىم توختاپ كەتمىگەن بولسا چوقۇم ئىشلىتەتتىم، بارلىق ماتىرىياللىرىمنى يۇيۇۋىتىپتىكەنمەن، ئەمدى يېڭىدىن تىزىملىتىشقا خوش ياقمايۋاتىدۇ. :idea:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.1

      پۇلىڭىزنى ئېلىپ بولغۇچە توختاپ كەتتىما، ئامىن! رەھمەتلىك بەك قېينىلىپ كەتكەنتى، ئاخىرى جايىنى تېپىپتۇ… :cry:

    • Geek | 2012.05.1

      ئېلانىڭىز نىم بوپ توختاپ كىتىپتۇ

  • ئىقبال | 2012.05.1 جاۋاب

    بەگ دۇئايىڭىز ئاسان ئىجابەت بولىدىغان ئوخشايدۇ -ھە؟ بۇ يازمىڭىزنىڭمۇ بەرىكىتىنى بەرسۇن ، ئامىن(سىزدىن ئۆگەندىم )

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.2

      مەندىن ئۆگىنىپ يامان ئۆگىنىپ قالىدىغان بولدىڭىزدە…

  • cnzzمانى ئۈچ كۈن بۇرۇن ئورنۇتۇپ بوپتۇكەنمەن… ۋاقت چىقىرىپ بەگ نىڭ دېگىنىگە يۆتكىۋالاي…

  • مۇزات | 2012.05.2 جاۋاب

    cnzz ياخشى ئەمەسما؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.2

      مەنچە ياخشى، بۇ يازمىنىڭ باش تېمىسى باشقىلىرى ناچار ئەمەس، بەلكى گۇگېلنىڭ ئاۋۇ مۇلازىمىتىنى قانداق قوللىنىش… :idea:

  • مەنغۇ جۇڭگونىڭ ئىستاستىكا كودلىرىنى قويغان ئىدىم يېقىندا تۇيۇقسىز ئېچىلىش سۈرئىتىنى ئاشۇ توربەتلەر ئاستىلىتىۋەتكەندەك قىلسا بىراقلا چۆرۈپ تاشلىغان. قايتا تېپىۋېلىش نىيىتىدە يۈرىمەن. ياخونىڭ ئېچىلماس بولغىلى خېلى بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif