[تەنەپپۇس مەزگىلى]مۇڭلۇق تاتارچە ناخشا-بۇلبۇل

نەچچە ھەپتە داۋاملاشقان جىددىيچىلىكتە نېمە قىلىشنى بىلمەيۋاتىمەن. جىددىي پىلان ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەرجىمە ئىشىم نۆۋەتتىكى لىق كەلگەن دەرس سېتكىسى بىلەن كۆپ قېتىم توقۇنۇشۇپ قېلىپ، جىددىيچىلىككە سېلىۋاتاتتى، كەيپىياتىممۇ بارغانسىرى تۇراقسىزلىشىپ كېتىۋاتاتتى، مېنى يېقىندىن كۈزۈتۈپ تۇرغان يولداش تەدبىركارمۇ مېنىڭ ‹‹جىمغۇر›› بولۇپ قالغانلىقىمنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويدى. ئۆزۈمنى تەڭشىشىم كېرەك دەپ ئويلىدىم، ناخشىلىرىمنى ئاقتۇردۇم، ھەممىسى كونىراپ كەتكەنىدى،ئىچىم سىقىلماقتا ئىدى…

تۇيۇقسىز، قازاق دوستۇم بىر ناخشىنى ئەۋەتىپ بەردى. ناخشىنىڭ تىلى قازاقچىغا تولىمۇ يېقىندەك ھىس قىلدىم، ئەمما ئېنىقكى قازاقچە ئەمەس ئىدى. ئەمما،فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەردىن تولىمۇ تونۇش بىر مەنزىرىنى بايقىماقتا ئىدىم، تاتار مۇھىتى دەپ ھىس قىلدىم. توردىن ئاقتۇرۇپ كۆرسەم، بۇ تاتار ناخشىچىسى ئالسۇنىڭ ‹‹بۇلبۇل››دېگەن ناخشىسى ئىدى، ناخشا ئاجايىب مۇڭلۇق ئىدى، ئۆزۈممۇ بىلمەي ناخشىنىڭ مۇڭىغا قۇشۇلۇپ كەتمەكتە ئىدىم…



无觅相关文章插件,快速提升流量


باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif