سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «film» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

تولۇق ئوتتۇرا مەزگىلى، سېنىپىمىزدىكى قېرىنداش قازاق دوستلىرىمدىن ھەدەپ قازاق تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگۈنۈۋاتقان مەزگىلىم ئېدى، قازاق مىللىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە سۆزلەپ كەلگەن قازاق دوستۇم مارال ئۇلارنىڭ تارىخىنىڭ قەدىمكى تۈرك رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ‹‹كۆلتېكىن›› بىلەن باغلىنىشى بارلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن خېلى زامانلار ئۆتتى، قايسى كۈنى تور ئارىلاۋېتىپ، تۇيۇقسىز ‹‹قازاق رېۋايىتى-Sagim dunie›› دېگەن بۇ ناخشىنى ئۇچرېتىپ قالدىم. گەرچە ناخشىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭقىرالمىساممۇ، ئەمما فىلىم كۆرۈنۈشلىرىدىن بۇ ناخشىسىنىڭ قازاق مىللىتىنىڭ مەلۇم بىر رېۋايىتى ياكى ئەپسانىسىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. ناخشا ۋە كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئۇسلۇبى ماڭا ئاجايىب ياقتى. قېنى، ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈش دەرسىنىڭ زىرىكىشلىك ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بولغانتورداشلار بىرلىكتە بۇ گۈزەل ‹‹قازاق رېۋايىتى››دىن بىرلىكتە بەھىر ئالايلى!ئەتىدىن باشلاپ،دەرسلىكنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى HTML ھەققىدىكى سىنلىق دەرسلىكلەر ھوزۇرۇڭلاردا بولغۇسى …

تۇلۇق ئوقۇش »

نەچچە ھەپتە داۋاملاشقان جىددىيچىلىكتە نېمە قىلىشنى بىلمەيۋاتىمەن. جىددىي پىلان ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەرجىمە ئىشىم نۆۋەتتىكى لىق كەلگەن دەرس سېتكىسى بىلەن كۆپ قېتىم توقۇنۇشۇپ قېلىپ، جىددىيچىلىككە سېلىۋاتاتتى، كەيپىياتىممۇ بارغانسىرى تۇراقسىزلىشىپ كېتىۋاتاتتى، مېنى يېقىندىن كۈزۈتۈپ تۇرغان يولداش تەدبىركارمۇ مېنىڭ ‹‹جىمغۇر›› بولۇپ قالغانلىقىمنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويدى. ئۆزۈمنى تەڭشىشىم كېرەك دەپ ئويلىدىم، ناخشىلىرىمنى ئاقتۇردۇم، ھەممىسى كونىراپ كەتكەنىدى،ئىچىم سىقىلماقتا ئىدى…

تۇلۇق ئوقۇش »

emre altug-asikiy kiyamat

بەلكىم،سۆيگۈ ئىچىدە بىرگە ياشىغان ھالال جۈپتىمىزدىن ئايرىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلىش-شۇ تاپ ھەممىمىزگە قورقۇنچلۇق بىر قاباھەتنى ئەسلىتىشى مۇمكىن.‹‹ئاشىق قىيامەت››تە بولسا،بىر بوۋاي-كەمپىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن،بۇ ئاچچىق ھەقىقەتكە بوي سۇنماي،كەمپىرى ئۈچۈن كىر يۇيۇپ،ناشتىلىق تەييارلاپ،ئۇنىڭ قول ھارۋىسىنى سۆرەي سەيلىگە چىقىدۇ،‹‹ئاشىق قىيامەت››نى كۆرگەندىن كىيىن،بەلكىم بۇ بوۋايغا ئىچ ئاغرىتقاچ،ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇشىڭىز مۇمكىن،ياكى،كۆزىڭىزدىن سىرغىپ چىققان ئاشۇ ئىسسىق ياشنى سۈرتكەچ،فىلىمنى قايتا قۇيۇپ،بوۋاينىڭ شۇ تەسىرلىك ئىش-كۆرۈنۈشلىرىنى قايتا بىر كۆرۈپ چىقىشىڭىز مۇمكىن.قېنى،بۇ ناخشىنى بىر ئاڭلاپ كۆرۈڭ،تەرجىمىسى ۋە خېتىنى ئۆزۈم ئىشلىدىم،ياقتۇرسىڭىز فىلىم ئاستىدا سۈزۈك نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلەپ قويدۇم،چۈشۈرۈپ ساقلاپ قۇيارسىز…

تۇلۇق ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量