[تەنەپپۇس مەزگىلى] ‹‹قازاق رېۋايىتى-Sagim dunie››نى تىڭشاپ كۆرگۈلۇق!…

تولۇق ئوتتۇرا مەزگىلى، سېنىپىمىزدىكى قېرىنداش قازاق دوستلىرىمدىن ھەدەپ قازاق تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگۈنۈۋاتقان مەزگىلىم ئېدى، قازاق مىللىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە سۆزلەپ كەلگەن قازاق دوستۇم مارال ئۇلارنىڭ تارىخىنىڭ قەدىمكى تۈرك رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ‹‹كۆلتېكىن›› بىلەن باغلىنىشى بارلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن خېلى زامانلار ئۆتتى، قايسى كۈنى تور ئارىلاۋېتىپ، تۇيۇقسىز ‹‹قازاق رېۋايىتى-Sagim dunie›› دېگەن بۇ ناخشىنى ئۇچرېتىپ قالدىم. گەرچە ناخشىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭقىرالمىساممۇ، ئەمما فىلىم كۆرۈنۈشلىرىدىن بۇ ناخشىسىنىڭ قازاق مىللىتىنىڭ مەلۇم بىر رېۋايىتى ياكى ئەپسانىسىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. ناخشا ۋە كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئۇسلۇبى ماڭا ئاجايىب ياقتى. قېنى، ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈش دەرسىنىڭ زىرىكىشلىك ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بولغانتورداشلار بىرلىكتە بۇ گۈزەل ‹‹قازاق رېۋايىتى››دىن بىرلىكتە بەھىر ئالايلى!ئەتىدىن باشلاپ،دەرسلىكنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى HTML ھەققىدىكى سىنلىق دەرسلىكلەر ھوزۇرۇڭلاردا بولغۇسى …

فىلىمخانىمىز


ناخشىچى ھەققىدە:

مەزكۇر ناخشىنىڭ ئورۇنلىغۇچىسى Batyrkhan Shukenov-قازاقىستاننىڭ ئاتاقلىق ناخشىچى-شائىرى، ئادەتتە Batyr(باتۇر)دەپ ئاتىلىدۇ. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «Отан Ана»،«Твои шаги» قاتارلىقلار بار…



无觅相关文章插件,快速提升流量


باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif