سىزنىڭ ئورنىڭىز: سەھىپە بېتى

سىز «قىسقا فىلىملەر» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

ontime

مەلۇم يىگىت سۆيگۈنىگە توي تەكلىپى قويۇپ رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئېنتايىن ئازابلانغان ھالدا ئايروپىلان كۈتۈش ئورنىغا كېلىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا بىر يۇچۇن كىشى پايدا بولىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن نېمە بولغانلىقىنى سورايدۇ ۋە ئۆزىدە بىر خىل ئەسۋابنىڭ بارلىقىنى، مۇشۇ ئەسۋاب ئارقىلىق كەلگۈسى 30 سىكۇنىت كېيىنكى ئىشلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ يىگىت باشتا ئىشەنمەيدۇ، ئەمما يۇچۇن كىشى ئۇنىڭغا ئۇ ئەسۋابنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، يىگىت ئىنتايىن چۆچۈپ كېتىدۇ، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئويلىمىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ…

تۇلۇق ئوقۇش »

141_副本

ئۆزۈم پاركورچى بولمىساممۇ، ئۇيغۇر باللانىڭ پاركور فىلىملىرىنى كۆرۈشكە ئامراقمەن،  شۇڭا پات-پات ئاشۇ بالىلارنىڭ پاركور فىلىملىرىنى كۆرگەچ ئۆزۈمنىڭ ئورۇقلاش ئىرادەمنى كۈچەيتىمەن. بۈگۈن سىنا مىكروبلوگىدا ئارىلاپ يۈرسەم ئۇيغۇر پاركورچى باللا ئىشلىگەن يېڭى مىكرو كىنو «سۈرئەت»نى ئۇچرىتىپ قالدىم. مۇنداق قارىسام بۇ بالىلار مەزكۇر كىنونى ئىشلەشكە خېلى كۈچىگەن چىراي، ئۇلارنىڭ جىددىي ھەرىكەتلىرىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ئۆزۈممۇ ئالامەت جىددىيلىشىپ كەتتىم دېسە. قېنى بۇ جىددىيچىلىكتىن سىلەرمۇ ھۇزۇرلىنىپ بېقىڭلار…

تۇلۇق ئوقۇش »

D550FB453954F2643649470BA3EAFFAE_副本

دۆلىتىمىزنى ساختا مەھسۇلات ياسايدىغان ئۇۋا دەپ زاڭلىق قىلاتتى مەكتەپدىكى تۈركىيەلىك ئاقسالار، بۈگۈن قارىسام بۇلارنىڭمۇ ساختا تېلىفون، ساختا iPhone 4Sنىمۇ ياسايدىغانلىقى كۆرۈپ قالدىم. بۈگۈن يوللىغان بۇ فىلىمنى مۇسۇلمان دۆلەتتىكىلەر ياسىغاندىكىن دەپ ئىشەنچ بىلەن ئالغان بىرى يوللاپتۇ، بىلمىدىم ئۇ ئاداش ھازىر نېمە بولۇپ كەتتى، ئەمما لېكىن مەن تولۇق كۆرۈپ بولۇپ يىغلىۋەتتىم، جۇڭگولۇق ساختا تېلىفون ياسايدىغانلارنى مۇشۇنداقمۇ چۈشۈرەمدۇ دەيمەن، ئىسسىت ئىسسىت!….

تۇلۇق ئوقۇش »

دېسنىيگە تەۋە Pixar گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى كارتون ئەسىرى–ئاي ئىلاھى_

« ئاي ئەپسانىسى » ناملىق مەزكۇر قىسقا كارتون ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان دېسنىيگە تەۋە Pixar گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى كارتون ئەسىرى بولۇپ، ئوسكار نادىر كارتون مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر كارتوندا بىر بالىنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسى بىلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى سۈپۈرۈۋالغانلىقىدەك ئاددىي ھېكايە بايان قىلىنغان بولۇپ، بالىسى بار بلوگداشلار بالىلىرىڭلار بىلەن كۆرسەڭلار بولغۇدەك ئېسىل كارتون!…

تۇلۇق ئوقۇش »

qatmuqat ow

«قوش ئوۋ» ناملىق مەزكۇر كارتوننىڭ ۋەقەلىكى ۋە ئۈنۈمى جەھەتتە ئامېرىكىلىقلار ئىشلىگەن خېلى-خېلى كارتوندىن قېلىشمايدۇ، بۇ كارتون ئەمەلىيەتتە گۇئاڭجۇدىكى ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ 2012-يىلىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرى بولۇپ، ۋەقەلىكلىرى قىزىقارلىق ۋە جىددىي. ئىشىنىمەنكى سىز چوقۇم ئامراق بولۇپ قالىسىز…

تۇلۇق ئوقۇش »

Father-Daughter_副本

سەككىز مىنۇتلۇق بۇ قىسقا كارتون 73-قېتىملىق ئەڭ نادىر ئوسكار كارتون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، كارتوندا بىرەر جۈملە دىئالوگ يوق، شۇنداقلا ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈش يوق، ئەمما تەگ مۇزىكىسىغا پىئانىنو بىلەن تەڭكەش قىلغاچ، بىرجۈپ ئاتا بىلەن قىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاددىي، ئەمما چىن كۆرۈنۈشلەرنى بايان قىلىدۇ، كۆرۈۋېتىپ قەلبىڭىزنىڭ ئىختىيارسىز ئىللىق بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىسىز. ماڭا ئىشىنىڭ!…

تۇلۇق ئوقۇش »

Paths_of_Hate_12_副本

ئالىي مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىغا چىققاندىن كېيىن بلوگ مالتىلاشدىن ئازراق زىرىكىپ، كاللامنى كۆپرەك ئارام ئالدۇرۇپ بىر يىللىق ھاياتىمنى ئوبدان پىلانلاشقا تىرىشماقتا ئىدىم. ئۆزۈمنىڭ كارتونغا ناھايىتى ھەۋىسىم بار، كارتون كۆرگەچ كود ئوينايدىغان ئادىتىمنى يولداش پرېستان بەك بىلەتتى، بەلكىم بۇنى باشقىلارمۇ بىلىدۇ. كارتون كۆرگەچ كاللامنى ئارام ئالدۇرۇش پىلانىم بۇيىچە توردىن نادىر كارتون دەپ ئىزدىسەم «قىساس يولى» ناملىق بۇ كارتون 2011-يىللىق سىگگىراف كارتون بايرىمىدا شۇ يىللىق ئەڭ نادىر كارتون دەپ باھالىنىپتۇ. توۋا دەپ قالدىم، مەندەك كاللىسى ئىشلەيدىغان ئادەم چۈشەنمىگەن بۇ كارتون قانداقسىگە بۇنداق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەندۇ دەپ ھەيران قالدىم، ھازىرمۇ ھەيرانلىقتا ئاغزىمنى ئوچۇقلا قويماقتىمەن، ئەي ئەزىز بلوگدىشىم، مېنى قۇتقۇزۇپ بۇ كارتوننىڭ نادىر بولىشىغا باھانە كۆرسۈتۈپ قويۇڭ، ئۆتۈنەي…

تۇلۇق ئوقۇش »

sebastian

«سېباستىياننىڭ نەشتىرى»(Sebastian's Voodoo) ناملىق مەزكۇر قىسقا كارتون فىلىم ئەينى چاغ Anchorage خەلىقئارالىق فىلىم فېستىۋالىدا ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەڭ نادىر كارتون فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. فىلىمدە زۇلمەت ئىچىدىكى بىر پىرىخون بىر مۇنچە قىساس قونچاقلىرىنى ياسىغان بولۇپ، بۇ قونچاقلارنى قېينىغاندا ئاشۇ ئاغرىق ئازابلىرى ئۇنىڭ قىساسكارىغا، يەنى دۈشمەنلىرىگە تىگىدىكەن، ئەمما ئۆزلىرىمۇ ئازابنى يەتكۈچە تارتىدىكەن، ئاخىرىدا قانداق بولىدۇ، قىزىققان بولسىڭىز كارتوننىڭ داۋامىغا نەزىرىڭىزنى تاشلاڭ.

تۇلۇق ئوقۇش »

csgo

قاچاندىن كومپىيۇتېر دېگەن ئوقەتكە يېقىن كەلدىم، مۇشۇ «نىمجان»(半条命) ئويۇنىنى ئويناپلا كەپتىمەن، تولۇقسىزدىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە ساۋاقداشلارنى، بۇرادەرلەرنى توپلاپ كېلىپ ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ قاتتىق تۇتۇشۇپتىكەنمەن، گەرچە ھازىر بۇرۇنقىدەك ئەسەبىي ئاشىق بولمىساممۇ.  ئالىي مەكتەپكە كېلىپ بەزىدە كومپىيۇتېر ئالدىدا ھېچ قىلغۇم كەلمەي ھەمدە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدىن قوپالماي كەتكەن بىر قىسىم چاغلىرىمدا مەزكۇر ئويۇننىڭ cs 1.6 نەشىرىنى ئازراق ئويناپ كاللامنى ئارام ئالدۇرۇپتىمەن. بۈگۈن قارىسام مەزكۇر ئويۇننىڭ يېڭى بۆلۈمى «تېررورلۇققا قارشى تۇرغۇچى ئەزىمەتلەر: دۇنيا مىقياسىلىق تۇتۇشۇش»(反恐精英: 全球攻势)نىڭ ئېلانى يوللىنىپتۇ، قارىغاندا مەزكۇر ئويۇننىڭ يېڭى بۆلۈمى چىقىدىغان ئوخشايدۇ، ئېلانىنى كۆرۈپ باققاچ بۇرۇن مەزكۇر ئويۇننى ئوينايدىغانلار ئازراق ئەسلىمە بەرمەمسىلەر؟ سىلەر ئوينىغانمۇ، قانداق ئوينىغان؟…

تۇلۇق ئوقۇش »

stupidsoldier_副本

ئاھ، دۈشمەننىڭ مەرگىنىدىن قورقمايمەن زېنھار، چوشقىدەك دۆت سەپداشدىنلا قورقىمەن، دۈشمەن ھەر قانچە مەرگەن بولسىمۇ مەن بىر ئامال قىلىپ ئۇنى جايلىۋېتىمەن، ناۋادا سەپدىشىم چوشقىدەك دۆت بولسا مېنىمۇ چوشقىدەك نەس باسىدۇ، ئىشىنەمسىز؟ ئىشەنمىسىڭىز فىلىمگە قاراڭ!….

تۇلۇق ئوقۇش »

7f96b57djw1dwhcgsl01cj - 副本

بۇغۇ چەتئەللىكلەرنىڭ يەنە بىر ئادەم موتوروللا قىلىدىغان بىر فىلىمىكەن. كارلىسبۇرگ(Carlsberg) پىۋا شىركىتى بىلگىيەدىكى مەلۇم بىر كىنوخانىدا مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن. مەزكۇر كىنوخانىدا 150 كىشىلىك ئورۇن بار ئىكەن، شىركەت 18 نەپەر كىشىنى قالتىس قانخور لۈكچەك سىياقىدا گىرىم قىلدۇرۇپ كىنوخانىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغۇزىدىكەن، پەقەت ئوتتۇرىدىكى جايدىلا ئىككى ئورۇننى ئاشىق-مەشۇقلارغا ئېلىپ قويىدىكەن، ئاشىق-مەشۇقلار كىنوخانىغا كىرگەندىن كېيىن بۇ «لۈكچەك»لەر ئۇلارغا يامان نەزەردە باقىدىكەن، ئاندىن ئۇلار ئولتۇرامدۇ يوق قارىشىپ تۇرىدىكەن، ناۋادا ئاشۇ ئىككى ئاشىق-مەشۇق سىز بولسىڭىز، ھېلىقى ئىككى ئورۇندا ئولتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالامتىڭىز؟….

تۇلۇق ئوقۇش »

jhrenew

شۇنداق بىر جاي بار ئىكەن، ئورنى قەشقەر شەھىرى كونا شەھەر ناھىيە، تاشمىلىق يېزىسىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يالما مەھەلللىسىدە. بۇ مەھەللىدە 30 نەچچە ئائىلىلىك بولۇپ تۇرمۇشى ھەقىقەتەن قېيىنچىلىقتا، توك ۋە باشقا ھېچقانداق ئېلىكتىر ئەسلىھەلىرى يوق. ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار 12 نەپەر، ئۇلارنىڭ مەھەللىسىدىكى مەكتەپمۇ، سىنىپمۇ، ئىشخانىمۇ، ئوقۇتقۇچىمۇ پەقەت ۋە پەقەت بىر نەپەر. 1–يىللىقتىن 5-يىللىققىچە مۇشۇ بىر سىنىپتا، يەنى ئاشۇ بىر دوسكىنى 3كە بۆلۈپ ھەر قايسى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئورتاق دەرس ئۆتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارغا پەقەت ماتىماتىكا، ئەدەبىيات مۇشۇ ئىككى پەندىنلا دەرس بىرىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلار 30 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىن موتوسىكىلىت بىلەن كېلىپ مۇشۇ 12 ئوقۇغۇچىلارغا خالىس، ھېچقانداق ھەق ئالماي دەرس ئۆتىدىكەن…باشقا تەپسىلاتىنى مەزكۇر فىلىمدىن كۆرۈڭ….

تۇلۇق ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量