قاچاندىن كومپىيۇتېر دېگەن ئوقەتكە يېقىن كەلدىم، مۇشۇ «نىمجان»(半条命) ئويۇنىنى ئويناپلا كەپتىمەن، تولۇقسىزدىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە ساۋاقداشلارنى، بۇرادەرلەرنى توپلاپ كېلىپ ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ قاتتىق تۇتۇشۇپتىكەنمەن، گەرچە ھازىر بۇرۇنقىدەك ئەسەبىي ئاشىق بولمىساممۇ. ئالىي مەكتەپكە كېلىپ بەزىدە كومپىيۇتېر ئالدىدا ھېچ قىلغۇم كەلمەي ھەمدە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدىن قوپالماي كەتكەن بىر قىسىم چاغلىرىمدا مەزكۇر ئويۇننىڭ cs 1.6 نەشىرىنى ئازراق ئويناپ كاللامنى ئارام ئالدۇرۇپتىمەن. بۈگۈن قارىسام مەزكۇر ئويۇننىڭ يېڭى بۆلۈمى «تېررورلۇققا قارشى تۇرغۇچى ئەزىمەتلەر: دۇنيا مىقياسىلىق تۇتۇشۇش»(反恐精英: 全球攻势)نىڭ ئېلانى يوللىنىپتۇ، قارىغاندا مەزكۇر ئويۇننىڭ يېڭى بۆلۈمى چىقىدىغان ئوخشايدۇ، ئېلانىنى كۆرۈپ باققاچ بۇرۇن مەزكۇر ئويۇننى ئوينايدىغانلار ئازراق ئەسلىمە بەرمەمسىلەر؟ سىلەر ئوينىغانمۇ، قانداق ئوينىغان؟…

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- ھەجۋىي رەسىملەردىكى جاھاننامە(تور كۆرگۈچ)لەرنىڭ پەرقى (2)
- [WordPress تېخنىكىسى]يازما يوللاش تەھرىرلىگۈچىگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش(كۆچۈرۈلمە)
- WP Cleaner قىستۇرمىسى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش
- [Blogbus ئۇسلۇبى] Muellim biz ئۇسلۇبى تارقىتىلىدۇ
- WordPressدە رەڭدار خەتكۈچ ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىشنىڭ ئىككى تەدبىرى (10)
- «ئۇيغۇربەگ» دىكى يېقىنقى يېڭىلىقلار… (1)
- ئۇسلۇب قاتىللىق دېلوسى پاش قىلىندى : باش گۇماندار Prestan Uzhal ئاشكارا تارقىتىلدى! (22)