WP Cleaner قىستۇرمىسى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش

magic-links

WordPressنىڭ يازما تەھرىرلىگۈچىدە يازمىلارنى ئاپتوماتىك زاپاسلاپ تۇرىدىغان بىر خىل ئىقتىدار بار بولۇپ،يازمىنى ھەربىر ئۆزگەرتكەندە،سېستىما يازمىنى ئۆزگەرتىلگەن ۋاقتى بۇيىچە زاپاسلاپ تۇرىدۇ.گەرچە،بۇ بىر ياخشى ئىقتىداردەك تۇيۇلغان بىلەن،ئەمما،يازمىلارنىڭ ئۆزگەرتىلگەن قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ،ھاسىل قىلغان زاپاس يازمىلارنىڭ سانى بارغانسىرى ئېشىپ بوشلۇق ۋە سانداننى ئارتۇقچە خورىتىدۇ.بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ قىستۇرما-دەل مۇشۇنداق ئارتۇقچە زاپاس يازمىلارنى تازىلايدىغان ئېسىل بىر قورالدۇر.



قىستۇرما ھەققىدە

WP Cleaner سېستىمىدىكى كوپىيە،زاپاس يازمىلارنى تازىلاشقا ئىشلىتىدىغان كىچىك قىستۇرما بولۇپ،بوشلۇق ۋە ساندان تىجەشدىكى ياخشى قورال ھىسابلىنىدۇ.مەزكۇر قىستۇرما ئېلان قىلىنىپ بولغان يازمىلارغا نىسبەتەن ھىچقانداق تەسىرى يوق بولۇپ،خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ(بۇ سۆزلەر تېلىۋېزىيە ئېلانىدىن ئېلىندى).

قىستۇرمىنى قاچىلاش ۋە قوزغىتىش

1.ئارقا سۇپىدىن ئىزدەپ تېپىپ ياكى بۇيەردىن چۈشۈرۈپ سېستىمىغا ئورنىتىڭ.

2.قىستۇرمىلار مەركىزىدىن،مەزكۇر قىستۇرمىنى تېپىپ قوزغىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

3.ناۋادا كېرىكى بولمىسا،قىستۇرمىنى توختىتىپ ياكى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

قىستۇرما ئىشلىتىش ھەققىدە ئېزاھات

قىستۇرمىنى قوزغىتىپ بولغاندىن كېيىن،ئارقا سۇپىنىڭ «تەڭشەكلەر»قاتارىدا WP Cleaner دەپ بىر تاللاش قوشۇلىدۇ.بۇ يەرنى چىكىپ،قىستۇرمىنىڭ مەشخۇلات كۆرۈنىشىگە كىرىمىز.

نورمال ئەھۋال ئاستىدا تازىلايدىغىنىمىز ئاپتوماتىك ساقلىنىپ قالغان زاپاس يازمىلار بولغاچقا كۆرۈنۈشدىن رەسىمدىكى قىزىل بەلگە ئۇرۇلغان جايلارنى تاللاپ قويساقلا بولىدۇ.بۇ ئىككى جاي-بەت ۋە يازمىلارنىڭ زاپاس ھۆججىتىنى تازىلاشنى كۆرسىتىدۇ.

wp-clenaer01

ناۋادا،كوپىيە ھالەتتىكى بەت ۋە يازمىلارنىمۇ تازىلىماقچى بولساق،تۆۋەندىكى رەسىمدىكى بەلگە ئۇرۇلغان جايلارنى تاللاپ قويساقلا بولىدۇ.

wp-clenaer02


باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif