سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «plugins» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

Google-XML-Sitemaps

ئۇيغۇرچە بلوگ ۋە بېكەتلەردە SEO ئوينايدىغانلار ئازراق بولسا كېرەك، شۇنداقتىمۇ يوق بولمىسا كېرەك، خۇددى ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدە SEOغا ئائىت ھېچنېمە يوق بولغىنىدەك، خۇددى يولداش پرېستان ئەينى چاغدا بلوگىمىز فىلىم قانىلىنىڭ SEO قىسمىنى ئالامەت ئاقسا ئىشلىگەندەكچۇ. SEOنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى بلوگ ياكى تور بېكىتىمىز ئۇچۇرىنى ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ ئۆمۈچۈكلىرى تەرىپىدىن كۆپرەك «تورغا ئىلىۋېلىش» بولغاچقا، بلوگىمىز ۋە تور بېكىتىمىزنى ئىزدەش ماتورلىرىدىكى ئىزدەش نەتىجىسىگە پايدىسى خېلى كۆپ، بۈگۈنكى يازمىمىزدا مۇشۇنداقراق ئىشلارغا ئەسقاتىدىغان مۇھىم قىستۇرما Google XML Sitemapsنى تونۇشتۇرۇپ قۇياي…

تۇلۇق ئوقۇش »

camera-lens-520x245

ئېسىمدە قېلىشىچە، ئالما مەھسۇلاتلىرى ئۇچۇرلىرى، ھەر خىل ئەپ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئانچە-مۇنچە ئايفون ۋە فوتوگراپچىلىق تېخنىكىسى بىلەن ھەپىلىشىدىغان پاسىبان ئاغامنىڭ بلوگىنى ئايفوندا زىيارەت قىلسا شۇنداق پەچچەت چىقاتتى، ئىچىم قىزىغانتى دېسە. ئەمدى بىلسەم، بۇنىمۇ قىستۇرما ئارقىلىق جايلايدىكەنمىز. خوش، بىر قانچە سائەت ئىزدىنىشىم ئاستىدا ئەقلىيفونلاردا بلوگنى رەتلەپ چىقىرىپ بېرىدىغان قىستۇرما WPtouchنىڭ كۆرۈنمە يۆزىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم، ماڭا ئىشىنىڭكى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى!…

تۇلۇق ئوقۇش »

54-1

بىلگىنىمىزدەك، WordPressنىڭ 3.0 نەشىرىدىن كېيىن، مەزكۇر سېستىمىغا «بەلگىلىگەن تىزىملىك ئىقتىدارى» قوشۇلغان بولۇپ، WordPressنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرىدە قىسقارتىپ «تىزىملىك»( ئارقا سۇپىنىڭ كۆرۈنۈش قاتارىدا بۇ سۆزنى ئۇچرىتالايسىز)دەپ ئېلىنغان. مەزكۇر ئىقتىداردا بىز ئۆزىمىز خالىغان ئادرىسلاردىن بىر تىزىملىك ياساپ، بلوگنىڭ ئەنئەنىۋى باشلامچى تىزىملىكنىڭ ئورنىغا دەسسىتەلەيمىز. ۋەھالەنكى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا بىر قىسىم ئۇسلۇبلاردا بۇ ئىقتىدارنى قوللىمايدىغانلىقى مەلۇم. بۈگۈنكى يازمىمىزدا بىز «WordPress ئۇسلۇبىغا ئۆزى بەلگىلىگەن تىزىملىك ئىقتىدارىنى قوشۇش»نىڭ تەدبىرى ئۆگۈنۈپ ئۆتىمىز!…

تۇلۇق ئوقۇش »

slideshow-pro

ھۆرمەتلىك ئەزىزلەر، تۇرايىمىز بىر ئايلىق ئاپەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ھازىر قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە جىددىي ئاتلاندى ھەمدە بارلىق كۈچلەر سەپەرۋەرلىككە سېلىنىپ، يازما يوللاش تىزلىكى شىددەت بىلەن ئاشتى، بۈگۈن، ھەرقايسى ئەزىزلەرگە ناھايىتى كاتتا ئۈنۈملۈك بولغان بىر قىستۇرما، يەنى، يازمىسىدا كۆپرەك رەسىم ئىشلىتىپ سالىدىغان بلوگگېرلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى رەسىم كۆرۈش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىدىغان قىستۇرما «slimbox»بىلەن جىددىي تونۇشۇپ ئۆتكۈسىمىز، دىققىتىڭىزلار يازما داۋامىدا بولسۇن!…

تۇلۇق ئوقۇش »

image

تەتىل مەزگىلىدە ئەڭ چۇڭقۇر ھىس قىلغان ئىشلىرىمنىڭ بىرى، دىيارىمىزدا شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ ھېلىھەم IE6 ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقى بولدى. بىزدەك زىيارەتچىلەر ئۈچۈن تىرىشىدىغان بلوگگېرلار ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭلا ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ ئاددىيسى بلوگ ئۇسلۇبىنى بولسىمۇ IE6دە نورمال كۆرسۈتۈش ناھايىتى مۇھىم ئىش ئىدى. ئەپسۇسكى، بىز خالايدىغان نۇرغۇن ئۇسلۇبلار ئاللىقاچان IE6نى چۆرۈۋەتكەن ۋە ياكى IE6دا نورمال كۆرسۈتۈشكە بىز ۋاقتىنچە قادىر بولالمايمىز. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ كەمىنە بۇ ھەقتە ئىزدىنىش داۋامىدا مۇنداق بىر لايىھە ئويلاپ چىققان: يەنى IE6دا بىرخىل، باشقا جاھاننامىلەردە يەنە بىر خىل ئۇسلۇب ئىشلەتسەك بولغۇدەك. ئەپسۇسكى، بۇنى قانداق ھەل قىلىشنى بولسا ئويلاپ تاپالمىغانىدىم، مانا، بۇنىڭ چارىسىمۇ ئاخىرى چىقتى!…

تۇلۇق ئوقۇش »

qisturmisizwprelatedposts_conew1

ئالدىنقى قېتىم، چىراي ئىپادىسى ئۈنۈمىنى قىستۇرمىسىز ھالدا ھاسىل قىلغاندىن كىيىن،يەنە بىر تېخنىكا-يەنى،مۇناسىۋەتلىك يازما ئۈنۈمىنى قىستۇرمىسىز ھاسىل قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىپ بۇنىڭمۇ جاۋابىنى تېپىپ چىقتىم.

تۇلۇق ئوقۇش »

magic-links

WordPressنىڭ يازما تەھرىرلىگۈچىدە يازمىلارنى ئاپتوماتىك زاپاسلاپ تۇرىدىغان بىر خىل ئىقتىدار بار بولۇپ،يازمىنى ھەربىر ئۆزگەرتكەندە،سېستىما يازمىنى ئۆزگەرتىلگەن ۋاقتى بۇيىچە زاپاسلاپ تۇرىدۇ.گەرچە،بۇ بىر ياخشى ئىقتىداردەك تۇيۇلغان بىلەن،ئەمما،يازمىلارنىڭ ئۆزگەرتىلگەن قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ،ھاسىل قىلغان زاپاس يازمىلارنىڭ سانى بارغانسىرى ئېشىپ بوشلۇق ۋە سانداننى ئارتۇقچە خورىتىدۇ.بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ قىستۇرما-دەل مۇشۇنداق ئارتۇقچە زاپاس يازمىلارنى تازىلايدىغان ئېسىل بىر قورالدۇر.

تۇلۇق ئوقۇش »

wp-php-widget_conew1

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك،Wordpressنىڭ ۋىجېت(widget)رايونى گەرچە HTML قوللىسىمۇ،ئەمما PHP قوللىمايدىغان بولۇپ،يان بۆلەككە مەلۇم ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كەتكەن PHP كودىنى ئامال يوق،يان بۆلەك ھۆججىتى بولمىش sidebar.php ئارقىلىق تەھرىرلەشكە توغرا كېلىدۇ.بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان قىستۇرما دەلWordpressنىڭ ۋىجېت(widget)رايونىنى PHP تونۇتۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

تۇلۇق ئوقۇش »

wp-related-posts_conew1

تۇرايىمىزدا ئىشلىتىپ يۈرگەن كارامەتلىك قىستۇرمىلاردىن يەنە بىرى بار،بۇ قىستۇرمىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى،مەلۇم بىر يازمىدا ياكى ۋېجىتتا،نۆۋەتتە ئوقۇلۇۋاتقان يازمىغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار(يەنى،ئوخشاش خەتكۈچلۈك،ئوخشاش سەھىپىلىك)نى چىقىرىپ بىرىدىغان بولۇپ،بۇ قىستۇرمىنىڭ نامى WordPress Related Posts!بۈگۈنكى يازمىمىز دەل مۇشۇ قىستۇرمىغا بېغىشلانغان.

تۇلۇق ئوقۇش »

postview_conew1

بەلكىم،Wordpress بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەن تورداشلىرىمىز بايقىغان بۇلىشى مۇمكىن،بەزى ئۇسلۇبلاردا يازمىنىڭ ئوقۇلۇش سانىنى كۆرسۈتۈدىغان ئىقتىدار يوق.بۇنداق ئىقتىدارنى قۇشىمىز دەيدىكەنمىز،بەزىبىر قىستۇرمىلارنى قوزغىتىپ شۇ ئارقىلىق ھەل قىلىشىمىز زۆرۈر.جۈملىدىن،ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى يازما زىيارەت قېتىم سانى ئەمەلىيەتتە دەل مۇشۇنداق بىرخىل قىستۇرمىلاردىن پايدىلىنىپ ھاسىل قىلىنغان.رىۋايەتلەردىكى بۇ قىستۇرمىنىڭ نامى دەل WP-PostViews دۇر.

تۇلۇق ئوقۇش »

  • سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
  • | باھا يوق
  • | زىيارەت: 447 قېتىم ئوقۇلدى
  • | ئاپتور: ئۇيغۇربەگ
  • | 2012.02.9

let-sinow-plugin_conew1

قىش كىرىپ بولغىلىمۇ نەزامان،بىزدەك قىش بولمىغان شەھەردە ياشاۋاتقانلار قار دىدارىنى كۆرۈپ باقمىغان بولساقمۇ،تەدبىركاردەك سىبىرىيەنىڭ ھاۋا كېلىماتىغا كۆپ ئۇچراپ كەتكەن شەھەردە ياشاۋاتقانلار قار كېچىپلا يۈرەمىش.يېقىندا،ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىمۇ مۇشۇنداق بىر شىۋىرغانلىق كۈنلەرنى باشدىن كەچۈردىكى،مانا،تۆنۈگۈن سەھەردىن باشلاپ،بلوگدا قار يېغىشقا باشلىدى.بۇ ھادىسىگە قىزىقسىڭىز بۇ يەرگە مەرھەمەت قىلىڭ!

تۇلۇق ئوقۇش »

image

يېقىندا بلوگىمدا ئىشلىتىپ يۈرگەن قىستۇرمىلارنى كۈزەتكەچ،ئۆزۈمنىڭ قىستۇرمىلار دىڭىزىغا چۆكۈپ كەتكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم.ئەلۋەتتە،بۇ قىستۇرمىلار بلوگنىڭ ھەرخىل ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى،تۇيۇقسىز بەزى ئىقتىدارلارنىڭ قىستۇرمىسىزمۇ ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئىزدىنىپ كۈرۈۋىدىم،بىر قىسىم تەجرىبىلەرگە ئېرىشتىم.بۇ تەجرىبىلەردىن بىرى قىستۇرمىدىن خالىي چىراي ئىپادىسى ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش ئىدى.

تۇلۇق ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量