يېقىندا كۆرۈپ تۈگەتكەن، ماڭا ناھايىتى ياققان ئېسىل كارتون فىلىم–باتۇرلۇق قىسسىسى

brave-movie-disney-cartoon-pixar-warrior-princess-merida-wallpaper-1920x1200_副本

كىچىكىمدىنلا قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدىم، ئۇيغۇرچە ساۋادىم چىققاندىن كېيىن «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»دىن باشلاپ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى چۆچەك كىتابلارنى ئوقۇپ قىدىرىۋەتكەن. چۆچەكلىرىمىزدىكى باتۇر مەلىكىلەرنىڭ، باتۇر شاھزادىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا، خەتەرلىك سەزگۈرەشتىلىرىگە ناھايىتى ھەۋەس قىلغان شۇنداقلا كەلگۈسىدە مەنمۇ شۇ باتۇر شاھزادە، قەيسەر مەلىكەلەردەك قاتمۇ-قات توساقلارنى بۈسۈپ ئۆتۈپ ئۆزۈمنىڭ بەختىنى تاپىمەن دەپ خام خىياللارنى قىلغان. چوڭ بولۇپ يا شاھزادە بولالمىدىم، يا تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق قىلالمىدىم، پەقەت مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ ۋەزخانلىق قىلىشقا ياراپتىمەن. خوش، سۆزىمىزگە كەلسەك تۆنۈگۈن ۋەتەن ئاغامنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئامېرىكىستان ئىشلىگەن «باتۇرلۇق قىسسىسى»(ئىنگىلىزچە ئىسمى:brave، خەنسوچە: 勇敢传说) ناملىق كارتون فىلىمنى كۆرۈپ چىقتىم ھەمدە شۇنداق ياقتۇردۇم، ھە قاچان تۇراداشلار يولداش ئۇيغۇربەگ قاچان بىر ئېسىل كىنو تەۋسىيە قىلار دەپ چىشىڭلارنى بىلەپ ئولتۇردۇڭلار ھە، ئەمىسە كېلىپ ماۋۇ كىنونى بىر كۆرۈپ چىقىڭلار، يارىماي قالسا قۇلىقىمنى كىسىپ بېرىمەن!…


فىلىم ھەققىدە

مەزكۇر فىلىم پىكسارنىڭ يەنە بىر ئەسىرى بولۇپ، ۋەقەلىك 10-ئەسىردىكى شوتلاندىيە ئىگىزلىكىدىكى ئەركە مەلىكە مېرىدا(Merida)نى چۆرىدەپ بايان قىلىنىدۇ. مەزكۇر ئەركە مەلىكە شوتلاندىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئاتامانىنىڭ قىزى بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئوقياغا ناھايىتى ھەۋەس قىلىدىكەن ئۆزىمۇ ناھايىتى ئۇستا مەرگەن بولۇپ يىتىشىدىكەن. كېيىن مەلىكە بۇيىغا يەتكەندىن كېيىن، خانىش ئېلىنور شوتلاندىيەلىكلەرنىڭ ئەنئەنىسى بۇيىچە قىزىنى ئىتتىپاقداش ئۈچ قەبىلە شاھزادىلىرىنىڭ بىرىگە ياتلىق قىلماقچى بولىدىكەن، ئەمما ئىسيانكار مەلىكە مېرىدا بۇ توي ئىشىغا رازى بولماي، شوتلاندىيەلىكلەرنىڭ ئەنئەنىسىگە قارشى ھەرىكەت قىلىپ، ئىتتىپاقداش قەبىلىلەرنىڭ جىدەل-ماجراغا تاشلاپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى ئىزدەپ ئوردىدىن قېچىپ كېتىدىكەن. ئاندىن، ئەركە مەلىكە مېرىدا ئازغۇن ئوتنىڭ يول باشلىشى بىلەن شۇ يەردىكى داڭلىق پىرىخون ئايالغا ئۇچراپ قالىدىكەن، تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلغان مېرىدو پىرىخوندىن خانىس ئانىسىنى ئۆزگەرتىپ قويىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەقدىرىنىڭمۇ ئۆزگىرىپ قېلىشىنى ئېيتىدىكەن، پىرىخون ماقۇل بولۇپ مەلىكىگە ئەپسۇنغا تولغان بىر پىچىنە ياساپ بېرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر كارتوننىڭ ۋەقەلىكى كۇلمىناتسىيىسى باشلىنىپ مەلىكە مېرىدا، شاھ، خانىش شۇنداقلا قەبىلە شاھزادىلىرى ئۇزۇن بىر خەتەرلىك سەزگۈرەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرىدىكەن(فىلىمنى كۆرمىگەنلەر ئۈچۈن ۋەقەلىكنىڭ داۋامىنى ئېيتمىدىم ئەمىسە، ئۆزۈڭلار كۆرۈۋېلىڭلار!…)

ئۇيغۇربەگنىڭ ھىسلىرى

مەزكۇر فىلىمنى كۆرۈۋېتىپ ئۆزۈمنى خۇددىي ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى ئوقۇغاندەك بولۇپ قالدىم، ۋەقەلىكلەرنىڭ بايان قىلىنىشى شۇنداقلا ۋەقەلىكلەرنىڭ ئۆزى خۇددىي ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە بايان قىلىنىدىغان بىر قىسىم ھېكايىلەرنىڭ ئۆزى ئىدى. فىلىمنىڭ ئۆزى ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن شۇنداقلا دېسنىينىڭ ئۇسلۇبلىرى ساقلىنىپ قېلىنغان. مەزكۇر كارتون چوڭ-كىچىك، ياش-قېرىلارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدۇ.

مەزكۇر كارتوننىڭ ئېلان فىلىمى

تور يۈزىدە كۆرۈش ئادرېسى | فىلىمنىڭ تامغىسىز سۈزۈك نۇسخىسى+ خەت ھۆججىتى ئادرېسى

بۇ يەردىن كۆرۈڭ

ئۇيغۇربەگنىڭ باشقا كارتون تەسىرات ماقالىلىرى

1.

«سۇمبۇل چاچ مەلىكە»نى كۆرگەنمۇ؟ قۇلىقىدىن تۇتۇپ سۆيگەنمۇ؟….



无觅相关文章插件,快速提升流量


9 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئېنىم، جاپا چەكتىڭىز، ھارمىغايسىز….
    مۇشۇ فېلىمنى يۇۋكۇ ياكى 56 دا بىۋاستە كۆرگىلى بولارمۇ؟

  • Nurnijat | 2012.11.10 جاۋاب

    بولدىلا،سىزنىڭ قۇلىقىڭىزدىن مۇنۇ كارتون ياخشىدەك قىلىدۇ! :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.11.21

      قۇلىقىمدىن ئايرىلدىم دەپ ئويلاپ يۈرگەنتىم، ھاھاھاھا

  • مەپتۇن | 2012.11.11 جاۋاب

    بېشىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى ئوقۇۋېتىپ «شاھزادە» دەپ تەخەللۇس قويۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىڭىز يادىمغا كەلدى. خاتالاشمىسام ئەينى ۋاقىتتا http://www.xahzada.net نى سىز قۇرغانغۇ دەيمەن؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.11.21

      شۇنداق، مەن ئۆزى شۇ.
      مېنى تونۇپ قاپسىزغۇ؟ سىز قايسى تورداش بولىسىزكىن؟

  • huxhuy | 2012.11.12 جاۋاب

    تولۇق كۆرۈش ئادرېسىنى تاپقىلى بولمىدى-دە!ھەي… :arrow:

  • بولىدىغان كىنوكەن…ئەتىگەندە ناشتىلىققا كۆرۈۋەتتىم

  • ئىزدەن | 2012.12.17 جاۋاب

    بولىدىغان كارتوندەك قىلىدۇ، پۇرسەت تاپقاندا كۆرۈپ قوياي. ساقلىۋالدىم، رەھمەت.

  • ئەجىر | 2013.02.3 جاۋاب

    بۇ كارتوننى ئون كىنو تورىدىكىلەر ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ چىقىرىپتۇ. يامان ئەمەس تەرجىمە قىلىپتۇ. ماڭا بەك يارىدى. بەك ياخشى كارتون بۇ!

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif