- سەھىپە:بىز كۆرگەن فىلىملەر
- | باھا:36
- | زىيارەت: 4,709 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، ئۇيغۇر, ئۇيغۇربەگ, فىلىم
كەمىنە ئۇيغۇربەگنىڭ كىنونى تاللاپ كۆرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئېسىل كىنولارنى كۆرۈپ بلوگداشلار بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى سىزدىن باشقا ھەممەيلەن بىلىدۇ. شۇنداق، مەن كىنو كۆرمەيدىغىنى، كۆرۈپ قالسام تاللاپ تۇرۇپ ئەڭ ئېسىلىنى، ئەڭ پەچەتلىرىنى كۆرىدىغىنى. بۈگۈنمۇ بىر كىنو كۆردۈم، سىزچۇ؟ ھېلىقى مەشھۇر ۋە قىزىقارلىق كارتون فىلىم «سۇمبۇل چاچ مەلىكە»نى كۆرگەنمۇ؟ قۇلىقىدىن تۇتۇپ سۆيگەنمۇ؟….
فىلىمنىڭ تەشۋىقات فىلىمى (خەنسوچە خەت كىرىشتۈرۈلگەن)
فىلىمنىڭ تەشۋىقات رەسىمى
فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، توخۇنىڭ تۇرۇنىسىدا دەپ باشلىنىدۇ بۇ فىلىم. بىر خاسىيەتلىك گىياھ بار ئىكەن،بۇ گىياھ ھەرقانداق كېسەلگە شىپا بولىدىكەن، قېرىلارنى ياشارتىدىكەن، ئاغرىقلارنى شاشارتىدىكەن، بىر پىرىخون بۇ گىياھنى سوقۇپ ياشلىق باھارىنى نەچچە ئەسىر ساقلاپ كەپتۇ. كېيىن، بىر پادىشاھلىق بار ئىكەن، پادىشاھ قېرىپ مانچە ياش بولغۇچە پەرزەنت يۈزى كۆرەلمەپتۇ، كېيىن خانىش ئاراندا بىر ئېغىر ئاياغ بولغاندا تۇغۇتى ئېغىر كەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يارلىق چۈشۈرۈپ رىۋايەتلەردىكى خىسلەتلىك گىياھنى ئىزدىگۈزۈپتۇ، كېيىن پادىشاھنىڭ لەشكەرلىرى خىسلەتلىك گىياھنى تېپىۋاپتۇ ھەمدە ئۇ ئارقىلىق خانىشنى ھەمدە مەلىكىنى قۇتقۇزۇۋاپتۇ. ئەپسۇسكى، گىياھنىڭ سھىرلىك كۈچى مەلىكىنىڭ چېچىدا نامايەن بوپتۇ، بۇنى بىلگەن ھېلىقى پىرىخون بىر كۈنى خۇپىيانە كېلىپ مەلىكىنى ئوغۇرلاپ قېچىپ كىتىپتۇ ھەمدە شەھەر سىرتىدىكى بىر خۇپىيانە ئورمانلىقتا ئىگىز مۇناردىن بىرنى ياساپ مەلىكىنى بۇ يەرگە يۇشۇرۇپ قويۇپتۇ…
ئارىدىن 18 يىل ئۆتۈپتۇ، پىرىخون مەلىكىنى ئالداپ، قورقۇتۇپ ئۇنى سىرىتقا ھېچ چىقارتقۇزماپتۇ. مەلىكە بولسا 18 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە شەھەر سىرتىغا چىقىشنى شۇنداق ئارزۇ قىپتۇ، پىرىخون رەت قىپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھنىڭ تاجىنى ئوغۇرلىغان بىر قاراقچى لەشكەرلەرنىڭ قوغلىشىدىن قېچىپ مەلىكە تۇرۇشلۇق بۇ مۇنارغا كەپ قاپتۇ. مەلىكە بىلەن قاراقچى تونۇشۇپتۇ، پادىشاھنىڭ خاس ئېتى قاراقچىنى قوغلاپتۇ، پىرىخون بىر ئامال قىلىپ مەلىكىنى بۇ دۇنيادىن ئۈمىدسىزلەندۈرمەكچى بوپتۇ، قاراقچى يىگىتنىڭ شىرىكلىرى ئۇنى تۇتۇپ تاجنى ئېلىۋالماقچى بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن قاراقچى، مەلىكە، پىرىخون، پادىشاھنىڭ لەشكەرلىرى، پادىشاھنىڭ خاس ئېتى، پاكىنەك ئادەملەر، قاراقچىنىڭ شىرىكلىرى ئوتتۇرۇسىدا شۇنداق قىزىقارلىق ۋە كەسكىن ۋەقەلىكلەر بوپتۇ. ئەلۋەتتە، بۇ فىلىم چۆچەك ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولغاچقىمۇ، ئاخىرى ناھايىتى ياخشى ئاخىرلىشىدۇ، يەنى…
ئۇيغۇربەگنىڭ فىلىمگە بولغان باھاسى
دىسنىي شىركىتىنىڭ ئەسىرى بولغان مەزكۇر فىلىم دىسنىينىڭ كىلاسسىك ئەنئەنىسى(كارتوننىڭ ئىشلىنىشى، ۋەقەلىكلەرنىڭ قىزىقارلىقلىقى دېگەندەك) بۇيىچە ئىشلەنگەن يەنە بىر قالتىس كارتون فىلىم. كارتون ھەۋەسكارلىرىنىڭ بۇ فىلىمنى بىر كۆرۈپ چىقىشىنى، بولسا بالىلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ بىرگە كۆرۈشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن!
ئۇيغۇرچە نامى: سۇمبۇل چاچ مەلىكە
خەنچە نامى: 长发公主
ئىنگىلىزچە نامى: Tangled
فىلىمدىن كۆرۈنۈشلەر
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [WordPress ئۇچۇرى] WordPress 3.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى
- Prestan Simple 3 نەشىرىنى جىددي ياساۋاتىمەن، تەكلىپ پىكىر بارمۇ؟ (27)
- «ئۇيغۇربەگ» دىكى يېقىنقى يېڭىلىقلار… (1)
- Flash ئەسەرلىرىم ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى
- [بلوگگېرلار چايخانىسى] يېڭى بلوگگېرلارغا تۆت دەرس
- مەن چۈشەنمىگەن كارتون 2011-يىلى قايسى بىر مۇكاپاتنىڭ ئەڭ نوچىسىغا ئېرىشىپتۇ! باھانە كۆرسىتىڭ!… (14)
- [WordPress دەرسلىكى] سېستىما نەشىرى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەشخۇلاتى(سىنلىق)