«ئۇيغۇربەگ» دىكى يېقىنقى يېڭىلىقلار…


يېقىندىن بىرى،سۈيۈملۈك تۇرايىمىز «ئۇيغۇربەگ» دە ئاز بولمىغان ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئۇسلۇب قايتىدىن تۈزۈتۈلۈپ، ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەسلىدىكى ئەڭ چوڭ بىرمەسىلە، يەنى ئۇسلۇبنىڭ IE6 نورمال كۆرۈنمەسلىك ھادىسىسىگە خاتىمە بەردۇق؛ كىرىم مەنبەيىمىز بولمىش google ئېلانى قويدۇق؛ يازمىلارنى چوڭ كەڭ كۆلەمدە رەتلەپ سەھىپىلەرنى قايتىدىن تىزىپ چىقتۇق ۋە داۋاملىق رەتلەۋاتىمىز؛تېخى تۆنۈگۈن www.uyghurbeg.com تور نامىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك ئۇلىۋالدۇق، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بەت تۇغى بولمىشlogoنى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ئالماشتۇردۇق…

يېڭى تۇغ ھەققىدە

يۇقارقى سۆرەت-تۇرايىمىزنىڭ باش تۇغى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، تۇرا شۇئارىغا ‹‹يولىمىز بىر، مەنزىلىمىز بىر…››دېگەن جۈملە ئىشلىتىلىپ، ئۇيغۇربەگ & پرېستان ھەمكارلىقىدىكى مەزكۇر بلوگنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى تىرىشىش ھەمدە ئىزدىنىشىغا بولغان چۇڭقۇر ئۈمىد ۋە يۈكسەك غايىسى يۈكلەنگەن. ئىككى ئادەمنىڭ قول تۇتۇشۇپ تۇرغان كۆرۈنۈشى-خۇددىي ئۇيغۇربەگ & پرېستاننىڭ قول تۇتۇشۇپ تۇرغان ھالىتى بولۇپ، ئىتتىپاقلىق-ئۇيۇشۇشقا سىموۋۇل قىلىنغان.

يۇقارقىسى-تۇرايىمىزنىڭ يېڭى بلوگ تۇغى(logo) بولۇپ، رەسىمگە بىر قاراپلا نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئاسان، يەنى ئىككى ئادەمنىڭ قول تۇتۇشقان بەلگىسى، ئاندىن ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ئۆلچەملىك يىزىلىشى بولغان «ئۇيغۇربەگ» سۆزى بىلەن لاتىن يىزىقىدىكى «Uyghurbeg» سۆزىنىڭ قەرەللىك ئالمىشىشىدىن ئىبارەت ھەرىكەتتىن تۈزۈلگەن. تۇغ تەگلىكىگە تۇرايىمىز ئۇسلۇبىنىڭ ۋەكىللىك رەڭلىرى قوللىنىلغان.

ئاخىرىدا، تۇرايىمىز بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرغان ھەرقايسى دوستلارنىڭ بېكىتىمىزنىڭ يېڭى تۇغىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز ھەمدە بۇ جەرياندا كەلتۈرگەن ئاۋارىچىقلاردىن ئەپۇ سورايمىز. تۇرايىمىز-داۋاملىق سىزلەر بىلەن بىرگە!



无觅相关文章插件,快速提升流量


1 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif