[يۈك قورالى] يۈك چۈشۈرۈش ساھەسىدىكى داڭدار يۇمتال Internet Download Manager

Internet-Download-ManagerInternet Download Manager(IDM)دىۋىدىم،بەزى ئاتامانلارنىڭ قۇلىقى دىڭ بولدى،بەزىلىرى ھەتتا مېنى مەسخىرە قىلىشقاندەك قاراشتى،<<ھەممە ئادەم بىلىدۇ ئاۋا،زاماننىڭ كەينىدە قالغان بالىكەن ماۋا!>>دىيىشتى،بەرھەق،ئۇلارنىڭ دىگىنى ناھايىتى دۇرۇس!يۈك چۈشۈرۈش يۇمتالى ساھەسىدىكى داڭدار IDM ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدىكلىرى بىلەن،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن يۈك چۈشۈرۈش يۇمتالى بولۇپ،سىزنىڭ يۈك چۈشۈرۈش سۈرئىتىڭىزنى بىراقلا كۆتەرگۈسى!

Internet Download Manager ھەققىدە

Internet Download Manager  بولسا نۆۋەتتە بىر قەدەر كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان يۈك چۈشۈرۈش يۇمتالى بولۇپ،نورمال ئەھۋال ئاستىدا سىزنىڭ يۈك چۈشۈرۈش سۈرئىتىڭىزنى بەش ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بولۇپ،ئەمەلىيەتتە،مەزكۇر يۇمتال in-speed تېخنىكىسى ئارقىلىق،يۈك چۈشۈرۈش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىدىگە يېتىدۇ.Internet Download Managerنىڭ چۈشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىقتىدارى تۈر ئۈزۈلگەن،تور مۇقىم بولمىغان ياكى كومپىيۇتېر تۇيۇقسىز ئۈچۈپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا يۈك چۈشۈرۈش توختاپ قالغاندىكى مەسىلىلەرنى ناھايىتى ئوڭلۇق ھەل قىلالايدۇ.

Internet Download Manager-نۆۋەتتىكى Microsoft Internet Explorer, Netscape, MSN Explorer, AOL, Opera, Mozilla, Mozilla Firefox, Mozilla Firebird, Avant Browser, MyIE2, Google Chrome قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق جاھاننامىلەرنى قوللايدىغان بولۇپ،ناۋادا يۇقىرى دەرىجىدىكى توپلاشتۇرۇش(高级集成)ئىقتىدارىنى قوزغاتساق،ھەرقانداق جاھاننامىلەردىن چۈشۈرۈش مەشخۇلاتىنى ئېلىپ بارالايدۇ.

Internet Download Manager-HTTP، FTP,،HTTPS ۋە MMS كېلىشىملىرىنى قوللايدۇ.ئەمما،ئۇ p2p قورالى ئەمەس،شۇڭلاشقا bt ۋە eMule ئېلان قىلغان مەزمۇنلارنى چۈشۈرەلمەيدۇ.مەزكۇر يۇمتالنىڭ يەنە يۈك چۈشۈرۈش لوگىگىسىنى ئەلالاشتۇرۇش،ۋېرۇس تەكشۈرۈش،شۇنداقلا بىرقىسىم تەڭشەش ئىقتىدارلىرى بار.

IDMfullsize_conew1

Internet Download Manager نۆۋەتتە Windows 98/2000/XP/2003/Vista قاتارلىق مەشخۇلات سېستىمىلىرىدا،ھەتتا يېڭى سېستىما Windows 7دە  نورمال ئىجرا بولىدۇ،شۇڭا…يەنىلا چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرگۈلۇق!

Internet Download Manager چۈشۈرۈش

Internet Download Manager ئورگان بېتى:http://www.internetdownloadmanager.com/

Internet Download Managerنەشىرى: 6.04 Build 1

ھۆججەت نامى:IDM چۈشۈرگۈچ ھۆججەت سىغىمى: 2.99 MB
MDB تەستىقى:نامەلۇم ۋىروسخورنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن!
يۈك مەنزىلى:بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ [چاقماق(迅雷)نى ئىشلىتىپ چۈشۈرۈڭ]

◎تۇرايىمىزدىكى يۇمتاللارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىلغان،سودا خاراكتىرىدە پايدىلىنىش مەنئىي قىلىنىدۇ. ◎نەشىر ھوقۇقۇمغا دەغلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز،شۇ ھامان ئىنكاس قىلىڭ،24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرىمىز.



无觅相关文章插件,快速提升流量

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif