ئىجادىي ئۇسلۇب «پرېستان سەلتەنەت(PrestanSeltenetBeta)» سىناق نۇسخىسى ئېلان قىلىدى

ئۇسلۇب تېخى تۇلۇق پۈتمىگەن بولسىمۇ دوستلارنىڭ تەلىپى بويىچە بۈگۈن سىناق نۇسخىسىنى يوللاپ تۇردۇم، ھازىرغىچە مەن سىناشقا ئىشلەتكەن توركۆرگىلەرنىڭ (Chorome, Firefox, IE8) ھەممىسىدە ئاساسەن نورمال. رەسمى نۇسخىسى ئېلان قىلىنغىچە دوستلار بەھۇزۇر چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. سىناق نۇسخىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان خاتالىقلارنى رەسىمگە تارتىۋېلىپ prestan@qq.com غا يوللاپ قويساڭلار، ئۇندىن باشقا پىكىر تەلەپ بولسا مەزكۇر يازمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويساڭلار بولىدۇ.

ئۇسلۇب ئىقتىدارى

ئۇسلۇبنىڭ ئىقتىدارى ھەققىدە مەزكۇر يازمىدا ئالاھىدە توختالمايمەن، ئالاھىدىراق يەرلىرىدىن مۇكەممەل ئالدى-ئارقا سۇپىسىغا، باشبەت ۋە يازما بېتىدە ئوخشىمايدىغان يان بۆلەك قىسىمى، بەت يېڭىلىمايلا ئىنكاس يوللاش ۋە ئۆزگەرتىش ئىقتىدارلىرى ۋە باشبەتتە باشقۇرۇش بېتىگە ئۆتۈش كونۇپكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يازما مۇندەرىجىسى قوشۇلدى. قالغان كىچىك ئىقتىدارلىرىنى ئۆزەڭلار ئالدىرماي بايقىۋالساڭلار بولىدۇ.

رەسىملىك كۆرۈنىشى

ئۇسلۇبنى كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈش

كۆرۈش
چۈشۈرۈش



无觅相关文章插件,快速提升流量


11 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ۋاي يەڭگىمىزنى ئەكىلىمىز دەپ يوقاپ كەتتىمىكى دىسەم بىزدەك بىلوگگىرلارغا چاپان تىكىۋاتىپسىزدە ھە . كۆرۈپ باقىلى قىنى . ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن .سافا يۇمشاققەن جۇمۇ :arrow:

  • دىلبىر | 2013.01.27 جاۋاب

    ئۇزۇن بولغان بۇ ئۇسلۇبقا تەشنا بولغىلى،ئاخىرى ئېلان قىلىنىپتۇ ھە!مەن بىر ئىشلەتمەيدىغان بولسام،خەپ لېكىن!!!

  • دىلبىر | 2013.01.28 جاۋاب

    بەزىبىر تەڭشەيدىغان جايلارنى ماۋۇ تېمىغا قاراپ تەڭشۋالدىم.‹‹Prestan Simple 2 ئۇسلۇبىنى يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر بىر قىسىم تەڭشەشكە تېگىشلىك جايلار››…لىكىن خەت شەكىلى بەك سەت چىقىۋالدى،قانداق قىلسام بۇلىدۇ؟

  • ئەلكۈن | 2013.01.28 جاۋاب

    كەمىنە Prestan Simple ئۇسلۇبىغا كۆنۈپ قالدىم. ;-)

  • ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى ئوڭشلۇق قىلسۇن. يەنە يېڭلاپسىلەر…. ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن….. ;-)

  • يىڭى ئۇسلۇبقا مۇبارەك بولسۇن

  • دىيارىم | 2013.02.10 جاۋاب

    ھەزرەتلىرىگە شۇنى شىكايەت قىلىمەنكى: Prestan Simple ئۇسلۇبىنىڭ خەت نۇسقىسىنى (شەخسەن) ماڭا ئۆزگەرتىپ بەرگەن بولسىلا تولىمۇ ئوبدان بولغان بولاتتى. يەنى UKIJ Tuz tor خەت نۇسقىسىغا دېمەكچى. يەنە مۇمكىن بولسا ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق بولغان خەت نسقىسىغا تەڭشەپ بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن. http://www.live-topic.com تورىنىڭ خەت نۇسقىسىمۇ خېلى بولىدىغانىكەن. ئەمما ئەلكاتىپنىڭ باشقا خەت نۇسقىلىرىغا توغۇرلىغىلى بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى…

    • پرېستان | 2013.02.11

      style.css نىڭ ئىچىدىن ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.

  • بىلىم خۇمار | 2013.02.11 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن بۇ ئۇسلۇبىڭىزنى ئىنتايىن ياقتۇرغان ئىدىم. بىراق بۇ ئۇسلۇب IE6 ~ IE10 غىچە بولغان بولغان بارلىق IE جاھاننامىلەردە نورمال ئەمەس. بۇ مېنىڭ كومپىيۇتېرىمنىڭ ئىشىمىكىن دەپ ئويلاپ، باشقا كومپيۇتېردىمۇ كۆرۈپ باقتىم، يەنىلا ئوخشاش . شۇڭا بىر قاراپ باققان بولسىڭىز.

    • پرېستان | 2013.02.11

      ھەر قايسى توركۆرگىدىكى ھالىتىنى رەسىمگە تۈتۇپ يوللاپ بېرەمسىز؟ E-mail ئادرېسىم ئۈتىدە بار. IE6 تىدىكى ھالىتىنى ئەۋەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن سىز تەمىنلىگەن مۇشۇ ئۇسلۇبنى تور تۇرايىمدا ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم. ھازىرچە مۇنداق بىر قانچە مەسىلىگە يۇلۇقتۇم :
    1. چوققىلىغان يازمىلار ، كېيىنكى بەتلەردىمۇ تەكرار كۆرۈنۈپ قالدى مەسلەن، 2.- ئاينىڭ 2- كۈنى بىر يازما يوللاپ بۇ يازمىنى چوققىلىغان بولسام ، بۇ يازما 1- بەتنىڭ ئەڭ ئۈستىدە كۆرۈندى. ھەم بۇ يازما ئۆز ۋاقىت تەرتىپى بويىچە 2- بەتتىمۇ كۆرۈندى ( بىراق ئەڭ ئۈستىدە ئەمەس) .
    2. تىزىملىك قاتقان ۋاقىتتا، سەھىپىلەرنى تۇغ ئاستى تىزىملىك قىلىپ قاتسام بۇلارنىڭ ئالدىغان «New, Top» دېگەن رەسىملەر چىقىۋالدى.
    بۇلارنى ھەل قىلىش چارىسى بارمۇ ؟

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif