تۇرايىمىزنىڭ يان بۆلىكىدىكى ‹‹ئىتتىپاقداشلار›› ۋە ‹‹دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلار›› تۈرىنى، يەنى مۇشۇ ئۇلىنىش قىسمىدىكى قوش ئىستونلۇق ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىشنى ئويلاۋاتقانلار ئۈچۈن، مەزكۇر رېتسىپنى ئاتايىن تەييارلىدىم. لازىم بولغانلار جىددىي كۆرۈپ چىققايسىزلەر…
تۇغ(Logo)لۇق قوش ئىستونلۇق ئۇلىنىش ھاسىل قىلىش رېتسىپى
بىلگىنىمىزدەك، بىر قىسىم ئۇسلۇبلارنى ھىسابغا ئالمىغاندا، نۇرغۇن ئۇسلۇبلار قوش ئىستونلۇق ئۇلىنىشنى قوللىمايدىغان بولۇپ، ھەتتا تۇغلۇق ئۇلىنىش قىلغاندا، يېنىدا خەتلىك ئۇلىنىنىشىمۇ تەڭ پەيدا بولىدۇ. ئېسىمىزدە بولسا كېرەك، WordPressنىڭ ۋىجېتلار رايونى HTML قوللايدىغان بولۇپ، بىز دەل مۇشۇ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، HTML ئارقىلىق قوش ئىستونلۇق تۇغ(Logo)لۇق ئۇلىنىش ھاسىل قىلىمىز.بۇ ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقى- كودلار ئاددىي، مەشخۇلات ئوڭاي؛ كەمچىلىكى- ھەر قېتىم ئۇلىنىش قوشقاندا كودنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.
مەشخۇلات باسقۇچى: ئارقا سۇپا—›كۆرۈنۈش—›ۋىجېتلار—›تېكىسىت
يۇقارقى مەشخۇلات تەرتىپى بويىچە، ۋىجېتلار قاتارىغا يېڭىدىن بىر تېكىسىت بۆلىكى قۇرىمىز. ئاندىن، يازما ئاخىرىدا تەمىنلىگەن كودنى چاپلاپ قويساقلا بولىدۇ.(مەزكۇر كود تۇرايىمىزدىكى ئۇلىنىش كودىنىڭ ئۆزى بولۇپ،تورداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىۋېلىشىنى سورايمىز).
ئۈنۈمى:
خەتلىك قوش ئىستونلۇق ئۇلىنىش ھاسىل قىلىش رېتسىپى
بۇ خىل ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىشنى گەرچە HTML ئارقىلىق ھەل قىلىش ھەم مۇمكىن بولسىمۇ، ئۇلىنىش قوشۇش ئۈچۈن يەنە HTMLگە بېقىنىش توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بىز باشقىچە يولدا ئىزدىنىپ، قىستۇرمىلارغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق. ئويلىغىنىمىزدەك، بۇخىل قىستۇرمىنى ھەم تاپتۇق. قىستۇرمىنىڭ نامى WP-MulticolLinks بولۇپ، قىستۇرمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ قويدۇق، يازمىنىڭ ئاخىرىدا بۇ قىستۇرما تەمىنلىنىدۇ.
قىستۇرمىنى قاچىلاپ،قوزغىتىپ بولغاندىن كېيىن، ۋىجېتلار رايونىغا كىرىمىز. بۇ چاغدا بىز ئىشلىتىشكە بولىدىغان ۋىجېتلار قاتارىدا WP-MulticolLinks دېگەن بىر ۋىجېت تۈرىنىڭ قوشۇلغانلىقى بايقايمىز. ئاندىن، بۇ ۋىجېتنى يان بۆلەكدىكى ۋىجېتلار قاتارىغا سۆرەپ كېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەھرىرلەش ئېلىپ بارساق بولىدۇ.تاللاش كۆزنىكى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
كود ۋە قىستۇرمىنى چۈشۈرۈڭ
ھۆججەت نامى:multiple-link | ھۆججەت سىغىمى: 15.9 KB |
يۈك مەنبەسى: ئۆز بوشلۇقىمىز | ۋىروسخورنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن! |
يۈك مەنزىلى:بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ | [چاقماق(迅雷)نى ئىشلىتىپ چۈشۈرۈڭ] |
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- تۇرايىمىزنىڭ ئۇسلۇبىنى يېڭىلىغان، خاتالىق تېپىشىپ بەرسىڭىز چوڭ-چوڭ مۇكاپات… (50)
- ئۇيغۇر پاركورچى باللا ئىشلىگەن مىكرو كىنو – سۈرئەت (14)
- ئەمدى ھۆججەتلىرىڭىز يۇيۇلۇپ كەتسە غەم يىمەيسىز (9)
- [WordPress ئۇسلۇبى] cavano ئۇسلۇبى زاۋۇتتىن چىقتى (93)
- [بلوگباس ئۇسلۇب]تارقىتىلىدۇ (69)
- بلوگ نامىڭىز ھەمدە تور نامىڭىز ھەققىدە مۇڭداشمامدۇق؟ (5)
- [مەخپىي رېتسىپ] WordPressدە سۈكۈتتىكى Gravatar سۆرىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تەدبىرى (29)
- WordPress ئويناۋاتقانلارغا بىر قانچە تەۋسىيە بېكەت، چوقۇم سىز دائىم كىرىپ تۇرىدىغانلىرى بار… (8)
- بۇ قېتىم مەنمۇ قاراپ ئولتامىدىم، ئىجادىي بولمىسىمۇ ئۆزلەشتۈرمە ئۇسلۇب تارقىتىمەن، نامى: D4 (94)
- Windows بوشلۇقىدا ساختا تىنچ بەت(伪静态) ھاسىل قىلىشنىڭ تەدبىرى (15)
- [مەخپىي رېتسىپ] jQuery ئارقىلىق يۆتكىلىشچان ۋىجىت ياساشنىڭ تەدبىرى، ئۆگەنمىگەنلەر ئارماندا!… (22)
- WordPressدىكى خەتكۈچ ۋىجىتىدە خەتكۈچدىكى يازما سانىنى كۆرسىتىشنىڭ تەدبىرى (13)