- سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى
- | باھا:5
- | زىيارەت: 1,076 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، blogger, domain, ئۇيغۇر
شۇنداق قىلىپ، ‹‹مېنىڭ ئىسمىم رىيباك(بېلىقچى)بولۇپ قالدى!…››دېگەن كۈنلەردىن باشلاپ، تەتىلنىڭ ئەڭ جىددىي ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىمەن. شۇڭلاشقا، نەقىش ئەپەندى كىنايە قىلغاندەك ‹‹تۇغماس توخۇ›› بولۇپ قالساممۇ بولۇپ قالغاندىمەن(كۈلكە). ھە مەيلى، تېخنىكىلىق بىر نېمە يازالمىساممۇ، كۆڭۈلدىكى سۆزىمىزنى قىلغاچ بىردەم گۇرۇڭ-گۇرۇڭ پاراڭ قىلىشمامدۇق جامائەت، پاراڭ تېمىسىنى بلوگىمىزنىڭ نامى ۋە تور نامىمىز(ئادرېسىمىز) ھەققىدە بولسا ھە. ئاۋۋال مەندىن كەلسۇن بۇ پاراڭ.
بلوگ نامى- مېنىڭ تەخەللۇسۇمدىن كەلگەن. تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ، ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا بارغان تۇنجى يىلى قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۆزبېك ئالىمى ئۇلۇغبەگ ئۈچۈن يېزىلغان تارىخىي رومان ‹‹ئۇلۇغبەگ››نى ئوقۇغانىدىم، ئۇنىڭدىن باشقا مەكتەپدىكى جەرياندا ھەر قايسى تارىخىي كىتابلارنى ئوقۇپ مىللىي غۇرۇرۇم سەل كۈچۈيۈپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۇلۇغبەگ دېگەن نامغا تەڭكەش قىلىپ ‹‹ئۇيغۇربەگ››دەپ بىر ئىسىمنى ئويلاپ چىققان ھەمدە بۇ ئىسىمنى مېنىڭ تەخەللۇسۇم ئورنىدا ئىشلىتىپ ئىسىم-فامىلەمنىڭ ئارقىغا ئۇلاپ م.نىياز ئەلقۇت (ئۇيغۇربەگ)دەپ قوللىنىپ كەلگەنىدىم. كېيىن بۇ تەخەللۇسۇمدا ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى››،‹‹كومپىيۇتېر ۋە تۇرمۇش›› قاتارلىق بىر قانچە ژۇرناللاردا بىر نېمەلەرنى ئېلان قىلىپ يۈردۈم. ھازىر بۇ ئىسىمغا شۇنداق كۆنۈپ كەتتىمكى، ئۇنىۋېرسىتىتتىكى تونۇشلىرىم ھەم مېنى ‹‹ئۇيغۇربەگ››دەپ توۋلىشىدۇ. بلوگ قۇرۇش نېيىتىدە يۈرگەن مەزگىللىرىمدە، شەخسىي بلوگ قۇرارمەن دېگەن ئويۇم بولغاچقا تەخەللۇسۇمنى ئېلىپلا بلوگ نامى قىلغان ئىدىم.
تور نامىغا كەلسەم، تۇنجى قۇرغان توربېكىتىم ‹‹شاھزادە ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى››نىڭ ئارقا ئۇلانما نامى .net ئىدى ھەمدە مۇشۇ .net دېگەن تور نامى ماڭا ئالاھىدە چىرايلىق كۆرۈنگەچ، بلوگ قۇرۇش نېيىتىدە تور نامى ئالغان شۇ چاغدا ئىككىلەنمەي بلوگ نامى+.net www.uyghurbeg.net قىلىپ ئالغانىدىم. كىيىن، .com ئىسمىنىڭ بىزدە شۇنچە ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ www.uyghurbeg.comنىمۇ سېتىۋالدىم ھەمدە ئۇنى شەخسىي بلوگ قىلىپ ئىشلىتىپ كەلدىم.
ھە، ئەمدى سىلەرگە كەلدى كۆپچىلىك،بلوگ نامىڭىز ھەمدە تور نامىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ باقمامسىز؟
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [ئۇيغۇربەگدىن تىلەكنامە] قوش بايرام مۇبارەك… (5)
- WordPress سۇپىسىدا يازمىلارغا كود قىستۇرۇشنىڭ بىر نەچچە تەدبىرى (1) (14)
- [تىز ئۇچۇرلار] WordPress 3.0 beta 2 بۈگۈن رەسىمىي ئېلان قىلىندى (1)
- شەخسىي بلوگنىڭ كەلگۈسى ۋە چىقىش يولى (15)
- [تەۋسىيە يۇمتال]توربەتچىلەرنىڭ ياخشى قورالى-FlashFXP
- [WordPress ئۇسلۇبى] يېڭى ئۇسلۇب compositio تونۇردىن سويۇلدى
- wordpress تا بەلگىلىگەن ۋاقىت ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ئىنكاسلىق يازمىنى چىقىرىش ئۇسۇلى (12)
- [يەرلىك قىستۇرما] WP-beFont – ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى (8)
- نېمىشقا سىزنىڭ wordpress بلوگىڭىز E-mail ئەۋەتەلمەيدۇ (3)
- بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (2-باب: خاككېر ئېمپىرىيىسى) (3)
- Prestan Simple 3 نەشىرىنى جىددي ياساۋاتىمەن، تەكلىپ پىكىر بارمۇ؟ (27)
- js ئارقىلىق بلوگ ئۈستىگە ئۇچۇر(ئېلان) چىقىرىش (2)