- سەھىپە:WP تېخنىكىسى
- | باھا:14
- | زىيارەت: 2,229 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، Wodpress, كود, ۋوردپرېسس
WordPress سۇپىسىدا يازمىلارغا كود قىستۇرۇشنىڭ ھەققىدە توختىتىلىپ ئۆتۈشنى نەچچە رەت ئويلىغان بولساممۇ، تېخنىكىلىق ئىشلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى، ئوچۇقى، كۆڭلۈمگە ياققۇدەك بىرەر كود قىستۇرۇش ئۇسۇلىنى تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر توختىتىلىپ باقمىغان ئىدىم. بىر قانچە بلوگداش دوستلارنىڭ تەلىپى بۇيىچە بۇ نامۇكەممەل يازمامنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن، شۇنداقتىمۇ بلوگداشلىرىمغا ياردىمى تەگسە ئەجەپ ئەمەس.
سىناق ئۈچۈن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى « WordPressدە تەۋسىيە يازما، ئەڭ يېڭى يازما، ئەڭ يېڭى ئىنكاسلارنىڭ ئۆلچەملىك كودلىرى » ناملىق يازمىدىكى بىر قىسىم كودلارنى سىناققا ئىشلىتىمىز.
تەدبىرنىڭ بىرىنچىسى : قىستۇرما ئۇسۇلى
راستىنى ئېيتسام، كود قىستۇرىدىغان قىستۇرمىلارنى كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ، بىرەرسىنى بولسىمۇ راۋۇرۇس ۋە نورمال ئىشلىتىپ باققانلىرىم يوقتۇ، خەنزۇچە بىلگەن بلوگداشلارنىڭ تۆۋەندىكى مەنزىل ئارقىلىق داۋاملىق ئىزدىنىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ناۋادا ياخشىراق چارە تاپساڭلار، ئەلۋەتتە ئورتاقلاشقايسىلەر.
تەدبىرنىڭ ئىككىنچىسى: پرېستاننىڭ كود قىستۇرۇش تەدبىرى (ئالاھىدە تەۋسىيە)
پرېستان قانداق قىلىدۇ، بىلمىدىم، ئەمما پرېستان بىر ئادرېسنى ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى. توردىن ئاقتۇرۇپ باقسام فايا دېگەن بىر بېكەتكە كودنى چاپلاپ، ئۇ يەردىن HTMLگە ئايلاندۇرۇپ بەرگەن كودنى چاپلاپ، كود قىستۇرۇش مەقسىدىگە يېتىدىكەنمىز. كونكىرىتنىي قەدەم-باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىدەك:
1. تۆۋەندىكى بېكەتنى ئاچايلى ئاۋۋال، مەنزىل: http://fayaa.com/code/
2. ئاندىن 现在就试试 دېگەننى بېسىپ كود قىستۇرۇش تەھرىرلىگۈچىگە ئۆتىمىز.
3. سول تەرەپتە بىر يەردە كودنىڭ تىلىنى تاللايدىغان جاي بار، بىز سىناققا PHP كودى قىستۇرىدىغان بولغاچقا، PHP دەپ تاللاپ قويۇپ تۇردۇم ھەمدە سىناق كوددىن بىرنى چاپلاپ قويۇپ تۇردۇم. ئاندىن كود ھاسىللاش دېگەن كونۇپكىنى باستىم ( بۇ كونۇپكا نەدە دەپ سورىماڭ ھە!)
قارىسام ماڭا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىرىپ بەردى:
4. ئەمدى ئاۋۇ يەردىكى 一键复制 دېگەننى كۆردىڭىز ھە؟ يېنىدىكى HTML دېگەننى بېسىپ، HTML كودىغا ئېرىشىپ باقايلى. تۆۋەندىكىدەك كۆز نەككە ئېرىشتىمغۇ مەن، سىلەرچۇ؟
5. ئەمدى يازما تەھرىرلىگۈچىنىڭ HTML تەھرىرلەش ھالىتىگە ئۆتۈپ، ئېرىشكەن HTML كودىنى چاپلاڭ. ئۈنۈمى تۆۋەندىكىدەك:
$rand_posts = get_posts('numberposts=10&orderby=rand');
foreach( $rand_posts as $post ) :
?>
endforeach; ?>
تولۇقلىما: 4-باسقۇچدىكى كۆزنەڭنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كود ئۈنۈمىنىڭ باشقا تەڭشەكلىرىمۇ باركەن، سىناپ باققايسىلەر.
پرېستاندىن تولۇقلىما: مەزكۇر ئۇسۇلدا HTML تەھرىرلىگۈچدىن نورمال تەھرىرلىگۈچكە ئۆتۈپ كەتسە، خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ، يەنى بۇ ئۇسۇلدا پەقەت HTML تەھرىرلىگۈدىلا پايدىلىنالايسىز. شۇڭا ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىز.
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن يازمىنىڭ داۋامى ئەتە ئېلان قىلىنغۇسى، بلوگداشلار ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىلەر!
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [ئالاھىدە تەۋسىيە] WordPressنىڭ مۇقىم ئۇلانما ئىقتىدارى ۋە كۆرسەتمە كودلار (17)
- [WordPress دەرسلىكى] يىراق مۇساپىلىق بوشلۇقتا WordPress سېستىمىسىنى قاچىلاش(سىنلىق)
- WPtouch قىستۇرمىسى ئۇيغۇرچىلاشتى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى! (31)
- WordPressنىڭ نۆۋەتتىكى يېڭى نەشىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمايدۇ! (7)
- xp دىن زادى قانداق قىلىپ ھازىرقى فەچەت بولغان win7 گە كۆچتۈم؟ (2)
- بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (2-باب: خاككېر ئېمپىرىيىسى) (3)
- بىر قانچە ياخشى تور ناملىرى ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىدۇ!… (10)