xp دىن زادى قانداق قىلىپ ھازىرقى فەچەت بولغان win7 گە كۆچتۈم؟

شۇنداق قىلىپ بۈگۈن ئاخىرى win7 نى قاچىلىۋالدىم. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىزچىل xp ئىشلىتىپ كەلگەن، باشقا سىستېمىنى قاچىلاپ باقمىغان ئىدىم، چۈنكى مەن سىستېما قاچىلاشقا بەكلا ئۆچ!ئەمما،بۇ قېتىم بۇ ‹‹نەپرېتىم››نى ئىچىمگە يۇتۇپ تۇرۇپ كۆچتۈم،كۆچمەي دىگەن بولساممۇ كۆچتۈم.ئۇنداق بولسا ئەسلى گەپكە كەلسەم،  xp دىن زادى قانداق قىلىپ ھازىرقى فەچەت بولغان win7 گە كۆچتۈم؟

دىققەت بىلەن ئوقۇڭ! مەن تۆۋەندىكى باسقۇچىنى تاماملاپ تەخمىنەن 1 سائەتتە win7 نى تۇلۇق قاچىلاپ بولدۇم.

1. تەدبىركار تورى تەۋسىيە قىلغان win7 نى قاچىلاش بولىقىنى ئاۋال كومپيوتېرنىڭ D دىسكىسىغا  چۈشۈرۈۋالدىم. چۈشۈرۈپ بولۇشقا تەخمىنەن 3 سائەتكە يېقىن ۋاقىت كەتتى. ئاستىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇناسىۋەتلىك قاچىلاش بولىقى بار يازمىغا كىرىسىز.

http://www.tedbirkar.net/windows7-msdn-iso.html

2. مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا يۇمشاق دېتالىنى كومپيوتېرنىڭ D دىسكىسىغا  چۈشۈرۋالدىم، بۇ يۇمتالنى قاچىلاش ھاجەتسىز ئىكەن. قوش چېكىپلا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. سىغىمى بەكلا كىچىك ئىكەن، چەكسەملا چۈشتى. ئاستىدىكى ئۇلىنىشتىن مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا ياساش يۇمتالى بار يازمىغا كىرىسىز.

http://www.tedbirkar.net/leviniso.html

3. مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا يۇمشاق دىتالنى قوزغاتتىم، قارىسام ئېكرانىمنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى قىسمىدا بىر يېڭى بەلگە پەيدا بولدى، ئۇنى بېسىپ 创建一个虚拟光驱 نىڭ ئىچىدىن 1 تال دېگەننى بېسىپ بولۇپ ئېچىلغان كۆزنەكتىن، مەن بايام قاچىلاپ تەييار قىلىپ قويغان win7 نى قاچىلاش بولىقىنى تاللاپ بەردىم. ئاندىن 我的电脑 ئاچسام يېڭى بىر دىسكا پەيدا بولدى، ئۇنى ئاچتىم. ئىچىدىكى setup دېگەن ھۆججەتنى قوزغۇتۇپ قاچىلاشقا باشلىدىم. قاچىلاش جەريانىدا بىز قولدا قىلىدىغان ئىش بەكلا ئاز ئىكەن، قاچىلاپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە، مەندىن تور مۇھىتىنى تاللاش ۋە كومپيۇتېرغا مەخپى نومۇر سېلىش دېگەندەك ئۇششاق ئىشلارنى سورىدى، مەن ئۆزۈمگە لايىق كۆرگەن تاللاشلارنى تاللىدىم، ئەلۋەتتە سىزمۇ بۇنچىلىك ئىشلارنى قىلالايسىز.

4. win7 تۇلۇق قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، يەنى بىرقانچە قېتىم قايتا قوزغىلىپ بولغاندىن كېيىن، مەخپى نومۇرنى كىرگۈزۈپ كىردىم، كىرىپ قارىسام ئېكران يۈزىدە ئەخلەت ساندۇقىدىن باشقا ھىچ قانداق نەرسە يوق ئىكەن، قالغان نەرسىلەرنى ئۆزەم تەڭشەپ چىقىرىپ قويدۇم. راست گەپنى قىلسام كومپيوتېر بەكلا ئاستىلاپ كەتكەندەك بىلىندى، بىر كۆزنەكنى ئۇياقتىن بۇياققا سۆرىسەم ئانچە مۇنچە قېتىپ قالغاندەك بىلىندى. ھەم باشقا ئالاھىدە ئىقتىدارلىرىنىڭ بىرىمۇ يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىل دەسسىۋەتكەنددك ياپىلاقلا كۆرۈندى، بۇنداق ياپىلاق كۆرۈنۈپ قېلىشنىڭ سەۋەبىنى ۋە ئوڭشاش ئۇسۇلىنى ئاخىرىدا سۆزلەيمەن. win7 قاچىلىغانغا سەل پۇشايمان قىلىپ قالدىم، ئۆزۈمچە كومپيوتېر سېتىۋالغىلى ئۈچ يىل بولغاندىكىن شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ ھېس قىلدىم. شۇنداقتىمۇ بىر ئاكتىپلاپ باقاي دەپ ئاكتىپلىدىم. ئاستىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاكتىپلاشقا بولىقى بار يازمىغا كىرىسىز.

http://www.torhumar.com/windows7-active.html

5. تەدبىركار تورى تونۇشتۇرغان win7 نى ئاكتىپلاش قورالىنىڭ بىرىنچىسىنى توردىن چۈشۈردۈم. قوزغىتىپ 一键搞定 دېگەن خەتنى باستىم، باسسام بىر قانداق ئىشلارنى قىلىشقا باشلىدىم، ئۆزۈممۇ بىلمەي قاپتىمەن بىردەمدىن كېيىن قارىسام ئېكران يۈزى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ بوپتۇ، ھەتتا باياتىن قېتىۋالغان ئىشلارنىڭ بىرى يوق. چېكىپ بولغىچە شارت-شارت قىلىپ ئېچىلىپ بولدى. ۋاھ،،، نېمانداق پەيزى،،،!!! شۇنىڭ بىلەن 计算机 دىن 属性 نى ئېچىپ قارىسام سەن بۇ سىستېمىنى 30 كۈن ئىشلىتەلەيسەن دېگەن خەت يەنىلا شۇ پېتى بېزىرىپ تۇرىدۇ، بۇ قانداق ئىش ئەمدى؟ تەدبىركار تونۇشتۇرغان ئاكتىپلاش يۇمتالنىڭ بايام بىرىنچىسىنى ئىشلەتكەن، ئەمدى ئىككىنچىسىنى ئىشلىتىپ سىناپ باقاي دەپ ئىككىنچىسىنى چۈشۈرۈپ سىنىدىم، باسىدىغان كۇنۇپكىنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن قايتا قوزغاتمىساڭ بولمايدۇ دېگەن خەت چىقتى، ئىچىمدە ئەسلى قايتا قوزغاتسام بولىدىكەنتۇق دەپ ئويلىدىم. شۇنداق قىلىپ قايتا قوزغىتىپ بولۇپ قارىسام ئاكتىپلىنىپ بوپتۇ، فەچەت!

7. قارىسام C دىسكامدا ئاران 3G بوشلۇق قاپتۇ، جەمئىي 13 ئىدى، بۇ بولماپتۇ دەپ تەدبىركارنىڭ تورىغا يانا چاپتىم، ۋە windows مۇھىتىدىلا C دىسكىنىڭ سىغىمىنى چوڭايتىدىغان يۇمتالنى ئىزدەم ماڭدىم ۋە تاپتىم. ناھايتى چۈشۈنىشلىك قىلىپ چۈشۈندۇرۈپتۇ، بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ 25G چوڭلىقتىكى C دىسكىغا ئىگە بولۇپ قالدىم.
ئاستىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇناسىۋەتلىك يۇمتالى بار يازمىغا كىرىسىز.

http://www.tedbirkar.net/easeus-partition-master.html

6. بايام دەپ ئۆتكەن پىل دەسسىۋەتكەن ئېكراننى 启动人生2010 دېگەن يۇمتالنى قاچىلاش ئارقىلىق ئوڭشىدىم، ئەسلىدە 显卡 نىڭ دەرىجىسى تۆۋەن كېلىپ قالغان ئوخشايدۇ. شۇ بانادا باشقا بىر قىسىم 启动程序 لارمۇ يېڭىلاندى. 启动人生2010 دېگەن يۇمتالنى 360 نىڭ يۇمتال چۈشۈش دېگەن يېرىدىن چۈشۈردۈم.

شۇنداق قىلىپ مۇشۇنداق ئاسانلا قاچىلاپ بولدۇم، ئاندىن باشقا كېرەكلىك يۇمتاللارنى قاچىلىدىم. قاچىلىغان يۇمتاللىرىم تۆۋەندىكىچە:
winrar،360،win7优化大师،QQ،启动人生2010

<


1 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • نۇرنىجاد | 2012.04.21 جاۋاب

    دىۋانىلەر يوققۇ؟

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif