[تەسىرات](Günesi gördüm)دىن تۇغۇلغان ئويلار

كىچىك چاغلىرىمدىن تارتىپ تۈركىيەنىڭ كىنوسىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ كۆرەتتىم.بولۇپمۇ،كومىدىيەلىك كىنولارنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىشلەيدىغان كامال سۇنالنىڭ ‹‹شابان››ئوبرازىدىكى ھەجۋىي كىنولىرىنى قويماي دىگۈدەك كۆرۈپ چىققانىدىم.ئۇ چاغلاردا،تەڭتۇشلىرىم ئارىسىدا ‹‹ئىسمىڭ نىمە؟››دىسە ‹‹شابان››دىيىش ناھايىتى مودا ئىدى.ئۇنىڭدىن باشقا‹‹چالىقۇشى››،‹‹دانىيەدىن كەلگەن كېلىن››…قاتارلىق نۇرغۇن كىلاسسىك كىنولار يۇرتىمىزدا شۇقەدەر ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى.
كىيىن،تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىم مەزگىللىرىدە ئاساسەن دىگۈدەك ھوللىۋودنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن ئىشلىگەن سۈنئىي كىنولىرىغا مەپتۇن بولۇپ ‹‹خاككېر ئىمپىرىيىسى››دىن‹‹ھۆكۈمران ئۈزۈك››كىچە ئايلىنىپ يۈردۈم،تۈركىيەنىڭ ناخشىلىرىنى ھىسابقا ئالمىغاندا،قېرىنداش مىللەت كېلىدىغان بۇ خەلقنىڭ كىنولىرى بىلەن بولغان ئارىلىقىم بارغانسىرى يىراقلاپ كېتىۋاتاتتى.ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن،نەزىرىمدە ھېلىھەم ئوسمانلى ۋاقتىدىكى ھالىتىدە يۈرۈيدۇ دەپ ئويلايدىغان تۈركىيە بارغانسىرى دۇنيانىڭ نەزىرىنى تارتىشقا باشلىدى.مەيلى ھەربىي ئىشلار بولسۇن،مەيلى دېپلوماتىيە ۋە ياكى مەدەنىيەت جەھەتتىن بولسۇن،جۇڭگودىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا پات-پات تۈركىيەنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدۇق،بەزىدە تېخى،تۈركىيەنىڭ ياخشىراق خەۋىرى چىقىپ قالسا،خۇددىي ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋىرىدەك قىزىقىپ كۆرىدىغان بولدۇق…مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈركىيە كىنولىرىنىڭ دۇنيا كىنو ساھەسىدە داڭقى چىقىشقا باشلىدى.ئۇزاق بولمىغان ۋاقىت ئالدىدا‹‹ئۈچ مايمۇن››ناملىق فىلىم ھەتتا گانا كىنو فېستىۋولىدا ‹‹ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەل تىلى مۇكاپاتى›› ئېلىشقا ئازلا قېلىپ ‹‹مۇنەۋۋەر رېژىسسور مۇكاپاتى››غا نائىل بولدى.بۇنداق خەۋەرلەرنىڭ ئۈزۈلمەي كەپ تۇرۇشى،بارغانسىرى تۈركىيە كىنوچىلىقىغا بولغان قارىشىمنى ئۆزگەرتىشكە باشلىغانىدى…
شۇنداق قىلىپ،بۈگۈن يېقىندا كۆرگەن بىر كىنو-‹‹قۇياشنى كۆردۈم››(Günesi gördüm) مۇشۇ يىلدا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان كىنولارنىڭ بىرى بولدى…
ئىسىڭلاردا بولسا كېرەك،نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كورد قوراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك خەلقئارالىق قىززىق تىمىلارنىڭ بىرى بولغان،بۇ كېنو تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كورد قوراللىق كۈچلىرى بىلەن بولغان ئىچكى ئۇرۇشىنى ئارقا تىما قىلغان بولۇپ، ئاساسلىق ۋەقەلىكى مۇنداق: كورد قوراللىق كۈچلىرىگە تېخىمۇ قاتتىق زەربە بىرىش نىيىتىدە،تۈركىيە ئارمىيىسى پارتىزانلارنى قوغلاپ چەت تاغلىق رايونغىچە قىستاپ كېلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە قەدىمدىن تارتىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان ئىككى ئائىلىك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا بىراقلا ئۆزگىرىش يۈز بىرىدۇ.تۇقۇنۇش بارغانسىرى كۈچەيگەندىن كىيىن،داۋۇت ۋە رامول ئائىلىسى بۇ يۇرتنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ(ئەڭ ئېچىنىشلىقى،داۋۇتنىڭ ئىككى ئوغلى-بىرى پارتىزان،بىرى ھەربىي بولۇپ ئۆز-ئارا جەڭ قىلىدۇ،بۇ جەرياندا پارتىزان ئوغلى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ)،بۇلار سەرگەردان بولۇپ،بىر تونۇشىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىستانبۇلغا يېتىپ كېلىدۇ.ئىستانبۇلدا،بۇ ئىككى ئائىلە-رامول بىلەن داۋۇت ئائىلىسى يەنە ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ،رامول ئىككى ئىنىسى بىلەن بالىلىرى ۋە ئاتىسىنى ئېلىپ ئىستانبۇلدا قالىدۇ،داۋۇت ئائىلىسى قانۇنسىز كۆچمەن بولۇپ،‹‹غايىۋى دۆلەت››نورۋېگىيەگە ئاتلىنىدۇ…
بىزدىكى ھېكايىلەر-ئادەتتە مۇشۇنداق تۈگەيتى،ئاپتورلىرىمىز ھەمىشە مۇشۇنداق خاتىمە ئارقىلىق قالغان ئىشلارنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىياسىغا تاشلاپ بىرەتتى،ئەمما مەزكۇر كېنو مېنىڭ ئويلىغىنىمنىڭ ئەكسىچە باشقىچە يول تۇتۇپ كېنونى داۋاملاشتۇردى…
رامولنىڭ جان جىگىرى بولمىش ئوغلى(كىنونىڭ بېشىدىلا رامول ئوغۇل ئۈچۈن سەرسانە بولۇپ يۈرەتتى) ئايالى بالنىسقا كىرىپ ياتقان مەزگىلىدە ئىش كۆرمىگەن كىچىك قىزى ۋە تۇغما نېرۋا ئاجىز كەلگەن قىزى تەرىپىدىن ئۇقۇشماي كىرئالغۇغا كىرگۈزۈلۈپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.بۇ زەربە ئاز كەلگەندەك،رامولنىڭ كىچىك ئىنىسى قادىر كىچىكىدىن مۇئەننەس(قىز،چىشى)لىق خاراكتىرى ئالاھىدە كەلگەن ئۇ، ئىستانبۇلدىكى ئالىقانات جان بىلەن تۇنۇشۇپ،ۋۇجۇدۇدىكى پاسىقلىق ئەقىلنىڭ ئورنىغا چىقىپ ئاخىرى ئالىقاناتلار قاتارىغا قۇشۇلۇپ كېتىدۇ.بۇ نومۇس-رامولغا يەنە بىر زەربە بولىدۇ،رامول قادىرنى ئىزدەپ بارمىغان يېرى قالماي ئاخىرى ئۇنى تاپىدۇ،رامول-ئاخىرى ۋىجدان ۋە نومۇس تۇيغۇسى تۈپەيلى پاسىقلىققا پاتقان بۇ قېرىندىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ…
يەنە بىر ئائىلە-داۋۇت ئائىلىسى نورۋېگىيەگە مىڭ بىرجاپادا بېرىپ، ئۆزلىرىدىن بۇرۇن نورۋېگىيەگە كۆچۈپ كەلگەن نادىم(؟)نىڭ ياردىمى ئارقىلىق نورۋېگىيە كۆچمەنلەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېلىپ قېلىشىغا ھەمدە پاراۋانلىق قوللىشىغا ئېرىشىدۇ ھەمدە بىر تاللا بازىرىدا ئىشلەيدىغان بولىدۇ،ئەڭ خۇشاللىنارلىق يىرى شۇكى،ئەينى چاغدا مىناغا دەسسەپ بىر پۇتىدىن ئايرىلغان كىچىك ئوغلىغا سۈنئىي پۇت سەپلەپ ئۇنى يېڭىدىن بىر پۈتۈن ئادەم قىلىپ چىقىدۇ…
كېنو-مۇشۇنداق تۈگىمىدى،ئۇ يەنە ئويلىغىمنىڭ ئەكسىچە چىقتى،يەنى،رامول ئائىلىسى ئەڭ ئاخىرىدا يۇرتىغا قايتىپ كېتىش قارارىغا كېلىپ،قىزلىرىنىڭ ئۇستازىغا خەت يېزىپ رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ،چۈنكى،ئۇلار پەقەت كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇپرىقىدىلا ئاسايىشلىق،مۇھەببەت ۋە ئەركنى تاپاتتى…
كىنو-جەڭ بىلەن باشلانغانىدى،تۇنجى ئويلىشىمدا كىنونىڭ ۋەقەلىكى يەنىلا جەڭنى چۆرىدەپ تەرەققىي قىلسا بولاتتى،ئەمما رېژىسسور ئۇستىلىق بىلەن جەڭنى بىر يەرگە قايرىپ قويۇپ،ئىككى ئاددىي ئادەم ئارقىلىق تۈركىيە ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ تۈركىيە خەلقىگە بولغان تەسىرىنى يۇرۇتۇپ ئۆتكەن.ئوخشاش ۋەقەدىن ئوخشىمىغان تەقدىرگە ئېرىشكەن ئىككى ئائىلىنى يۇرۇتۇپ ئۆتكەن.ۋىجداننى سۆيىدىغانلار تولغان بىر جەمئىيەتتە،قەھرىمان دەپ تونۇلىدىغىنى كۆپىنچە ھاللاردا قانخورلۇق بىلەن داڭق چىقارغان جاللاتلار بولماستىن بەلكى،راموللاردەك ھاياتقا مۇھەببەت ۋە ئىشەنچ بىلەن باقىدىغان كىشىلەرلا قەھرىماننىڭ ئىچىدىكى قەھرىمان ھېسابلىنىدۇ.رامول-بۇ جىگەرلىك ئاتا،ھەتتاكى ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ئالدىدا بىر پەس خۇدىنى يوقاتقان بولسىمۇ،ئەمما قىزلىرى ئالدىدا،ئۆزىنىڭ ئاتىلىقىنى،ئۆزىنىڭ بىر ئەركەك ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماي ئۇلارغا يېشىنى كۆرسەتمىگەن؛قېرىندىشى قادىرنىڭ ئالىقانات بولۇپ كېتىنىشى تەقدىر دەپ سۈكۈتتە تۇرماي،بىر ئەجدادنىڭ نومۇسى دەپ تونۇپ ئۇنى بۇ يولدىن توسقان،توسۇش ئۆنۈم بەرمىگەندە،ئىنىسىنى بۇ جاھاندىن يوق قىلىدۇ.شەخسىي پىكىرىمدە، كىشىلىك تۇرمۇشدا،مۇشۇنداق ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ،يەنى ئاددىي ھەمدە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تىرمىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كىشىلەرنى خەلق ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ،مېنىڭچە،ئەمەلىيەتتە مۇشۇ كىشىلەرلا ھەقىقىي قەھرىمانلاردۇر.چۈنكى،خەلق دەل مۇشۇنداق قەھرىمانلاردىن تەركىپ تاپىدۇ،دۆلەتمۇ مۇشۇنداق قەھرىمانلاردىن قۇدرەت تاپىدۇ،چۈنكى،بۇنداق كىشىلەر-مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ داۋالغۇشى بولسۇن،مەيلى تەبىئىي زور ئاپەتلەردىن بولسۇن،خۇدىنى ھەرگىز يوقىتىپ قويمايدۇ،بەلكى ۋىجدانىنى يوقاتمىغان ھالدا،ياشلىرىنى ئىچىگە يۇتۇۋېتىپ ئەتىگە غالىبانە كۈلۈمسىرىگەن ھالدا تەر تۆكۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.قېنى ئېيتىڭچۇ؟بىر خەلق ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق قانداق قەھرىمان لازىم؟….

كىنودا ماڭا ياققان جۈملىلەر:
(داۋۇتنىڭ چوڭ ئوغلى ۋىدالىشىشقا كەلگەن ئاخشىمى بولغان دىئالوگ)
بارات:ناۋادا بىر كۈن،جەڭ مەيدانىدا ئۇچرىشىپ قالساق قانداق بولارمىز؟
سەرھات: نىمە بولماقچىدى، مەن ئۆلسەم،مەن ناھايىتى بىر تىررورېست،سەن بولساڭ بىر شېھىت بۇلىمىز شۇ!…

(قۇمانداننىڭ داۋۇتقا دىگەن سۆزى)
قۇماندان:ئۆي ئىچىدە ئۆي،دۆلەت ئىچىدە دۆلەت بولمايدۇ،ئوغلىڭىزغا ئېيتىڭ،تەسلىم بولسۇن!…

(رامول ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەندىن كىيىن)
رامول:يا رەببىم،سەن دۇئايىمنى مۇستىجاد ئەتتىڭ.مەن ساڭا قىلغان نەزىرىمنى(قەسىمىمنى) چوقۇم بىجا كەلتۈرىمەن…

(رامولنىڭ ئايالى بىلەن يەنە يەنە بىر ئايال بىلەن بالا توغرۇلۇق بولغان سۆھبەت)
ھاۋا:قىز بولغان ياخشى،ئىشقىلىپ بۇ يەردە ئوغۇل تۇققاننىڭ پايدىسى يوق،چوڭ بولغاندا يا دۆلەتكە ئەسكەر بولىدۇ،يا چىقىپ باندىت(پارتىزان) بولىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا ھىچ ئىش يوق!…

(ھاۋا رامولدىن ‹‹ئەگەر قىز تۇغسام باشقا بىرى بىلەن توي قىلامتىڭ؟››دەپ سورىغاندا بەرگەن جاۋاب)
رامول:بالىلىرىمنىڭ ئانىسى.ھاياتىمنىڭ قۇياشى سەن.كۆزۈم سەندىن باشقىسىنى كۆرمەس.

(ھاۋا ئوپىراتسىيەگە ماڭغان ۋاقىتتا دوختۇرغا دىگەن سۆز)
رامول:ئايالىمنى ئاۋۋال خۇداغا،ئاندىن سىزگە تاپشۇردۇم!…

(داۋۇتنىڭ نورۋېگىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ سورىقىغا بەرگەن جاۋابى)
بىز ياشىغان جاي جاھاننىڭ ئەڭ گۈزەل جايى ئىدى،ئەمما،ئورۇش-بىزنى يۇرتىمىزدىن ئايرىدى،ئوغلىمىزدىن بەزىلەر تاغقا چىقىپ باندىت بولدى،بەزىلەر ئەسكەر بولۇپ شېھىت بولدى.ياشايدىغان يېرىمىزدىن مەجبۇرلىنىپ،جەننەتتەك گۈزەل ماكاننى تاشلاپ مۇساپىر بولدۇق…
(نادىمنىڭ داۋۇتلارنى ئايلاندۇرغاچ قىلغان سۆزى)
مەيلى بۇ يەردە قۇشلار سايرىسۇن،گۈللەر ئېچىلسۇن،بىر ۋەتەن ئىزلىدىم؛مەيلى بۇ يەردە قېرىنداشلار ئىناق ئۆتسۇن ياكى بىر-بىرىگە تىغ كۆتۈرۈشۈپ،ئۆز-ئارا قان تۆكۈشسۇن،بىر ۋەتەن ئىزلىدىم.ۋەتەن ئىزلەپ،ئاخىرى ئەۋلادلىرىمنى تىنىچ بولسۇن دەپ بۇ يەرگە كەلدىم…
دۇنيادا جاندىنمۇ ئەزىز نىمە بار؟نېمىشقا ئورۇش تىنچلىقدىقمۇ مۇھىم؟
پارتىزانلار‹‹تاغلارغا كەل،تاغلارغا كەل!›› دەپ ناخشا ئېيتسا،ھەربىيلەر ‹‹تاغلارغا چىقىپ سەنلەرنى قىيما-چىيما قىلىمىز!››دەپ سۈرەن سالىدۇ.
ناۋادا كىشىلەر بىر تۇپراقتا قېرىنداشلاردەك ئۆتۈپ بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتالىسا نەقەدەر ياخشى ھە!

(رامولنىڭ قىزلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا يازغان خېتى)
بىز باشلىغان بۇ جەڭدە،ئانىلار بىر چەتتە يېغلىشىپ تۇرار،مەن ئىشىنىمەنكى،پەقەت ئانىلارلا بۇ جەڭنى ئاخىرلاشتۇرالايدۇ!…

http://eee4.cc/html/juqing/2010/0205/17772.html

بۇيەردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ



无觅相关文章插件,快速提升流量


9 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • گۈلدار | 2010.08.6 جاۋاب

    بۇ كىنۇ تۆنۈگۈن چۈشۈرۈپ يىغلاپ ئولتۇرۇپ كۆردۈم. رەھمەت سىزگە ئۇيغۇربەگ، يەنە كىنۇلار بولسا يوللاپ قويسىڭىز. ياخشى كىنولارنى يوللايسىزكەن.

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.08.6

      ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن،تەسىرلىك كىنو بۇ.ئېيتىلىشىچە،مەزكۇر كىنونىڭ رېژىسسورى ھەم تۈركىيەدىكى بىر نۇپۇزلۇق كۇرد كىشىسى ئىمىش.
      دىققىتىڭىز داۋاملىق كىيىنكى يازمىلىرىمىزدا بولسۇن! 8)

  • LAQIN | 2010.10.13 جاۋاب

    Kequr,kerindixim.tifonda torga qikkaxka uyghurqe het yazalmidim

  • LAQIN | 2010.10.13 جاۋاب

    Torbiting yahxi yazmilarbarken, toluk ottoridiki sawakdaxliring bilan yizixkan hetlarni kordom.haziki iqkirde ukuhan nurgun ballar yizix tugul sozlexning hoddisidin qikalmaydu.

  • LAQIN | 2010.10.13 جاۋاب

    Uy yizikidiki muxundak torbetlerning tihimu rawajlinixiha tilekdaxmen!

  • LAQIN | 2010.10.13 جاۋاب

    I like my mother language than I can say!

  • [...] قېتىم،«قۇياشنى كۆردۈم»بىلەن «دادام ۋە ئوغلۇم» ھەققىدە تەسىرات يازغاندىن [...]

  • ئاققىر | 2011.02.26 جاۋاب

    بۇ يازمىڭىزنى مىسرانىم تورىدا كۆرگەندىن كىيىن، راسلا قىزىقىپ كۆرگەن ئىدىم.دىگەندەك ناھايتى ياخشى كىنو ئىكەن. شۇنۇڭ بىلەن ئۆزۈمنى باسالماي ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم قىلىپ ئاق بۈركۈت تورىغا بەرگەن ئىدىم.ئالدى بىلەن بۇ فىلىمنى تونۇشتۇرغان سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن.

  • [...] بەلكىم،‹‹قۇياشنى كۆردۈم››ناملىق فىلىمنى،شۇنداقلا يېقىندا تازا غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان ‹‹نىيۇ-يوركتا بەش مۇنار››فىلىمىنى كۆرگەنلەر بولسۇن،مەزكۇر فىلىمنىڭ رېژىسسورى بولمىش ماھسۇن قىرمىزگۈلگە شۇنداق قول قويغان بولىشى مۇمكىن.شۇنداق،كۇرد نەسلىدىن بولغان ماھسۇن قىرمىزگۈل مەيلى كىنو ساھەسىدە بولسۇن،مەيلى ناخشا ساھەسىدە بولسۇن،تۈركىيە سەھنىسىدە يىتۈك ‹‹چولپان››دۇر،بۇ قېتىم ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنغىنىمىز قىرمىزگۈلنىڭ ناھايىتى مۇڭلۇق ناخشىسى ‹‹ۋاپاسىز››دۇر،يازما ئاخىرىغا مەزكۇر ناخشىنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى ھەم تەمىنلىدۇق،ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر!… [...]

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif