- سەھىپە:WP تېخنىكىسى
- | باھا:15
- | زىيارەت: 2,691 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، blog, html, wordoress
ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىز «WordPressنىڭ مۇقىم ئۇلانما ئىقتىدارى ۋە كۆرسەتمە كودلار»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئەمەلىيەتتە ساختا تىنچ بەت(伪静态) ھاسىل قىلىشنىڭ تەدبىرى بولۇپ، بۇ تەدبىر ئادەتتە Linux مۇھىتىدا شۇنداق ساز ئىشلەيتى. يېقىندا بىر قىسىم بلوگداشلار ئېلخېتىمگە خەت يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەدبىرنى قوللىنالمىغانلىقىنى ئېيتىشتى. بىلسەم Windows بوشلۇقى ئىكەن، مەنمۇ بۇرۇن Windows بوشلۇقى ئىشلەتكەن ئىدىم، شۇڭا بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدىدىم. بۇرۇن بادام بلوگىدا مۇشۇ خىلدىكى يازمىنى ئۇچراتقان، بۇ قېتىم مەنمۇ يەنە بىر قېتىم توختىلىپ ئۆتەي. ھە راست، WordPress سېستىمىسىنى ياخشى ئىشلىتىمەن دېسىڭىز Windows بوشلۇقىدىن ئۇزاق تۇرۇڭ، يازمىغا مەرھەمەت…
تەدبىرنىڭ پادىشاھى: php.ini ھۆججىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش
ئەسكەرتىش: بۇ تەدبىرنى قوللىنىشتىن بۇرۇن، بوشلۇق ساتقان تەرەپ بىلەن ئالاقە قىلىپ بوشلۇقىڭىزنىڭ ساختا بەت(IIS Rewrite 组件)نى قوللايدىغان-قوللىمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىڭ، تۆۋەندىكى مەزمۇن IIS6.0 مۇھىتىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
1. php.ini ھۆججىتىدىن بىرنى قۇرۇڭ ( خاتىرە دەپتەرنىڭ ئېچىپ، ئىسمىنى php دەپ قويۇڭ، ئاندىن كېڭەيتىلگەن نامى .txtنى .iniغا ئۆزگەرتسىڭىزلا بولىدۇ)"، ئاندىن php.ini ھۆججىتىگە تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ:
[ISAPI_Rewrite]
# Defend your computer from some worm attacks
#RewriteRule .*(?:global.asa|default\.ida|root\.exe|\.\.).* . [F,I,O]
# 3600 = 1 hour
CacheClockRate 3600
RepeatLimit 32
# Protect httpd.ini and httpd.parse.errors files
# from accessing through HTTP
# Rules to ensure that normal content gets through
RewriteRule /tag/(.*) /index\.php\?tag=$1
RewriteRule /software-files/(.*) /software-files/$1 [L]
RewriteRule /images/(.*) /images/$1 [L]
RewriteRule /sitemap.xml /sitemap.xml [L]
RewriteRule /favicon.ico /favicon.ico [L]
# For file-based wordpress content (i.e. theme), admin, etc.
RewriteRule /wp-(.*) /wp-$1 [L]
# For normal wordpress content, via index.php
RewriteRule ^/$ /index.php [L]
RewriteRule /(.*) /index.php/$1 [L]
2. كودنى چاپلاپ بولغاندىن كېيىن، php.ini ھۆججىتىنى ساقلاپ، ئۇنى بوشلۇقنىڭ WordPress سېستىمىسىنى ئورناتقان باش فولدېر(ھۆججەت قىسقۇچى)غا يۈكلەڭ.
تەدبىرنىڭ ئاكىسى : 404.php ھۆججىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش
1. php ھۆججىتىدىن بىرنى قۇرۇڭ ئاندىن تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ ئاندىن 404.php قىلىپ ساقلاڭ:
$qs = $_SERVER['QUERY_STRING'];
$_SERVER['REQUEST_URI'] = substr($qs, strpos($qs, ':80')+3);$_SERVER['PATH_INFO'] = $_SERVER['REQUEST_URI'];include('index.php');?>
ئەسكەرتىش: 404.php ھۆججىتىنى ساقلىغالدا كودلىنىشىڭ UTF-8 بولىشىغا دىققەت قىلىڭ.
2. كودنى چاپلاپ بولغاندىن كېيىن، 404.php ھۆججىتىنى ساقلاپ، ئۇنى بوشلۇقنىڭ WordPress سېستىمىسىنى ئورناتقان باش فولدېر(ھۆججەت قىسقۇچى)غا يۈكلەڭ.
يۇقارقى ئىككى تەدبىرنىڭ خالىغان بىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئارقا سۇپىغا كىرىپ مۇقىم ئۇلانمىنى خالىغانچە تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئاخىرىدا سۈيۈملۈك بلوگگېرلارنى شۇنداق ئەسكەرتەيمەنكى:
ھاياتلىقنى قەدىرلەپ، چىشى بوشلۇقتىن يىراق تۇرايلى!
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- WordPress نىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشدىن ئېرىشكەن تەجرىبەم (10)
- [WordPress قىستۇرمىسى]Auto Highslide ھەققىدە (1)
- ئەمرە ئالتۇغ ئىجراسىدىكى مۇڭ ناخشا ‹‹ئاشىق قىيامەت››(ئۇيغۇرچە خەتلىك)
- [WordPress ئۇچۇرى] WordPress 3.1 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى
- بلوگ ئاپتورىنىڭ Gravatarباش سۆرىتىنى بلوگنىڭ Favicon سۆرىتى قىلىپ بەلگىلەش تەدبىرى (25)
- توربەت لايىھەلەشدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 12 خىل رەڭ (8)
- wordpress پارولى توغرا تۇرۇپمۇ باشقۇرۇش بېتىگە كىرگىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش (6)
- [يەرلىك قىستۇرما] WP-beFont – ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى (8)
- نېمىشقا سىزنىڭ wordpress بلوگىڭىز E-mail ئەۋەتەلمەيدۇ (3)
- بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (2-باب: خاككېر ئېمپىرىيىسى) (3)
- Prestan Simple 3 نەشىرىنى جىددي ياساۋاتىمەن، تەكلىپ پىكىر بارمۇ؟ (27)
- js ئارقىلىق بلوگ ئۈستىگە ئۇچۇر(ئېلان) چىقىرىش (2)