- سەھىپە:WP ئۇچۇرلىرى
- | باھا يوق
- | زىيارەت: 658 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، Wordpress, ئۇيغۇر
WordPress 3.1 ئۇيغۇرچە نەشرى ئۈلۈشكۈن رەسمىي تارقىتىلدى. باشقۇرۇش بېتىڭىزدىكى كۆرسەتمىگە ئاساسەن ئاپتوماتىك يېڭىلىۋالسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا ئىنگىلىزچە نەشرىگە يېڭىلاپ سالغان بولسىڭىز، باشقۇرۇش بېتىڭىزگە كىرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئادرېسنى زىيارەت قىلىڭ:
http://tor-betingiz-yaki-wordpress-ning-adresi/wp-admin//update-core.php
ئۇيغۇرچە نەشىرىنى بۇيەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.
ئۇيغۇرچە نەشرىدىكى ئۆزگىرىشلەر
1. خەت شەكلى UKIJ Tuz Tom،AlKatip Tor ،Alpida Unicode System ،Uyghur Ekran قاتارلىق تۆت فونتقا توغرىلاندى.
2. بۇرۇنقى نەشرىدە قوشۇپ تارقىتىلغان fonts ھۆججەت قىسقۇچى ئۆچۈرۈۋېتىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا بىرلا CSS ئارقىلىق بارلىق بەتلەردىكى خەت نۇسخىسىنى بەلگىلەشكە بولىدىغان قىلىندى. ئۆزىڭىزنىڭ EOT ھۆججىتىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز،wp-content/languages/fontfaces.css ھۆججىتىنى تەھرىرلەپ چىقىڭ.
3. UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىنىڭ EOT ھۆججىتى تەمىنلەندى.
4. باشقۇرۇش بېتى ۋە ئۇسلۇبنىڭ خەتلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى ئاساسەن 12px قىلىپ تەڭشەلدى. پىرسەنت بويىچە تەڭشەلگەن ئورۇنلار ئۆزگەرتىلمىدى. شۇڭا بىر قىسىم ئورۇنلاردا خەتلەر يەنىلا كىچىك كۆرۈنۈشى مۇمكىن.
ھەل قىلىنمىغان مەسىلە
قاچىلاش جەريانىدىكى تور بەت نامىنى كىرگۈزىدىغان ئورۇن، باشقۇرۇش بېتىدىكى كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچ ۋە تېز يوللاش كۆزنىكىگە بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىدى. گەرچە ئۇيغۇربەگ تور تۇراسى ۋە تورخۇمارلار كۇلۇبىدىكى ئۇسۇل بويىچە tinymce ھۆججىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئۆزگەرتىش ساقلاپ قېلىندى. شۇڭا بىر قىسىم تور كۆرگۈلەردە نورمال كىرگۈزگىلى بولۇشىمۇ مۇمكىن.
تۇرايىمىزدىن سەمىمىي ئەسكەرتىش
بىر قىسىم بلوگگېرلارنىڭ تۇرايىمىزغا بەرگەن ئىنكاسلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى نەشىرىدىكى مەزكۇر سېستىمىدا قىسمەن كەمچىلىكلەر ساقلانغان بولۇپ، بلوگ سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىش(نامەلۇم سەۋەب)، يازما تەھرىرلەش ئورنىدا خاتالىق كۆرۈلۈش قاتارلىق بىنورمال ئەھۋال ساقلانغان. شۇڭا، نەشىرىنى كۆتۈرمىگەن تورداشلارنىڭ ۋاقتىنچە كۈتۈپ تۇرۇپ،سېستىما مۇقىملاشقاندا ئاندىن مەشخۇلات قىلىشىنى ۋە ياكى مەشخۇلات قىلىشتىن بۇرۇن،ساندان ۋە يۈكلەنگەن ھۆججەتلەرنى زاپاسلاپ قويۇشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- WordPress ئۆزى تەمىنلىگەن فۇنكىسىيەلەر ئارقىلىق بېكەت ئۇچۇرلىرىنى ستاتىستىكىلاش (8)
- ئەلكۈيىدە يېزىشقان خەتلەر-3 (8)
- WordPressنىڭ نۆۋەتتىكى يېڭى نەشىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمايدۇ! (7)
- [ ئاجايىباتلاردىن ] سىز بىلمەيدىغان 10 جاھاننامىنى تېپىپ چىقتىم،ماڭا ئىشىنەمسىز؟ (21)
- [WordPress قىستۇرمىسى] WordPress Related Posts ھەققىدە
- كېلىڭلار ئەزىمەتلەر، WordPress بلوگىمىزغا MP3 قويغۇچنى بىكالىق ھەمدە قىستۇرمىسىز ئورنىتىۋالايلى! (26)
- ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرى بىلەن جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدىكى پەرقلەر، كۆرسىڭىز ھەممىنى بىلىسىز!… (38)
- « 58- نۆۋەتلىك بېرلېن ئەڭ نادىر قىسقا فىلىم مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن نادىر فىلىم – پەلەك (13)
- چەتئەلدە ئىشلەنگەن مىكروكىنو–تاملار ئارقىسىدا… (8)
- يېقىندا كۆرۈپ تۈگەتكەن، ماڭا ناھايىتى ياققان ئېسىل كارتون فىلىم–باتۇرلۇق قىسسىسى (9)
- شۇ ناملىق پوۋېسىتقا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مىكرو كىنو – رەھىمسىز دەريا (15)
- 73-قېتىملىق ئەڭ نادىر ئوسكار كارتون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن قىسقا كارتون فىلىم–ئاتا ۋە قىز (9)